[پارول] غەرپكە ساياھەتنىڭ سىلەر كۆرۈپ باقمىغان قىسىملىرى
1. ۋۇكۇڭنى تاغ ئاستىدىن قۇتۇلدۇرۇش
تاڭسىڭ ئېتىنى مىنىپ بەش بارماق تېغىغا كەلدى، ئۇ تاغ ئاستىدىن چىقىپ تۇرغان بىر باشنى كۆرۈپ:
– تاش پاقا ھەزرەتلىرىگە سالام!
ۋۇكۇڭ: -تاقىر باش، مەن مايمۇن، ئەرشنى مالىماتاڭ قىلغان ئەۋلىيا ئەزەم!
تاڭسىڭ: -ھە قانچە نوچى بولساڭ ھازىر تاشپاقا بولۇپ قاپسەن، قانداق، قۇتقۇزايمۇ يە؟
ۋۇكۇڭ: -شۇنداق قىلسىلا پىرىم، ئەگەر قۇتقۇزسىلا موللاق ئېتىپ كۆڭۈللىرىنى ئالىمەن.
تاڭسىڭ: -قانداق قۇتقۇزىمەن؟ مەن تاغنى قانداق يۆتكەيمەن؟
دەل شۇ چاغدا يۈگۇڭ بالىلىرىنى باشلاپ پەيدا بولدى:
– ئاكا، تاغ يۆتكەيدىغان ئىش بارما؟ مانا بىز ئەرزان يۆتكەيمىز، مەن يۆتكەپ بولالمىسام بالام بار، بالام تۈگىتەلمىسە ئۇنىڭ بالىسى بار، ئۇنىڭ بالىسى قىلىپ تۈگىمىسە ئۇنىڭ بالىسى بار…
تاڭسىڭ: -ماڭە ماڭە، ھېكايىنى قالايمىقان قىلماي…
يۈگۈڭ بالا چاقىلار كېتىپ قالدى.
ۋۇكۇڭ: -پىرىم، تاغنىڭ ئۈستىدە ئامىتتا ھەجىلەپ يازغان خەت بار، شۇنى ئېلىۋەتسىلە بولدى، قالغىنى مېنىڭ ئىشىم…
تاڭسىڭ تاغقا چىقىپ پەسكە ۋارقىرىدى:
-قايسى خەت؟
-ئاشۇ ئۈستىدە يوغان خەت بارتىغۇ؟
تاڭسىڭ:- «قالايمىقان تەرەت قىلماڭ» دىگەن خەتما؟
ۋۇكۇڭ: -ئەمەس
-پىلانتلىق تۇغۇت باياشاتلىقنىڭ ئاساسىي دىگەن شۇما؟
-توۋا دىسىلە
-ئايپاتەم، سىنى سۆيىمەن دىگەن شۇمۇ يە
ۋۇكۇڭ: -ۋاي ۋاي، ماخەق نىمىلەرنى چاپلاپ بولدى مايەرلەرگە، ئاۋۇ يوغان خەتچۇ «ۋۇكۇڭ تاغ ئاستىدا بەش يۈز يىل يات ساقام» دېگەن شۇ…
تاڭسىڭ خەتنى ئايەت ئوقۇپ ئۇچۇرىۋەتتى: -ئەمدى نىمىش قىلىمەن؟
ۋۇكۇڭ: -ئەمدى ئۇسسىغان بولسىلا چاي ئىچسىلە، قورساق ئاچقان بولسا نان يېسىلە، بىراق كەينىگە يانسىلا.
