نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

[پارول] توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ مۇسابىقىسى مۇشۇنداقلا تۈگىدى دىگەنما؟ قىززىق ئىش ئەمدى بولماقچى!

بۇ ھېكايىنى سىلەر چوقۇم ئاڭلاپ بولغان،توشقان ھاكاۋۇرلۇق بىلەن يېڭىلىپ قالىدۇ…
بىراق ھېكايە تۈگىمىدى…

Rabbit-Tortoise

1.يېڭىلگەنگە تەن بەرمىگەن توشقان كىلەر يىلى تاشپاقىنى ئىزدەپ كەلدى:
-كىلە ،يەنە مۇسابىقىلىشىمىز!
تاشپاقا:-ماقۇلە ،كىلە
ئەتىسى بارلىق ھايۋاناتلار ئۇلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى كەلدى…
توشقان بىلەن تاشپاقا سىزىقنىڭ ئالدىغا كەلدى……
پاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ توشقان ئوقتەك ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى
تاشپاقا ئىلدام يۈگۈردى……
ئەڭ ئاخىرقى پەللىگە تاشپاقا يىتىپ كەلدى……
چۈنكى قاتناش ئورگانلىرى توشقاننى چەكتىن ئېشىپ يۈگۈرگەن دەپ تۇتۇپ كەتكەنىدى……
بۇ يىلى توشقان يەنە يېڭىلدى……


2.
كىلەر يىلى توشقان يەنە تاشپاقىنى ئىزدەپ كەپتۇ
توشقان:-يەنە بەسلىشىمەن
تاشپاقا:-كىلە!
تاشپاقا ئاچچىق ساۋاق ئېلىپ تېز سۈرئەتلىك تاشيولدا مۇسابىقە قىپتۇ……
پاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ توشقان ئۇچۇپ چىقىپتۇ…
تاشپاقا ئالدىرماستىن قارا تاكسىدىن بىرنى توساپ،توشقاندىن بەك ئۇچىۋىتىپتۇ…
نەتىجىدە تاشپاقا يەنە چىمپىيون بوپتۇ!


3.
توشقان يەنە تاشپاقىنى ئىـزدەپ كەلدى…
-ئەنەڭنى……كىلە ،يەنە مۇسابىقە قىلىمىز؟
تاشپاقا:-ئۇھ،كىلە ھە…
بۇدا توشقان تېخىمۇ چوڭ ھەجىملىك قىلىپ،چەتئەل رېپىرلارنى،تىلىۋىزىيە ئىستانسىسنى قاتناشتۇردى…نەق مەيدان كۆرىنىش قىلدى
يۈگۈرۈشنىڭ ئالدىدا توشقان تاشپاقىدىن سورىدى:
-ھەي تاشپاقا،ئاۋۇ ئىنگىلىزچە خەتلەر نىم دىگەن گەپ؟
تاشپاقا“go go go”دىگەن خەتنى كۆرۈپ ،
توشقانغا:-بىرىنچى بولغانلار ئىتنىڭ بالىسى -دىدى…
شۇنىڭ بىلەن توشقان قەستەن ئاستا يۈگۈردى…
تاشپاقا چىمپىيون بولدى…


4.توشقان يەنە كەلدى…
-كىلە ،ئىتنىڭ بالىسى ،يەنە بەسلىشىمىز!
تاشپاقا:-بولدى قىممامسەن؟
توشقان:-ياق
تاشپاقا:-بوپتۇ،كىلە…
مۇسابىقە كۈنى تاشپاقا بىشىنى سوزۇپ تۇردى…پاڭ قىلىش بىلەن تەڭ توشقان ئوقتەك ئىتىلىپ چىقتى…
توشقان كەتكەندىن كېيىن ،تاشپاقا بىشىنى قېپىغا تىقىپ،يەنە بىر تەرەپىدىن چىقىرىپ ،ئالدىرماي يۈگۈردى…
توشقان خاتا يۆلىنىشكە يۈگۈرۋالغاچقا،سالاھىتى ئېلىپ تاشلاندى……
تاشپاقا چىمپىيون بولدى…

