تورداشلار «تۇز» غېمىدە قالدى! راستىنلا مۇشۇنداق بۇلاپ سېتىۋېلىشنىڭ ئورنى بارمىدۇ؟!
ياپونىيەدە 9 بال يەر تەۋرىگەندىن باشلاپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇرنىغا «يادرو» پۇرايدىغان بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن قانداق قىلىپ رادېئاتسىيەدىن ساقلىنىش مەسىلىسى خەلق ئاممىسى ۋە تورداشلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلاندى. تۇزنىڭ رادېئاتسىيەدىن ساقلىنىش رولى بارمىكىن، ياكى رادېئاتسىيەنىڭ دېڭىز تۇزىنى بۇلغاپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىنمىكىن، ھازىر كۆپچىلىك ھەممىسى تۇز بۇلاشقا چۈشتى، تۆۋەندىكى بىر قىسىم ئەھۋاللار شۇنىڭ دەلىلى.
淘宝 تورىدىكى تۇز سېتىلىش مىقدارى ۋە ۋاقتىغا قارايدىغان بولساق، كۆپچىلىكنىڭ تۇزغا قانچىلىك دەرىجىدە «مەپتۇن» بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس…
باھاسى تاللا بازىرىدىن قىممەت بولۇشىغا قارىماي، تاۋباۋ تورىدىكى تۇزنىڭ سېتىلىش مىقدارى شىددەت بىلەن ئۆرلىمەكتە
قارايدىغان بولساق، ھەممىسى مۇشۇ بىر قانچە كۈندە ئالغان تۇزلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىقدارىمۇ ئاز ئەمەس
مانا بۇ ھازىر ھەرقايسى تاللا بازارلىرىدا ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىۋاتقان ئەھۋال
بۇنچىۋالا كۆپ تۇزنى بىراق ئېلىۋېلىپ قاچان يەپ بولارمىز ھە؟ بۇ ھەقتە خەنچە تورلاردا مۇنداق يۇمۇرلارمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىغان…
ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن، دېڭىز سۈيى رادىئاتسىيە بىلەن بۇلغاندى. بىر قېتىملىق قىز-يىگىت كۆرۈشىشىدە مۇنداق پاراڭلار بولۇندى.
قىز: سېتىۋالغان ئۆيىڭىز بارمۇ؟ يىگىت: يوق.
قىز: ئۇنداقتا سېتىۋالغان ماشىنىڭىز بارمۇ؟ يىگىت: يوق…
قىز: ئۇنداقتا بانكىدا ئامانەت پۇلىڭىزغۇ بادۇ؟ يىگىت: ئۇمۇ يوق ئىدى…
قىز: ئۇنداقتا مەن بىلەن نېمىگە كۆرۈشكىلى كەلدىڭىز؟
يىگىت: چۈنكى مەندە تۇز بار.
قىز: ئاھ جېنىم!!!!!
يۇقارقى بايانلاردىن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتنى سۆيۈشكە بولغان قىزغىنلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ھەتتا مۇشۇ سەۋەپلىك پۇل ئۈندۈرۈشنى خىيال قىلغان «تۇز ھايانكەشلىرى»مۇ بۇ بازارنى بوش قويمىدى. بىراق ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداقمىدۇ؟ بۇ ھەقتە جۇڭگو تۇز سانائىتى باش شىركىتىنىڭ تېڭشۈن تورىدىكى مىكرو بلوگىدا مۇنداق دېيىلدى:«نۆۋەتتە، بىزنىڭ شىركىتىمىز ئاش تۇزىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرگىنى يوق، بىر تۈركۈم قانۇنسىز سېتىقچىلارنىڭ مەقسىتى پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، ئارىدىن نەپ ئالماقچى. ئەگەر ئاش تۇزىنىڭ باھاسى نورمال ئەھۋالدىكىدىن ئۆرلىتىۋالغان قىلىمىش بايقالسا، بىز ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە زەربە بېرىمىز. تۇز مەھسۇلاتنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بىلەن تەمىنلەشكە تېرىشىمىز. بىز بازاردىكى تەڭپۇڭلۇق ئەسلىگە كېلىپ بولغۇچە، 24 سائەت تۇز مەھسۇلاتى تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدۇق، كۆپچىلىكنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى سورايمىز».