تاڭسىڭ: -قانچىلىك يانىمەن؟
ۋۇكۇڭ: -يەنە يانسىلا، يانىۋەرسىلە…داۋ داۋ داۋ
تاڭسىڭ: -ئەمدىچۇ؟
ۋۇكۇڭ: -يەنە يەنە…
تاڭسىڭ: -ھەي بالا، ئەمدى يانسام ھىندىستانغا كىرىپ كېتىمەن، بولا…
ۋۇكۇڭ: -بولدى مەن كەلدىم…
قاتتىق پارتىلاش بىلەن ۋۇكۇڭ ئۇچۇپ چىقتى، تاڭسىڭ بۇ ماھارەتكە قاراپ ھەيران بولۇپ قالدى، ئۇلار ئاخىرى ئۇچراشتى…
-پىرىم
-تاڭسىڭ
-پىرىم، ئۇستازىم
-تاڭسىڭ، شاگىرتىم(ئۆھۈ، ئۆھۈ، ئالمىشىپ قالدىمۇ قانداق)
-ئوۋ راست، پىرىم
-ۋۇكۇڭ
-پىرىم ئۇستازىم
-ۋۇكۇڭ
-ۋۇكۇڭ، قالتىس ماھارىتىڭ بار ئىكەن، تاغنى پارتىلىتىپ چىقتىڭ! يامان گۇيكەنسەن…
-بۇ قانچىلىك ئىشتى ئۇستازىم، مەن تېخى سۇدىمۇ كۆپۈك چىقىرالايمەن!
ئۇلار بىربىرىنى ماختىشىپ تۇرغاندا، بېشىغا قالپاق كىيگەن، قولىدا كونۇپكا بار بىرسى كېلىپ:
-يې! جاندىن تويۇشتۇڭما!! تاغ پارتىلىتمىز دىگەن ئۇقتۇرۇشنى كۆرۈشمىدىڭما؟ ئۆلگەن بولۇشساڭ قانداق قىلىتۇق…
ۋۇكۇڭنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى، ھەممىنىڭ تېگىگە يەتكەن تاڭسىڭ ماڭە شۇم دەپ ۋۇكۇڭنىڭ قوڭىغا تېپىپ ئەكەتتى…
2.غەرپكە تېزراق بېرىشنى ئويلاش
ئۇزۇن يول يۈرۈپ زېرىككەن تاڭسىڭ قولىدىكى قاققاراسىنى تاشلاپ، بېشىدىكى دوپپىسىنى يەرگە ئاتتى:
-دادەڭنى…ھەي، قاچان بارىمىزا ئۇيەرگە، ۋۇكۇڭ، ھەي ۋۇكۇڭ
-مانا مەن ئۇستازىم…
-بىر موللاق ئاتسام يۈزسەككىزمىڭ چاقىرىم ماڭىمەن دەۋاتتىڭ، ماڭا سەنلا بېرىپ كېلە، بىز مۇشۇيەردە ساقلاپ تۇرايلى…
ۋۇكۇڭ لەببەي دىگىنىچە موللاق ئېتىپ ئۇچۇپ كەتتى…
ئىككى كۈندىن كېيىن ۋۇكۇڭنىڭ تۈكلىرى قالايمىقان ھالدا قايتپ كەلدى:
-ۋاي جېنىم ئۇستاز، مەن ھىندىستانغا كىرە كىرمەي، كىشىلەر قوغلاپ مېنى، گەپ قىلالايدىغان مايمۇن دەپ…نومۇر كۆرسىتىسەن دەپ ھالىمنى قويمىدى، مانا قارىسىلا، ھارغۇچە پۇل تاپتىم…
تاڭسىڭ: -ئاقمىدىڭدە، بولدى، باجىي سەن ئىككى موللاق بىلەن بارە جۇغۇ…
باجىي ئۇچۇپ كېتىپ ئىككى كۈندىن كېيىن ھالى بەك پەس قايتىپ كەلدى:
-ۋاي ئۇستاز، مەن ھىندىستانغا كىرە كىرمەي، كىشىلەر كىم ماۋۇ پىلنىڭ بۇرنىنى كېسىۋەتكەن دەپ ئۆرە تۆپە بولىشىپ، مېنى دوختۇرخانىغا سۆرەپ بۇرۇن چىشلارنى ئۇلاپ…ۋاي ھالىمنى قويمىدى، قارىسىلا، ماڭا چىش قاداپ قويغانتى، ياۋا چوشقىغا ئوخشاپ قالدىم…
تاڭسىڭ: -سەنمۇ بوممىدىڭ، ھەي شاسىڭ، سەن ئادەم چىراي، سەن بارە
شاسىڭمۇ ئۇچۇپ كەتتى….