 

5.
توشقان يەنە كەلدى-كىلە يەنە يۈگىرەيمىز!!
تاشپاقا:-ئۇھ،زېرىكمىدىڭما؟ ئىچىمنى بەك سىقتىڭ جۇمۇ؟ يا يېڭەلمەيسەن؟
توشقان:-بۇدا چوقۇم يېڭىمەن…
ئەتىسى ئۇلار يەنە مۇسابىقىلىشىپتۇ……
پاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ،توشقان ئوقتەك يۈگۈرۈپتۇ…
بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي بۇلۇتقا مىنىپ،سۇنۋۇكۇڭ پەيدا بوپتۇدە ،
“ئالۋاستى!!!”دەپ توشقاننى قوغلاپ كېتىپتۇ،
تاشپاقا چىمپىيون بوپتۇ…

 

6.
توشقان يەنە كەپتۇ:-كىلە نوچى بولساڭ!
تاشپاقا:-ۋاي ۋۇي يوقىلە ماڭە!
توشقان:-ئەڭ ئاخىرقى قېتىم!ئەمدى بەسلەشمەيمەن!
ئەتىسى ئىككىيلەن يۈگۈرۈشكە تەييار تۇرغاندا،ئاسماندىن چاڭئىې پەرىشتە چۈشۈپ:
-ئەي مەخلۇق،ماڭ قايتىمىز-دەپ توشقاننى ئېلىپ كېتىپتۇ
تاشپاقا يەنە چىمپىيون بوپتۇ…


تۈگىدى…
مەيلى قانداق بولسۇن،ھاكاۋۇر ئادەم ھامان يېڭىلىدۇ!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 16,514 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 06-ئاينىڭ 08-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: rabbit-tortoise.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. بەختىم 2014.06.08 , 13:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مانداقتى……
    كۆچمە تىلگىرافقا كىرىپ كەسىپ بىجەرگەن……مۇلازىم قىزغا مەقسىتىمنى ئۇقتۇرغاندىكىن كېيىن،ماڭا بىرمۇنچە ئانكىت جەدۋەللەرنى بەردى،مەن تولدۇرۇپ قىزغا بەردىم……
    قىزماڭا:
    -كىملىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ
    مەن قاتتىق ھەيران بولدۇم:
    -نىمە؟ نىمىنى
    قىز:
    -كىملىكىڭىزنى !
    مەن ئۇيان،بۇيان قاراپ،ئىككىلىنىپ تۇرۇپ،مانا ئەمسە دەپ كۆرسەتتىم……
    جىنىم ساقچى ئاكا،مەن كىچىكىمدە قۇلاق پەردىسى ياللۇغى بولغان،شۇڭا ئاۋازلارنى ئانچە ئېنىق ئاڭلىيالمايمەن……
    مۇلازىم قىز “كىملىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ”دىگەننى مەن “كىندىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ”دەپ ئاڭلىۋاپتىمەن……شۇڭا پىدەينى بوشىتىپ،مايكامنى ئۈستىگە كۆتىرىپتىمەن……
    ئىللا بىللا، “كىملىكىڭىزنى”دىگەننى “كىندىكىڭىزنى”دەپ ئاڭلىۋاپتىمەن……مەن ئۇنداق قىلىقسىز ئادەملەردىن بولمىسام،……ئەستاغپۇرۇللا……مەن بىر زىيالى تۇرسام……نىمداق ئىشەنمەيدىغانسىز جىنىم ساقچى ئاكا……
    تەلئەتنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرىسى
    توقۇغۇچى :پارول،تەلئەت