جۇڭگو تۇز سانائىتى باش شىركىتىنىڭ تېڭشۈن تورىدىكى مىكرو بلوگىدىكى يەنە بۇنىڭغا ئالاقىدار ئۇچۇرلاردا مۇنداق دېيىلدى:« ئاش تۇزى بولسا دۆلەت باھاسىنى بېكىتكەن مەھسۇلات، بىزنىڭ شىركىتىمىز ئاش تۇزىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرەلمەيدۇ. ئەگەر سىز قانۇنسىز سېتىقچىلارنىڭ مۇشۇنداق قىلمىشىنى بايقىسىڭىز، مۇناسىۋەتلىك مال باھا ئىدارىلىرىگە ۋە سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلرىغا مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئۆيىڭىزدىكى تۇز سىزنىڭ بىر ھەپتە ئېستىمال قىلىشىڭىزغا يەتسە، ئۇنداقتا كۆپ سېتىۋالمىسىڭىز بولىدۇ».(نۇر تورى خەۋىرى)
زادى تۇزنىڭ رادىئاتسىيەدىن قوغدىنىش ئىقتىدارى بارمۇ ياكى دېڭىز سۈيى بۇلغىنىپ تۇز ئىشلەپچىقىرىش تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن مۇشۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىقتىمۇ بىلمەيمەن. بىراق، تۇز يېتىشمەيدىكەن دەپ قارىغۇلارچە تالىشىپ بۇلاپ تۇز سېتىۋېلىش قىلمىشىغا ئۇچرىغان خەلق ئاممىسىنىڭ يالغان سۆزلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكىنىنى بىلىمەن، ھەقىقىي ئەھۋال ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن، يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ سوغۇققان بولۇشىنى، دۆلىتىمىزنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىشىغا ئىشەنچ كۆزىدە قارىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆيىڭىزدە تۇز بارمۇ؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,277 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: tuz-bulash.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەگەر 25 يىل بۇرۇن Microsoft نىڭ پايچېكىنى سېتىۋالغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا بۈگۈنكى كۈندە…
- كېيىنكى يازما > يەرشارىنى توختىماي 11 يىل ئايلىنىپ ساياھەت قىلغاندىكىن، يامان ئەر-خوتۇنلاركەن بۇ…
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
9 بال يەر تەۋرىگەن، دېڭىز تاشقىنىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان، يادرو تەھدىدىگە ئۇچراۋاتقان ياپونلۇقلارنىڭ ھېلىھەم شۇنچە تەمكىن تۇرىۋاتقانلىقىنىڭ ئەكسىچە جۇڭگولۇقلارنىڭ ساراسىمىگە چۈشىشى، پۈتۈن مەملىكەت مىقىياسىدا تۇز ۋاباسىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى كىشىنىڭ ئاچچىق كۈلكىسىنى قىستايدۇ.
بىزدە زادى تۇز كەممۇ ياكى ساپامۇ ؟!
مەنمۇ ھازىرغىچە بىرەر ياپونلۇقنىڭ جىددىلىشىپ بۇنچىلىك دەرىجىدە بولۇپ كەتكىنىنى كۆرمىدىم، ئۇلارنى ھەتتا بالىلىرىنىڭ چىرايىغا قارىسىمۇ شۇنچىلىك تەمكىن، قەيسەر، ئەمما جۇڭگوغا قارايدىغان بولساق…
مېنىڭچىمۇ جۇڭگودا تۇز كەم ئەمەس بەلكى كەم بولىۋاتىقىنى ساپادۇر
بىزدە ھەممە نەرسە كام!
بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئاخماقلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك تاغىرىنى 250 يۈەندىن ئىلىپ ئۆيىگە بىسىۋاپتۇ…
بىزغۇ ئويدىن ئاشلىق،ماي،تۇز قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويمايمىز.