بىر ھەپتىدىن كېيىن، شاسىڭ تاتىراڭغۇ چىراي قايتىپ كەلدى:
-ئۇستاز، مەن ھىندىستانغا كىرە كىرمەيلا، ساقىلىمغا قاراپ مېنى بىر قاۋاققا ئامانلىق ساقلىغۇچى قىپ قويدى، ئاران قۇتۇلۇپ كەلدىم…
تاڭسىڭ: -مېڭىشقىنا…ئۆزەم بارىمەن، مېنى مۇشۇ يەردە ساقلاش!
تاڭسىڭ ئۇلارنى دوراپ بىر نەچچە موللاق ئېتىۋىدى، بىر ئورەككە باشچىلاپ چۈشۈپ كېتىپ قاتتىق يارىلاندى…
ۋۇكۇڭ تاڭسىڭنى يۆلەپ: -پىرىماۋ، مانداق قىلىلى، سىلى ئاق ئاتنى موتۇغا ئايلاندۇرۇپ مىنسىلە، بىز ئۇچايلى، قانداق دىمىدىم؟
تاڭسىڭ:
-ئا~ بالدۇر دىسەڭ بولمامدۇ!بولىشە، يولغا چىقتۇق!
ئاق ئات موتۇغا ئايلاندى، باشقىلار ئۇچتى…
ئۇلارنىڭ چىدىماسلىق قىلغىنىنى بىلگەن ئامىتتا قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇلارغا «ئۈچ كۈن چوڭ تەرەت قىلماسلىق» بۇيرۇقىنى چۈشۈردى…
3.ئۇلارنىڭ ئالۋاستىغا تۇنجى ئۇچرىشىشى
ئۇلار يول بويى رىيازەت چېكىپ،جىم بولۇپ كېتىپ بارسا، ۇكۇڭ تۇيۇقسىز ۋارقىرىدى:
ئاپپام، ئالۋاستى!
تاڭسىڭ دەرھال قاقاراسىنى تۇتۇپ:
-ۋۇكۇڭ، ئىنىلىرىڭغا ئوبدان قارا، مەن ئالۋاستىنى ئەل قىلىپ كىلەي، ھايت
ۋۇكۇڭ: -ۋاي ۋاي، بولدى قىلىڭە مېنى دورىماي…ئۇستازغا ئوبدان قاراڭلا…
ۋۇكۇڭ ئۇچۇپ بېرىپ ئالۋاستىنى تۇتۇشقا كىرىشتى…
ئالاھەزەل بىر سائەتتىن كېيىن ۋۇكۇڭ قايتىپ كەلدى، باجىي بىلەن شاسىڭ تاڭسىڭغا چىڭ چاپلىشىپ تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى…
ۋۇكۇڭ: -ئىككىڭ نىم قىلىشىۋاتىسەن؟
باجىي شاسىڭ: -ئۇستازغا قاراۋاتىمىز!