  2. بەختىم 2014.06.08 , 13:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‏ماشىنامنىڭ ئوڭ تەرەپ ئەينىكىنى بىر چاغلاردا ئىككى بەختلىك ئوغرىنىڭ چېقىۋەتكەنلىكىنى بىلىسلەرغۇ……
    يېڭى ئەينەك سالدىم،بىراق كۈن توساش قەغىزى چاپلىمىغان……
    قايسى كۈنى ماشىنىنى پاكىز يۇدۇرۇپ،بىر ئاغىنەمنى ئالغىلى بارغان……
    ئاغىنەم ماشىنىغا چىقىپ،يولدا بىر موتو سىكىلىت ھەيدىگەن گۇي تۇيۇقسىز ياندىن ۋىژلا قىلىپ يانداپ ئۆتۈپ كەتتى……
    راست دىسەم بەك قورقۇپ كەتتىم،ئاغىنەم بەكلا ئەچچىقلاپ:
    -ئا گۇيغا يىتىشە،بولە تېز ھەيدىگىنە……
    مەن:
    -نىمە قىلىسەن؟
    ئاغىنەم:
    -تۈكۈرىمەن بىشىغا!بولە!
    مەن ماشىنىن ھەيدەپ يىتىشتىم،ئاغىنەم ئازراق سۇ ئىچىپ ،ئاغزىنى ھەممە سۇنى يىغىدىدە،مەن ماشىنى دەل موتۇسىكىلىتچىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە،ئۇ پۈتۈن كۈچىنى يىغىدە،تۈف قىلىپ تۈكۈردى……
    ئۇھ……مەن تېخى دېرىزىنى ئاچمىغانىدىم……دېرزىدە بىر كاللەك سۈيۇقلۇق ئاستا ئاستا سېيرىلىپ چۈشىۋاتاتتى……
    ئاغىنەم:
    -ماڭايلى بولە……
    مەن:
    -مەن ……دېرىزە……
    ئاغىنەم:
    -بولدى،جىق گەپ قىلما،ماڭايلى،ئۆزى قۇرۇپ قالىدۇ……
    قولام رولدا بوپ قالدى دە……بوممىسا……بوممىسا……
    ھەي……

  3. چەبدەس 2014.06.08 , 14:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۈستىدىكى مۇسابىقىدىن ما پەستىكى يۇمۇر قىززىقكەن :mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  4. xjuqur 2014.06.08 , 14:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:
    بەك قىززىقكەن:grin:

  5. شەھرۇ 2014.06.08 , 17:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورخۇماردىكى دوسلا ياخشىمۇ سىلە.. بۇ تورخۇماردا يىڭىلنىش بەك ئەستىمۇ قانداق …….؟

  6. مۇلايىم 2014.06.08 , 17:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاللا ئاللا مالاغا نىمبوپكەتتى دەيمە ؟؟؟؟

  7. تەپەككۇراخۇن 2014.06.08 , 19:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يا بىسمىللاھ دىۋانۇللۇغەتىت تۈرۈكمۇ يا؟ ئىشقىلىپ مامۇت مايماق موتۇرىنى مىنىپ مازنى مىجۋەتتى…
    ساۋۇت ساتتار سانتانادا سازنى سىزۋەتتى
    …. قارغاندا يەنە نىسىپ بولماپتۇ … بىر قېتىم يول قويۇپ مىنى خاتۇن ئالغىلى قويساڭلا قانداق ؟ ڭىھ ڭىھ ڭىھ …
    (ئۆتكەنكى كۈنلەردە دىۋاننى ئالمىغۇچە قاتۇن ئالمايمە دەپ ۋەدە بەرگەن ئەمەسمىدى فەققىر )

  8. Forever 2014.06.08 , 19:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمسە يۇمۇرنى مۇشۇ يەردە داۋاملاشتۇرايلى …
    ==========================================================
    خانىش قارمەلىكىگە ھەسەت قىلىپ ئۇنىڭغا،زەھەرلىك ئالما بېرىپتۇ……
    قار مەلىكە ئالمىنى بىرلا چىشلەپ،دەل شۇ يەردە جان ئۈزۈپتۇ،قولىدىكى دۇمىلاپ ئوت چۆپلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ……
    بىر نەچچە كۈندىن كېيىن،بىر ئادەم ئوت چۆپلەر ئارىسىدىكى بىر چىشلەنگەن ئالىمىنى كۆرۈپ،ئىلھاملىنىپ……
    داڭلىق ماركا iPhone نى كەشىپ قىپتۇ……
    نەتىجىسىنى ئويلىمىغانسىلەر……

