نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

پۇتبول مەيدانىدىكى چۈچۈك پاراڭلار | تاللانغان بىر يۈرۈش پۇتبول يۇمۇرلىرى

بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىر توپچىنىڭ قول بارمىقى ئېغىر يارلىنىپتۇ، مۇسابىقىدىن كېيىن ئۇ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ سوراپتۇ، «دوختۇر، قولۇم ساقايغاندىن كېيىن پىئانىنو چالالايمەنمۇ؟ »
دوختۇر ئۇنىڭغا « چاتاق يوق ، چوقۇم چالالايسىز » دەپتۇ. پۇتبولچى خوشال بولغان ھالدا ، «نېمىدىگەن ياخشى ئىلگىرى پەقەتلا پىئانىنو چالامايتىم»

بىر تەنتەربىيە خەۋەرلىرى مۇخپىرى بىلەن بىر پۇتبولچى بىر ياتاقتا يېتىپ قاپتۇ، ئەتىسى سەھەردە پۇتبولچى بېرىپ كوماندا دوختۇرىغا كۆرۈنۈپتۇ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇخپىر ئۇنىڭدىن «دوختۇر نېمە دىدى ؟»  دەپ سوراپتىكەن، پۇتبولچى « دوختۇر مېنى تىنىچ مۇھىتتا ، ياخشى ئارام ئالغىن دېدى، ھەم ماۋۇ تېنىچلاندۇرۇش دورىسىنى يېزىپ بەردى»  دەپتۇ، مۇخپىر ئۇنىڭغا «ئەمىسە مەن بېرىپ قايناقسۇ ئەكىلەي، دوراڭنى ۋاقتىدا ئىچىپ ياخشى ئارام ئالغىن» دەپتىكەن، پۇتبولچى مۇخپىرغا « دوختۇر بۇ دورىنى ماڭا ئەمەس ساڭا كېسىپ بەردى» دېگۈدەك.

بىر كۈنى ئەتىگەندە ئالتىنچى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان بىر  توپ مەستانىسى بەشىنچى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان قوشنىسىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ،« تۆنۆگۈن ئاخشامقى گىرمانىيە بىلەن كوستارىكا نىڭ مۇسابىقىسىنى كۆردىڭىزمۇ»  دەپ سوراپتىكەن، قوشنىسى «كۆرمىدىم ،بىراق تۆتتە ئىككى بولغىنىنى بىلىمەن»  دەپتۇ، توپ مەستانىسى « ھە، ئۇنداقتا مۇسابىقىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنى كۆرۈپسىز دە » دەپتىكەن، قوشنىسى «ئۇنىمۇ كۆرمىدىم » دەپتۇ . توپ مەستانىسى « ئۇنداقتا مۇسابىقە نەتىجىسىنى قانداق بىلدىڭىز؟» دەپ سوراپتىكەن. قوشنىسى « سىز ئاخشام تۆت قېتىم داسنى چالدىڭىز ئىككى قېتىم بوتولكا چاقتىڭىز» دەپتۇ.

زىدانى: «پەرەز قىلىپ باقققىنا ، مەن مۇئاشىمنى ئالغاندىن كېيىن قانداق قىلىمەن؟»
فىيگو:« بىر موچەننىمۇ قالدۇرماي ئايالىڭغا تاپشۇرىسەن»
زىدانى: «خاتا، مەن پۇلنىڭ ھەممىسىنى بانكىغا قويىمەن»
فىيگو:« خو، ئوغۇل بالا ئەكەك »
زىدانى: «پۇلنى بانكىغا قويۇپ بولۇپ، پۇل چېكىنى ئايالىمغا تاپشۇرىمەن»

بىر-جۈپ ئەر-ئايال پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرۈۋېتىپ، ئايالى ئېرىدىن «ئالدىمىزدا ئولتۇرغان ئاۋۇ ئادەم نېمىشقا يېنىدىكى ئادەمنى تىللايدۇ؟» دەپ سوراپتىكەن، ئېرى «ئۇنىڭ يېنىدىكى ئادەم باياتىن رىپىر غا بوتولكا ئاتقانلىقى ئۈچۈن» دەپتۇ، ئايالى« ۋاي ئۇ ئاتقان بوتۇلكا رىپىرغا تەگمىدىغۇ»  دېسە، ئېرى« تەگمىگەچكە ئىزاسىنى ئىشتىۋاتىدۇ» دەپتۇ.