ئۆيدە ھازىر بۇرۇن بىسىپ قويغان بىر يىرىم تاغا تۇزبار…
كۆپچىلىكنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى سورايمىز
ۋاي ئاللا ھەيران بولغانلىقىمدىن خەتنى خاتا ئوقۇغىنىمنى قاراڭلار ھەي ما تىمىنى ئالدىراپ ئوقۇپ ۇ بىلەن و نى پەرىقلەندۈرەمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قاپتىمەن ، تاس قاپتىمەن راس ئوخشايدۇ دەپ ئەتە تاللا ۋازىرى ئېچىلىشتىن بىر سائەت بۇرۇن بېرىپ ئۆچرەت ساقلاپ تۇز بۇلىغىلى!!!
تۈنۈگۈن بىر خېرىدار تېلفۇن قىپتۇ. تۇز ئالالىدىڭمۇ دەيدۇ. نېمىشقا ئالىمەن دېسەم، ھەممە ئادەم تۇز بۇلىغىلى تۇرۇپتۇ، نەچچە سائەتلەپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئالامماپتۇمىش. مەن قانداق قىلسام بولا دەيدۇ. ئۆيۈڭدە يوقمىتى دېسەم ئۆتكەن يىلىدىن ئاشقان بىر بولاق بارتى دەيدۇ
ئالىدىغىنى يىلدا بىر بولاق. ئەنسىرەشكە چۈشۈپتۇ بۇ بايقۇش. گەپكە پۇتلاپ تازا زاڭلىق قىپتىمەن…
ئىنساپسىز ئادەملەر ئىتنىڭ قۇرتىدەك كۆپىيىپ كېتىپتۇ.
ئاۋۇ رەسىمنى بەك كەلتۇرۋېتىپسىز جۇمۇ.
مەندىغۇ قەتئى ئەنسىرەش بولمىدى.
چۈنكى مەللىمىزنىڭ تۆۋەن تەرپىدە كىچىكىمىزدىن ئىچىپ چوڭ بولغان
‹شو تۇزى› بار ئەمەسمۇ…….
مېنىڭچىمۇ شۇنداق…
ۋاي ئاللا… مانى كۆرۈپ تازا كۈلۈپتىمەن، تۈنۈگۈن ئۆيگە قايتىپ ئۇچرىغانلاردىن سورىغىنىم بۇ يەردە تۇزنىڭ باھاسى ئۆستىمۇ؟
سەھرا يىرىدە ھىچكىم بۇنداق خەۋەرلەرگە دىققەت قىلمايدۇ ، لىكىن بۇ يەردىكى تۇزنىڭ ھەممىسى نامەلۇملار تەرىپىدىن تولۇق يىغىۋىلىنىپتۇ(خىلى نوپۇزلۇق ئاقساقالدىن بىرسى شۇنداق دىدى)
بىز تۇزدىن غەم قىلمايمىز، چۈنكى جاڭگالدىكى شورلۇقتىن تەبئىي تۇز چىقىپ تۇرىدۇ،پەقەت يودلا كام شۇ ….
ئەمەلىيەتتە يود كەممۇ ئەمەس. زاۋۇتتىن چىقمىغانلا يېرى بار شۇ!
ھەي ، ئۇنىما دەيمىز – بۇنىما دەيمىز قىسقىسى ھازىر( ئۆچكە جان قايغۇسىدا، قاسساپ ياغ قايغۇسىدا)
نىمىشقا بۇنداق تۇز كەمچىل بولىدۇ جۇڭگو نىڭ تۇزلىرىنى ياپۇنغا يۆتكىۋەتتىمۇ يا
تۇز تاپالماي قالغانلار بىزنىڭ بايغا كىلىڭلار تۇز مازا دەپ بىر يەر بار.. 1000 يىل يىسەڭلارمۇ تۈگمەيدۇ.. ئاتا بوۋىلىرىمىزمۇ ئىشلىتىپ تۈگىتەلمەي قېلىپ قالغان تەۋەرۈك تۇزلار ئۇ.