  9. ئەركە 2014.06.08 , 19:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پارول كومىدىيە دۇكىنىنى تورخۇمارغا يۆتكىۋالدىمۇ ياكى كومىدىيە دۇكىنىنىڭ تورخۇماردىكى ۋاكالەتچىلىكىنى Forever غا بەردىمۇ؟
    :neutral:
    ………..
    ئاستىدا يەنە بىرمۇنچە « ۋاكالەتچىلەر » تۇرغاندەك قىلىدۇ…. :roll:

  10. ئابدۇبەگ 2014.06.08 , 19:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاللا مايۇمۇرلارنى ھەي :roll:

  11. تەپەككۇراخۇن 2014.06.08 , 20:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    داۋم قىلايلى ئەسلى ئىش مۇنداق:
    ئوسماننىڭ كەچۈرمىشى يادىڭلاردا بارغۇ؟
    شۇنداق قىلىپ ئوسمان يىپيېڭى ئايفۇن بىرىنچىنى قولغا ئاپتۇ،دەريا بويىدا ئويناۋاتقان بىركۈنى قاياقتىندۇر ئارقىسىدىن كەلگەن لالما ئىت قاتتىق قاۋىۋىتىپتۇ ((ھاۋ ھاۋۋا ھاۋۋۇۇۇ …)) قاتتىق قورققان ئوسمان ئىھتىياتسىزلىقتىن قولدىكى ئايفونىنى دەرياغا چۈشۈرۋىتىپتۇ.
    ئېيتشلارغا قارىغاندا ئوسماننىڭ خەتنە توينى قىلغاندىمۇ مۇنچىلىك ياقىللىررنى چىشلەپ،يىرتىپ بېشىنى تاشقا ئۇرۇپ،دەل دەرەخلەرنى يۇلۇپ … قاتتىق يىغلىمىغان ئىكەن.
    توساتتىن دەريادىن بىرقانغا تولغان ياراتاقىرباش ئاستا ئاستا سۇ ئۈستىگە كۆتۈرلۈپتۇ دە-
    تېشىغا چىقىپ ئوسمانغا شۇنداق سەت ئالىيىپتۇكى يا پەندىيات نىمىدىگەن سەت پاخيا كۆزلەر بۇ …ھېلىقى دەريا مۇئەككىلى دىگىنى شۇمۇ؟ ۋاي شۇ شۇ بولماي كىم با بۇ دەريادا،
    ئۇ غەزپىنى ئاران بېسىپ دەپتۇ :ئوغلۇم نىمىش بولدى؟نىمىگە بۇنچە ئاھ ئۇرۇپ يىغلايسەن؟ بىرسى ئۇردىما؟ئاچ قالدىڭمۇيە؟،مەبىتىڭ تاشلىۋەتتىمۇ يا؟…
    ھەممىسىگە بېشىنى سىلكىپتۇ ئوسمان:
    ئايفۇنۇم سۇغا چۈشۈپ كەتتى دەپتۇ مىچىلداپ تۇرۇپ.