مەلۇم بىر پۇتبولچى باشقا كوماندىغا ئالماشماقچى بوپتۇ، كوماندا ئالمىشىشتىن بۇرۇن توپچىلاردىن مەدەنىيەت بىلىملىرىدىن ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن، ئۇ توپچىنىڭ تېرنىرى ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئىمتىاھان ئالغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ« توپچىلىرىمىزنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيىسى سەل تۆۋەنرەك ئىدى، سوئالنى بەك تەس چىقىرىۋەتمىسەڭلار » دەپ ئۆتۈنۈپتۇ، ئىمتىھان ئالغۇچىلار ماقۇل بوپتۇ. ئىمتىھان باشلىنىپ، ئىمتىھان ئالغۇچى توپچىدىن «بەش نى يەتتىگە كۆپەيىتسە قانچە بولىدۇ؟» دەپ سوراپتىكەن، توپچى سەل ئويلىنىپ كېتىپ« ئوتتۇز بەش» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ، ئىمتىھان ئالغۇچى ئەمدى بىر نېمە دەي دەپ بولغىچە ياندا تۇرغان تېرىنېر« ئۆتۈنۈپ قالاي،  ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم جاۋاپ بېرىش پۇرسىتى بەرگەن بولساڭلار» دېگۈدەك.

بىر توپ مەستانىسى مىجەزدە كېلىشەلمەسلىك تۈپەيلى ئايالى بىلەن ئاجرىشىش قارارىغا كەپتۇ . بىر كۈنى ئۇ يېڭى قىز دوستىنى ئېلىپ پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرگىلى بېرىپتۇ . توپ مەيدانىدا ئۇنىڭ قېينىئاتىسى ( ئۇمۇ توپ مەستانىسىكەن ) ئۇ ئىككىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ – دە ، يېنىدىكى ھەمراھىغا ئاچچىقلاپ دەپتۇ : _ بۇ سولتەكنىڭ قىلغان ئىشىنى قارا ، دەسلەپكى ماھىر مەيداندىن چۈشمەي تۇرۇپلا ، زاپاس ماھىرنى مەيدانغا چىقىرىۋاپتۇ ! …

2002-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ، جۇڭگو كوماندىسى بىر توپمۇ كىرگۈزەلمەي ، ئۈچ مەيداننىڭ ھەممىسىدە ئۇتتۇرۇپتۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار جۇڭگوغا قايتىپ كەلسە توپ مەستانىلىرىنىڭ ئۇلارنى ئۇرۇشىدىن ئەنسىرەپ قاپتۇ . سۈن جىخەي قايتىپ بارغاندىن تىلەمچى قىياپىتىگە كىرىۋاپتۇ – دە ، يولدا ئۇچرىغان بىر مومايغا يۈز كوي بېرىپ :
_ مەن كىم ، تونۇمسەن ؟
_ سەن سۈن جىخەي .
_ قانداق تونۇۋالدىڭ ؟
_ باشقىلارغا دېمە ، مەن خاۋ خەيدۇڭ ! …

بىر كۈنى داڭلىق مەشقاۋۇل مۇرىنخو ياردەمچى تېرىنېرغا مۇنداق دەپتۇ . . . . . .
مۇرىنخو : مەن ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېرىنىر ، پۇتبول بىلىملىرى ئىچىدە بىلمەيدىغىنىم يوق . . . . .
ياردەمچى تېرىنىېر : شۇنداقمۇ ؟ ئەمىسە سىزدىن سوراپ باقاي ، ۋاراتار تورىنىڭ تۈشۈگى قانچە ؟
مۇرىنخو : « . . . . . . . . »