تاڭسىڭ: -ئۇف…بۇ ئىككىسى نەگە بارسام مۇشۇنداق چەكچىيىلا تۇردىغۇ تاڭ…ھە~ ئالۋاستىنى تۇتتۇڭمۇ؟
-شۇنداق پىرىم…
-قېنى؟ نېمە ئالۋاستى ئىكەن
-مانا ئۇستازىم، بۇ پىت ئالۋاستى ئىكەن، ئالۋاستى پىتلا ئادەتتە كىچىك بولىدۇ
تاڭسىڭ: -ئالۋاستى ئەمەس پىتچۇ؟
-ئۇمۇ كىچىك بولىدۇ ئۇستازىم
تاڭسىڭنىڭ يۈرەك تەرىپى سەل سانجىلدى
-ئىككىسىنىڭ نېمە پەرقى بار؟
-ئالۋاستى پىت ئادەمگە ھېېېېېنداق قاراپ تۇرىدۇ، ئادەتتىكىسى ھىىىىنداق قارايدۇ…
تاڭسىڭنىڭ يۈرىكى قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىدى…
-سەن نەدىن بىلدىڭ بۇ ئالۋاستىنى؟
-بىر سۇ كالىسىنى چاقاي دەپ تۇرۇپتىكەن…
-سۇ كالىسى نېمەڭتى، ئۇنداق كۆيىنىپ كەتكۈدەك؟
-ھامماچامنىڭ…
تاڭسىڭنىڭ چىدىغۇچىلىقى قالمىدى:
-سەن تاش مايمۇننىڭ تۇققىنى نىمە قىلىدۇ، تۇتىۋالماڭلار، بوغۇۋىتىمەن مانى…مېنى ئەخمەق كۆرىۋاتىدۇ…
شۇ كۈنى كەچتە ۋۇكۇڭ بىر كەچ ئۇخلىماي قاراۋۇللۇق قىلىشقا بۇيرۇلدى…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: قىزىقارلىق، يۇمۇر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,437 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: siler-kormigen-gherpke-sayahet.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى قانداق ئىش؟
- كېيىنكى يازما > ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەر ئۈچۈن، ئەمدى بولكىنى ئاز يەڭ
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] باشلانغۇچ مەكتەپ خانىمى سوپىيەمنىڭ ئۇچرىشىشى
نېمە دەيدىغاندۇ
ۋاي-ۋۇي ، ئالامەت يۇمۇرلۇق يىزۋىتىپسىز جۇمۇ، ئىشخانىدا مەندىن باشقا ئادەم يوقتەك قاقاقلاپ كۈلۈپ كىتىپتىمەن.
توۋا… پارولكا.. ۋەششى ھە تېمىلىرىڭىز…
تۇتۋالماڭلار ! ما مېنىڭ ئىنكاسىمنى ئۆچۇرۋەتكەننى چانۋېتىمەن
ۋاھ ئاجايىپ ياخشى يىزىپسىز
ۋاي ئالامەتكەنغۇ بۇ !
خىل تېمىلارنى ، ئىنكاسلارنى سازلاپ تۇرىدىغان
ۋاي ئالامەتكەنغۇ بۇ !
تاڭسىڭغا شۇنداق سادىق ۋۇكۇڭدەكلا ، سەرخىل تېمىلارنى ، ئىنكاسلارنى سازلاپ تۇرىدىغان تورخۇمارغا سادىق خۇمارداشلارمۇ خېلە باركەن جۇما ! ھى ھى….!
ماندا بى ھېېېېېېنداق قايلاپ تۇماي سازكەننى بېسىشماملا !
ئاخىرىنى ئوقۇشقا تەشنامىز، بەك ياخشى چىقىپتۇ
پارۇلكا سىزنى 3كۇيلۇق گازىر ئېلىپ ئۈجمىنىڭ سايىسدە يېتىپ گىپىڭىزنى تىڭشايدىغان ئىشكەن،،،،خى خى
ۋاي ئاللا ۋاي كاللا … پارولكا بۇ سىزما ؟ توۋا … يەنە كۆرىشىش نىسىپ قىپتۇ ھە . دىدار غەنىمەت. مەن سەلكىندىكى قامچا . ئىلگىركى مۇنبەرداشلارنى بەك بەك بەك سېغىندىم !
ھەي قامچا ئاغىنە بارمۇسەن،مىنى تۇنۇدۇڭمۇ ،مەن سەلكىندىكى …….بۇ ياققا چىقە ئارىم بىژدەم مۇڭدىشىمىز،مەرھۇم سەلكىننى ئەجەپ سىغىندىم دىسە،
پارۇلكامنىڭ يۇمۇرى بەكمۇ قىززىق،
يۇمۇرستىككەن
ئاخىرىنى ئوقۇشقا تەشنامىز، بەك ياخشى چىقىپتۇ
پارۇلكا سىزنى 3كۇيلۇق گازىر ئېلىپ ئۈجمىنىڭ سايىسدە يېتىپ گىپىڭىزنى تىڭشايدىغان ئىشكەن،،،،خى خى
ھەقىقەتەن مەن كۆرۈپ باقمىغان قىسمكەن،
بەك قىززىقككەن قولىڭىزغادەرىت كەلمىسۇن