    بوۋاي :مەن قاراپ باقاي دەپ بۇرنىنى چىمداپلا سۇغا شۇڭغۇپتۇ.
    بىر ھازادىن كىيىن فەچچەت ئالما 5ئەس تىن بىرنى پارقىرتىپ كۆتۈرۈپ چىقىپ ئوغلۇم بۇ سىنىڭمۇ دىيىشىگە …
    ئوسماننىڭ ئېغىزى بېشىغا يىتىپ :ھەئە مىنىڭ
    دىيىشىنى بىلىدىكەن. بوۋاي دەريادىن شىددەت بىلەن ياش يىگىتلەر كەبى ئوسماننى سۈرگىلى تۇرۇپتىكى ھەيھات …
    ۋېېېې گۇي دەريا ئاستىدا ئۇخلاۋاتسام بىشمغا جوققىتاڭ قىلىپ بىرنىمە قاتتىق چۈشتى دەردىمنى ئۆزەم بىلىمەن،غەزەپ بىلەن چىقىپ بىچارە نىمىكەن بوپتىلا دەپ ئەھۋالىڭنى سورسام ئايفونۇم يوق دىدىڭ،راسچىل بالا بولسا منىڭكىنى بىرەي دەپ ئايفوننى چىقارسام تەپ تارتماي مىنىڭ دەيسىنا؟چوپ چوڭ ساقاللىق ئادەمنى شۇنداقمۇ ئەخماق قىلغان بامۇ؟!… توختىغىنا بەدبەخ ….
    ئوسمان ئەيتاركەن قاچقاچ : سىنىڭ ساقىلىڭ ئۆچكىدىمۇ بار … ساقىلىم بار دەپلا كىشىگە ئەلەم قىلغۇچە مەزىنلك قىلساڭ بولمامدۇ قېرى جادۇ …ئىسىت ئايپونۇمغا يىغلايمۇ؟!، ما قېرىنىڭ ئازارىغىمۇ؟…
    چۆچەكتىكى تەربىيۋى ئەھمىيتى زور نوقتىلار:
    1-ئايفونۇم بار دەپ دەريا بويىدا ئوينىماڭ،ئىت بارمۇ يوق قارۋېلىڭ
    2-ئۆزىڭىزدىن چوڭلارغا قوپال تەگمەڭ چۈنكى ئادەم ياشانغاندا سەل چېچلاڭغۇ بولىدۇ
    3- موھىت،تازلىقغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ ئورمانلارنى قالايمىقان يۇلۇپ،تاشلارنى پارچىلىۋەتسىڭىز تۆمۈر يول ياسىغاندا نىمە ئىشلىتىمىز؟
    4-ئىشقىلىپ نىمىلا بولمىسۇن سازنى مىجىپ قويۇڭ ئىڭەك يۆلەپ ئاران بىر ئىنكاس يازغاندا تىلفۇن تولا يەرگە چۈشۈپ كەتتى،چۈنكى شۇ پەيتلەردە ئىتلار توختىماي قاۋىغان،ئەمما تەلىيىمگە يېنىمدا دەريا ئەمەس تۇربا باكەن.
    تەپەككۇراخۇن