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرىدە چەك تارتىش ئارقىلىق بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن جۇڭگو كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشىدىغان بولۇپ بەلگىلىنىپتۇ. مۇسابىقىدىن بۇرۇن بىرازىلىيە كوماندا ئەزالىرى ياباۋ يولىدىكى  بىر قاۋاقخانىدا مەي-شاراپ ئىشكەچ پاراڭلىشىپ قاپتۇ، كۆپچىلىك بىردەك «بىز دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا ، ھەممىمىز بېرىپ مۇسابىقىگە چۈشسەك قىزىپ كېتىپ توپنى بەك كۆپ ئۇرىۋىتىپ قېلىشىمىز، ساھىبخاننىڭ يۈزىنى بەك سەت تۆكۈۋىتىشىمىز مۈمىكىن، شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشىسى بىرلا ئادەم بېرىپ مۇسابىقىگە چۈشسۇن، قالغانلار ئولتۇرۇپ ھارىقىمىزنى ئىچىۋېرەيلى» دېگەن قارارغا كەپتۇ، ھەمدە كوماندا باشلىقى رونالدىنخو نىڭ پىكىرى بويىچە مىلان ھۇجۇمچىسى پاتو نى مۇسابىقىگە چۈشۈشكە ئەۋەتىپتۇ. پاتو خوشياقمىغان ھالدا مۇسابىقىگە چۈشكىلى كېتىپتۇ. قالغانلار مۇسابىقە ئەھۋالىنى تېلىۋىزوردىن كۆرگەچ ھارىقىنى ئىچىشىۋىرىپتۇ. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇت بولغاندا پاتو ئۆزى يالغۇز قارشى تەرەپنىڭ 11 ئادىمىنى ئالداپ ئۆتۈپ ۋارتاغا بىر توپ ئۇرۇپتۇ، بۇنى كۆرگەن رونالدىنىخو ناھايىتى خوشال ھالدا« قۇيە ھارىقىڭنى، بولدى تېلىۋىزورنى ئۆچۈرىۋەت، بىز چوقۇم يېڭىمىز» دەپتۇ. ئارىدىن ئىككى سائەت ئۆتۈپ پاتو كەيپىياتى ناھايىتى ناچار ھالدا قاۋاقخانىغا قايتىپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن رونالدىنىخو پاتوغا: «پاتو ئۇكام، نېمە بولدۇڭ، بېشىڭ ساڭگىلاپلا كېتىپتىغۇ؟» دەپ سوراپتىكەن ، پاتو يىغلامسىراپ تۇرۇپ «بىز ئىككىدە بىر نەتىجە بىلەن مۇسابىقىدە ئۇتتۇرىۋەتتۇق» دەپتۇ، رونالدىنىخو پاتوغا تەسەللىي بېرىپ، «بوپتۇ ئۇكام ، بىر ئادەم 11 ئادەم بىلەن مۇسابىقە ئويناپ ئىككىدە بىر قىلماقمۇ ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساھىبخان كوماندىغا ئانچە-مۇنچە يۈز بەرمىسەكمۇ بولمايدۇ» دەپتىكەن. پاتو «ئۇنىسىغۇ شۇ، لېكىن قاملاشمىغان يېرى مەن مۇسابىقە باشلىنىپ ئالتە مىنۇت بولغاندا دۇڭفاڭجو نى پۇتلاپ سېلىپ قىزىل كارتا يەپ كەتتىم. دېگۈدەك.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ۋەتەن 2011.08.09 , 01:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھا…

  2. ۋەتەن 2011.08.09 , 01:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاياتنى قەدىرلەپ دۆلەت پۇتبۇل كوماندىسدىن يىراق تۇرايلى، ئۇلارنى نەدە كۆرسەك ئۇرايلى !