يەر تەۋرىدى ، ياپۇنلار ئۆلمىدى ؛
كەلكۈن كەلدى ، ياپۇنلار ئۆلمىدى ؛
يادىرو قويۇپ بېرىلدى ، ياپۇنلار ئۆلمىدى ؛
جۇڭگودا تۇز سېتېۋېلىش ئاپىتى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ،ياپونلۇقلار كۈلۈپ ئۆلەپ قالدى …
يو ….تـورخۇمارغا تۇنجى قېتىم تېلىفۇندا ىنكاس يېزىشىم
نېمە دىگەن تەس …
بىر تاللا بازىرىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆچرەتتە تۇتۇپ تۇز ئېلىۋاتقاندا بىر موماي خىيالىغا كىرىپ چىقماي تۇرغىدەك، شۇنىڭ بىلەن بىرى ئۇ مومايدىن: موما سىز نىمىشقا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تۇز ئېلىۋالمايسىز؟ تۇز تۈگەپ قالاي دېدى.- دەپ سورىسا . ئۇ موماي خىيالىغا كىرىپ چىقماستىن:
-سارىستا ئالغان تۇزنى تېخى ئىشلىتىپ بولالمىغان دىگۈدەك.
GoodLuck ماۋۇ گەپ يۇمۇرمۇ يا راست بولغان ئىشمۇ؟
بۈگۈنكى خەۋەرگە قارىغاندا س س م ب تۇزنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈپ ساتقانلارنى گەپ- سۆز يوقلا ياساۋىتىپتۇ…ئەڭ ياخشىسى ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەيلى!
بىزنىڭ ئۆيدە تۇز بار ، كىمگە لازىم ؟
بۇنىڭ ھەممىسى “يود قوشۇلغان تۇزنى ئىستىمال قىلغاندا يادرو رادىئاتسىيەسىدىن مۇداپىئەلىنىشكە بولىدۇ” دىگەن ئىغۋا تېرىغان بالا ، ئامال يوق ، ھەممە ئادەم جىنىغا ئامراق .
بىر ئوغۇل بىر قىزغا توي تەكلىۋى قويۇپتۇ،
قىز سوراپتۇ: ماشىناڭ بارمۇ ؟
ئوغۇل: يوق
قىز: ئۆيۈڭ بارمۇ؟
ئوغۇل: يوق
قىز: مۇشۇ ھالىڭغا ماڭا توي تەكلىۋى قويماقچىمۇ؟
ئوغۇل: مەندە تۇز بار!! ……
قىز: يۈر، توي خېتى ئالايلى!!!!!!!!
ھازىر بىر خەۋەر كۆردۇم. تۇزنى كۆپ يەپ بىرسى ئۆلۈپ قاپتىمىش.. ..
راست شۇنداقمۇ يا چاقچاقمۇ ،بولسا تور ئادىرسىنى يوللاپ قويساق بولىتى~!
تۇز تاپالمىغانلار ‹ئۆلۈك دىڭىز›غا بىرىڭلار بىر ئېستاكان ئېچسەڭلار …ئېككىنچى تۇزنىڭ دەردىنى تارتمايسىلەر …ھى ھى ھى
كالتىسىي كەم بولمىسۇن دېسىڭىز يودلۇق تۇز ئىشلىتىڭ!
سارس بولماي دېسىڭىز يودلۇق تۇز ئىشلىتىڭ!
قۇش زۇكام بولماي دېسىڭىز يودلۇق تۇز ئىشلىتىڭ!
ئەيدىز بولماي دېسىڭىز يودلۇق تۇز ئىشلىتىڭ!
بىئو_خېمىيە كېرىزىسىنى كۆرمەي دېسىڭىز يودلۇق تۇز ئىشلىتىڭ!
ماقۇل بىگىم شۇندا قىلىلى ~~~~
يەر تەۋرىدى كەلكۈن كەلدى يادرۇ قويۇپ بېرىلدى ،ياپونلۇقلار ئۆلمىدى جۇڭگودا تۇز سېتېۋېلىش ئاپىتىنى ئاڭلاپ ،ياپونلۇقلار كۈلۈپ ئۆلۈپ قالدى..