  12. تەپەككۇراخۇن 2014.06.08 , 20:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    داۋم قىلايلى ئەسلى ئىش مۇنداق:
    ئوسماننىڭ كەچۈرمىشى يادىڭلاردا بارغۇ؟
    شۇنداق قىلىپ ئوسمان يىپيېڭى ئايفۇن بىرىنچىنى قولغا ئاپتۇ،دەريا بويىدا ئويناۋاتقان بىركۈنى قاياقتىندۇر ئارقىسىدىن كەلگەن لالما ئىت قاتتىق قاۋىۋىتىپتۇ ((ھاۋ ھاۋۋا ھاۋۋۇۇۇ …)) قاتتىق قورققان ئوسمان ئىھتىياتسىزلىقتىن قولدىكى ئايفونىنى دەرياغا چۈشۈرۋىتىپتۇ.
    ئېيتشلارغا قارىغاندا ئوسماننىڭ خەتنە توينى قىلغاندىمۇ مۇنچىلىك ياقىللىررنى چىشلەپ،يىرتىپ بېشىنى تاشقا ئۇرۇپ،دەل دەرەخلەرنى يۇلۇپ … قاتتىق يىغلىمىغان ئىكەن.
    توساتتىن دەريادىن بىرقانغا تولغان ياراتاقىرباش ئاستا ئاستا سۇ ئۈستىگە كۆتۈرلۈپتۇ دە-
    تېشىغا چىقىپ ئوسمانغا شۇنداق سەت ئالىيىپتۇكى يا پەندىيات نىمىدىگەن سەت پاختا كۆزلەر بۇ …ھېلىقى دەريا مۇئەككىلى دىگىنى شۇمۇ؟ ۋاي شۇ شۇ بولماي كىم با بۇ دەريادا،
    ئۇ غەزپىنى ئاران بېسىپ دەپتۇ :ئوغلۇم نىمىش بولدى؟نىمىگە بۇنچە ئاھ ئۇرۇپ يىغلايسەن؟ بىرسى ئۇردىما؟ئاچ قالدىڭمۇيە؟،مەبىتىڭ تاشلىۋەتتىمۇ يا؟…
    ھەممىسىگە بېشىنى سىلكىپتۇ ئوسمان:
    ئايفۇنۇم سۇغا چۈشۈپ كەتتى دەپتۇ مىچىلداپ تۇرۇپ.
    بوۋاي :مەن قاراپ باقاي دەپ بۇرنىنى چىمداپلا سۇغا شۇڭغۇپتۇ.
    بىر ھازادىن كىيىن فەچچەت ئالما 5ئەس تىن بىرنى پارقىرتىپ كۆتۈرۈپ چىقىپ ئوغلۇم بۇ سىنىڭمۇ دىيىشىگە …
    ئوسماننىڭ ئېغىزى بېشىغا يىتىپ :ھەئە مىنىڭ
    دىيىشىنى بىلىدىكەن. بوۋاي دەريادىن شىددەت بىلەن ياش يىگىتلەر كەبى ئوسماننى سۈرگىلى تۇرۇپتىكى ھەيھات …
    ۋېېېې گۇي دەريا ئاستىدا ئۇخلاۋاتسام بىشمغا جوققىتاڭ قىلىپ بىرنىمە قاتتىق چۈشتى دەردىمنى ئۆزەم بىلىمەن،غەزەپ بىلەن چىقىپ بىچارە نىمىكەن بوپتىلا دەپ ئەھۋالىڭنى سورسام ئايفونۇم يوق دىدىڭ،راسچىل بالا بولسا منىڭكىنى بىرەي دەپ ئايفوننى چىقارسام تەپ تارتماي مىنىڭ دەيسىنا؟چوپ چوڭ ساقاللىق ئادەمنى شۇنداقمۇ ئەخماق قىلغان بامۇ؟!… توختىغىنا بەدبەخ ….
    ئوسمان ئەيتاركەن قاچقاچ : سىنىڭ ساقىلىڭ ئۆچكىدىمۇ بار … ساقىلىم بار دەپلا كىشىگە ئە
    لەم قىلغۇچە مەزىنلك قىلساڭ بولمامدۇ قېرى جادۇ …ئىسىت ئايپونۇمغا يىغلايمۇ؟!، ما قېرىنىڭ ئازارىغىمۇ؟…
    چۆچەكتىكى تەربىيۋى ئەھمىيتى زور نوقتىلار:
    1-ئايفونۇم بار دەپ دەريا بويىدا ئوينىماڭ،ئىت بارمۇ يوق قارۋېلىڭ
    2-ئۆزىڭىزدىن چوڭلارغا قوپال تەگمەڭ چۈنكى ئادەم ياشانغاندا سەل چېچلاڭغۇ بولىدۇ
    3- موھىت،تازلىقغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ ئورمانلارنى قالايمىقان يۇلۇپ،تاشلارنى پارچىلىۋەتسىڭىز تۆمۈر يول ياسىغاندا نىمە ئىشلىتىمىز؟
    4-ئىشقىلىپ نىمىلا بولمىسۇن سازنى مىجىپ قويۇڭ ئىڭەك يۆلەپ ئاران بىر ئىنكاس يازغاندا تىلفۇن تولا يەرگە چۈشۈپ كەتتى،چۈنكى شۇ پەيتلەردە ئىتلار توختىماي قاۋىغان،ئەمما تەلىيىمگە يېنىمدا دەريا ئەمەس تۇربا باكەن.
    تەپەككۇراخۇن