  3. Bekle 2011.08.09 , 02:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھې ھې ھې جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئىشلىرىنى ھەجەپ قاملاشتۇرۇپسىز :mrgreen:

  4. نامسىز 2011.08.09 , 03:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر ئامېرىكىلىق تەڭرىدىن سوراپتۇ:
    -بىز قاچان دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنىڭ چېمپيونى بولالايمىز؟
    -10 يىلدىن كىيىن.
    -ۋاي تەڭرىم…
    ياندا تۇرغان بىر كورىيەلىك بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇمۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ باقماقچى بوپتۇ.
    -بىزچۇ؟ بىز قاچان چېمپيون بولالايمىز؟
    -سەن بۇ ئۆمرۈڭدە بۇنى كۆرەلمەيسەن…
    كورىيەلىك ناھايىتى ئازابلىنىپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىپتۇ.
    بۇ ۋاقىتتا يولدىن بىر جوڭگۇلۇق ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىكەن. ئۇمۇ قىزىقىپ سوراپ باققۇسى كەپتۇ.
    -بىزچۇ؟ بىزنىڭ دۆلىتىمىز قاچان چېمپيون بولالايدۇ.
    تەڭرى بۇ گەپنى ئاڭلاپلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىپتۇ.
    -نېمە بولدى؟ نېمىشقا يىغلايسەن؟؟؟
    -مەن بۇ ئۆمرۈمدە بۇنى كۆرەلمىگىدەكمەن…

    • ئو.تۇرپان 2011.08.09 , 13:38

      ماۋۇسى قاملاشماپتۇ جۇمۇ! ……..

  5. نامسىز 2011.08.09 , 03:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىككى جوڭگۇلۇق ئۇرۇشۇپ قاپتۇ.
    ئا: ۋۇ چوشقا…
    ب: (سۈكۈت)
    ئا: ئىتنىڭ كۈچۈگى. ھايۋان…
    ب:(سۈكۈت)
    ئا:ئاناڭنى….#$#@!@!@!@$$#$@$@$@#$$@#$@$
    ب:(سۈكۈت)
    ئا ھەرنېمە دەپمۇ ب نى تېرىكتۈرەلمەپتۇ. ۋە تۇيۇقسىز كاللىسىغا بىر ئەقىل كەپتۇ.
    ئا:سېنىڭ ئاكاڭنى دۆلەت پۇتبول كوماندىسىدا توپ تېپىدۇ دەيدىغۇ.
    ب:سېنىڭ ئاكاڭ توپ تېپىدۇ ئۇ يەردە. ھۇ ھا….دىن بولغان. كېلە…(گۈلدۈر-گۇپپاڭ. مۇش پەشۋا…)

  6. نامسىز 2011.08.09 , 03:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئا: ئاداش. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ دەششەت قورقۇنۇشلۇق فىلىمىدىن بىرسى چىقىپتۇ، قىز-ئاياللارغۇ قورقۇنۇچلىقىدىن كۆزىنى ئېچىپمۇ قارىيالمايدىكەن ئېكرانغا. خېلى مەن-مەن دېگەن ئەركىشىلىمۇ كۆرۈپ قورقىنىدىن ئىشتىنىغا چىقىرۋېتىپتۇدەك. ئۆزەڭ بىلىسەن، مەنمۇ قورقۇنۇچلۇق فىلىم دېگەننى كېچىدە ئۆزەم يالغۇز يانماي كۆرۈپ چىقىمەن. لېكىن، ئاشۇ فىلىمنى ئىشقىلىپ شۇنچىلىك تەستە كۆرۈپ تۈگەتتىم. تاس قالدىم ئايلىنىپ قالغىلى…
    ب: ئاقماس گەپ، بىڭسىڭ بولسا دۆلەت كوماندىسىنىڭ توپ تېپىشىنى كۆرە.

  7. نامسىز 2011.08.09 , 04:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەشھۇر شەخىسلەر ۋە تەبىئەتنىڭ دۆلەت پۇتبولى توغرىسىدا ئېيتقانلىرى:

    ئەگەر جۇڭگو كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىدا چېپميون بولسا ، مەن ئۆڭكۈردىن چىقىپ ئۆزەمنى مەلۇم قىلىمەن. (بېنلادىن)
    ئەگەر جۇڭگو كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىدا چېپميون بولسا ، ئاتوم تەتقىقاتىنى توختىتىمەن. (ئەھمەدى نىجاد)
    ئەگەر جۇڭگو كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىدا چېپميون بولسا ، مەن دۆلىتىمدە ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى ئېلىپ بارىمەن. (كىم جوڭئىل)
    ئەگەر جۇڭگو كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىدا چېپميون بولسا ، مەن بېنلادىننى چوڭ دادام دەپ ئېتراپ قىلىمەن. (بېنلادىن)
    ئەگەر جۇڭگو كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىدا چېپميون بولسا ، مەن بارلىق بايلىقىمنى ئافرىقىغا ئىئانە قىلىپ، ئاددى پۇقرا بولۇپ ياشايمەن. (مېكسىكىدىكى زەھەر ئەتكەس گورۇھىنىڭ ئاتامانى)
    ئەگەر جۇڭگو كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىدا چېپميون بولسا ، مەن تەتۈر ئايلىنىمەن. (يەرشارى)
    ئەگەر جۇڭگو كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىدا چېپميون بولسا ، مەن غەرپتىن چىقىمەن. (قۇياش)
    ئەگەر جۇڭگو كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىدا چېپميون بولسا ، مەن يەنە بىر قېتىم پارتىلايمەن. (ئالەم بوشلۇقى)

    • ئەلشات 2011.08.09 , 10:40

      :mrgreen:ماۋۇمۇ ئالامەت بوپتۇ

    • ئەزىز 2011.08.09 , 14:32

      ھەييي ، جۇڭگۇ كوماندىسى چىمپىيون بولغان بولسا ،بىنلادىنمۇ ئۆزىنى مەلۇم قىلىدىكەنتۇق

  8. ئەلشات 2011.08.09 , 10:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بىرنى يوللاپ قوياي ھە! لىكىن پۇتبول بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
    بىركۈنى ئىككى قەشقەرلىك ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە كەپتۇ، بازار ئايلىنىۋىتىپ ئىككىلىسىنىڭ قورسىقى ئاغرىپ كىتىپ ھاجەتخانىغا كىرىپتۇ، قارىسا ھاجەتخانانا ئىشىكىگە، قىزلار ھاجەتخانىسىنىڭ ئىشىكىگە (ق) ئوغۇللار ھاجەتخانىسىنىڭ ئىشىكىگە (ئو) دەپ يىزىغلىق تۇرغىدەك، بۇ ئىككى قەشقەرلىك بۇنىڭغا قاراپ: ما ئۈرۈمچىلىك گۇيلارنى قارا ، ماشەدىمۇ ئۈرۈمچىلىك قەشقەلىك دەپ ئايرىپ يۈرۈپتۇدە، بوپتۇ قەشقەلىك بولغانكىن قەشقەنىڭكىگە چىرلى دەپلا قىزلار ھاجەتخانىسىغا كىرىپ كىتىپتۇ، بۇنى كۆرگەن قىزلار قورققىنىدىن ۋارقىراپ كىتىپتۇ، ھىلىقى ئىككى قەشقەرلىك قوقىشمىسلا خانلىرىم!!!!!!!!!!!! بىزمۇ قەشقەلىك دەپتۇ!

    • ۋىروس 2011.08.09 , 12:30

      ھەي … بېشىڭىزغا ئىش تېپ بالىدىغان بولدىڭىز !

    • Forever 2011.08.09 , 18:40

      سىزنىڭ ئاجىرىشىپ كەتكەن ھەدىڭىزنىڭ يولدىشىنى قەشقەردىن دەپ ئاڭلاۋاتقانتىم …….