  13. تەپەككۇراخۇن 2014.06.08 , 20:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاپلا ئىككى بوپ كىتىپتۇ ما ئىنكاس بىلەن ئاۋۇ ئۈستىدىكى ئوشۇق ئىنكاسنى ئۆچۈرۋەتسەڭلا؟ يانفۇندا بولمايدىغان چۇراي …

    • ئادىل 2014.06.08 , 20:31

      ئىككىنچى ئىنكاسىڭىزنى ئۆچۈرۈپ يۈرمەي، مەزمۇنىنى ئوخشىماس قىلىپ بۇ سىنىڭ ئايفۇنۇڭمۇ دىگەن يەردىن باشلاپ يەنە بىر ھىكايە قىلىپ تەھرىرلەڭ.

  14. مايماق 2014.06.09 , 19:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىككىنچىسىدىكى «تاشپاقا ئاچچىق ساۋاق ئېلىپ تېز سۈرئەتلىك تاشيولدا مۇسابىقە قىپتۇ……» ماۋۇ يەردىكى ئەسلى «تاشپاقا» ئەمەس «توشقان»بۇلىشى كېرەكقۇ دەيمەن :evil:

  15. مايماق 2014.06.09 , 19:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۆتىنجىسى بەك قىزىقكەن :mrgreen:

  16. qamcha 2014.06.10 , 01:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇماردا يېڭىلىق تۈگەپ كېتىۋاتىدۇ … :mad:

  17. شەھرۇ 2014.06.10 , 14:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھى ھى ھى ھى ھى

  18. نامسىز 2014.06.10 , 16:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ماۋۇ @مايماق دېگەن تەخەللۇسنى مەممەق دەپ ئوقۇۋىلىپ تازا كۈلۈپتىمەن!!!

  19. بايۋەتچە 2014.06.10 , 22:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بالامنىڭ تىلى چىقىشقا باشلىدى.ئايالىم بالامغا«دادا»دىگەن سۆزنى ئۆگىتىشكە بەكلا كۈچەپ كەتتى ،مەن بەكلا تەسىرلەندىم،ئايەلىمنىڭ «ئاپا»دىگەن سۆزنى ئەمەس ،«دادا»دىگەن سۆزنى ئۆگەتكەنلىكىدىن مېنى ھۆرمەتلىگەنلىكى دەپ چۈشەندىم. ‏قاتتىق سوغۇق بىر كېچە ،قاتتىق ئۇخلاۋاتقان ئىدۇق،تۇيۇقسىز بالام :«دادا»دەپ يىغلىغىلى تۇردى ،ئايالىم مېنى ئويغىتىپ؛ ‏-بالىمىز سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ،بېرىپ قاراپ بېقىڭ. ‏مەن شۇچاغدا ئايالىمنىڭ مەخسىتىنى چۈشەنگەندەك قىلدىم 

    • نەۋائى 2014.06.16 , 20:47

      نىمىدىگەن رەزىل ھە كىيىنلىكىنى بەك ئويلاپتۇ جىمۇ،سېتىۋىن جوبىستىنمۇ بەك كاللىسى ئىشلەيدىكەن ئايەلىڭىزنىڭ :mrgreen:

  20. ئۇغۇز 2014.06.11 , 15:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەجەب قىززىقكەن ھە!!!!

  21. كەم دىدار 2014.06.11 , 16:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسلىدە بالسى پوخ ئىتىپ قويسا ،دادىسىنى چاقاغان گەپ،ما ئشنى كۈرۈڭ

  22. ئىسيانكار 2014.06.11 , 22:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قايسىڭىلار بىلىسىلەر ماۋۇ پارول دىگەن ئەبگانىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىنى بىلسەڭلا ماڭا يوللاپ بىرىڭلار 576926826@qq.com

    • دوستەك 2014.06.16 , 13:27

      نىمە «پارول»نى يىشىۋىتەي دىگەنما

    • ئۆمۈچۈك 2014.09.14 , 02:35

      نېمە گەپ ؟ ئەبگا دەپ كېتىپتۇققۇ ، قىچىشىۋاتامدۇ؟

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量