  9. مەلىكە 2011.08.09 , 13:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىككى جوڭگۇلۇق ئۇرۇشۇپ قاپتۇ.
    ئا: ۋۇ چوشقا…
    ب: (سۈكۈت)
    ئا: ئىتنىڭ كۈچۈگى. ھايۋان…
    ب:(سۈكۈت)
    ئا:ئاناڭنى….#$#@!@!@!@$$#$@$@$@#$$@#$@$
    ب:(سۈكۈت)
    ئا ھەرنېمە دەپمۇ ب نى تېرىكتۈرەلمەپتۇ. ۋە تۇيۇقسىز كاللىسىغا بىر ئەقىل كەپتۇ.
    ئا:سېنىڭ ئاكاڭنى دۆلەت پۇتبول كوماندىسىدا توپ تېپىدۇ دەيدىغۇ.
    ب:سېنىڭ ئاكاڭ توپ تېپىدۇ ئۇ يەردە. ھۇ ھا….دىن بولغان. كېلە…(گۈلدۈر-گۇپپاڭ. مۇش پەشۋا…)

    ماۋۇ يۇمۇرغا بەك كۈلۈپتىمەن جۇمۇ:razz:

  10. روھچىن 2011.08.09 , 18:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىستۇرما رەسىم بەك قاملىشىپتۇ.

  11. روھچىن 2011.08.09 , 18:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنى نىمانچىۋىلا مەسخىرە قىلىدىغاندۇ ؟ مەسخىرە قىلغانلاريەنىلا مۇشۇ دۆلەت ئىچىدىكىلەر ئىكەن.

  12. بىپەرۋا 2011.08.09 , 21:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بارى كىرىپ ئازاراق ئىناۋىتى كوتۇرلۇپ بۇ خەقنىڭ

  13. پۇتبول 2011.08.10 , 01:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار


    پاتو يىغلامسىراپ تۇرۇپ «بىز ئىككىدە بىر نەتىجە بىلەن مۇسابىقىدە ئۇتتۇرىۋەتتۇق» دەپتۇ، رونالدىنىخو پاتوغا تەسەللىي بېرىپ، «بوپتۇ ئۇكام ، بىر ئادەم 11 ئادەم بىلەن مۇسابىقە ئويناپ ئىككىدە بىر قىلماقمۇ ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساھىبخان كوماندىغا ئانچە-مۇنچە يۈز بەرمىسەكمۇ بولمايدۇ» دەپتىكەن. پاتو «ئۇنىسىغۇ شۇ، لېكىن قاملاشمىغان يېرى مەن مۇسابىقە باشلىنىپ ئالتە مىنۇت بولغاندا دۇڭفاڭجو نى پۇتلاپ سېلىپ قىزىل كارتا يەپ كەتتىم. دېگۈدەك.

    _______________________________________
    ئاھ خۇدا، جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىكى «ئەزىمەت»لەر بىرمۇ قوغدىغۇچىسى يوق قۇرۇق ۋارتاغا 84 مىنۇتتا 2 توپ كىرگۈزدى دىگەن گەپقۇ بۇ :twisted:

  14. دىغار 2011.08.10 , 11:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    6 مىنۇتتىن كىيىن دۆلەت كوماندىسى ئۆزى بىلەن ئۆزى ئويناپمۇ، ئاران ئىككى توپ كىرگۈزۈپتىما؟!!!!!!!!!!!

    • روھچىن 2011.08.10 , 23:39

      بۇنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.
      يوقلا قىلىۋېتىپتۇغۇ .

  15. كارۋانىم 2011.08.10 , 16:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يوۋ،ماۋۇ يۇمۇرلا دەششەتقۇ،ئادەمنىڭ ئۈچەيلىرى ئۈزۈپ تاششايدىغان:mrgreen:

  16. ئىزدەن 2011.08.10 , 20:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالامەت پۇخادىن چىققۇدەك يۇمۇرلاركەن جۇمۇ!

  17. ئەلشىر 2014.06.08 , 22:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاخىرقىسىنى ئوقىۋاتقاندا ئاغزىمدىكى چاينى پۇرقىۋەتتىم. ئەمدى كۇنۇپكا تاختىسىنى چۇۋۇيدىغان بولدۇم ئېكرانىمدىنغۇ نەچچە قېتىم كەچۈرۈم سوراپ بولدۇم.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量