يەرشارىنى توختىماي 11 يىل ئايلىنىپ ساياھەت قىلغاندىكىن، يامان ئەر-خوتۇنلاركەن بۇ…
مانا بۇ ھەقىقىي فانتازىيەلىك تۇرمۇش! بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئىزچىل يولدا تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن، ھەتتا كېتىۋېتىپ 4 پەرزەنتلىكمۇ بولغان!!!
Zapp ئەر-خوتۇن 1996-يىلى توي قىلغان، تويدىن كېيىن ئۇلار تۇنجى قېتىملىق ساياھەتنىڭ تەمىنى تېتىغان ۋە ئۆي سېتىۋالماسلىقنى، بۇندىن كېيىنكى ھاياتىنى يول ئۈستىدە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغان. ئۇلار سەپەرنى قەتئىي توختىتىپ قويماسلىققا قەسەم ئىچىپ، 2000-يىلى سەپىرىنى رەسمىي باشلىغان. بىر دانە 1928-يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان كونا پاسوندىكى ماشىنىنى ھەيدەپ ئارگېنتىنادىن يولغا چىقىپ، جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زىللاندىيە قاتارلىقلاردىن ئۆتۈپ ھازىر ئاسىيا رايونىغا كەلگەن.
ئەرنىڭ ئىسمى Herman بولۇپ، سان-فرانسېسكودا تۇغۇلغان، كىچىك چېغىدىلا بوۋىسىغا ئەگىشىپ ئارگېنتىناغا كەلگەن ۋە 10 يېشىدا بولغۇسى ئايالى Candelaria بىلەن تونۇشقان، ئەينى چاغدا Candelaria پەقەت 8 ياش ئىدى.
ئۇلار ئىشلەتكەن قاتناش قورالى ئاللىقاچان 83 ياشقا كىرگەن بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى ئاران 40 ئېنگلىزمىلى(1 ئېنگلىزمىل 1.609344 كلومېتىرغا تەڭ) كېلەتتى.
2004-يىلى ئۇلار ئارگېنتىناغا قايتىپ ئولتۇراقلىشىپ قالماقچى بولغان، ئەمما بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇلار تۇيۇقسىز سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇش قارارىغا كەلگەن ۋە شۇندىن كېيىن قەتئىي توختاپ قالمىغان.
ئۇلارغا بىردىنبىر تەس كەلگىنى، پەرزەنتلەرنى تەربىيلەش مەسىلىسى بولۇپ، ياخشى يېرى توردىن ھەممە نەرسىنى تاپقىلى بولاتتى. Zapp ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن قەرەللىك ھالدا توردىن مۇناسىپ دەرسلىكلەرنى چۈشۈرۈپ ساقلاپ ماڭغان ۋە بالىلىرىغا ئوقۇشلۇق قىلىپ تەمىنلەپ بەرگەن.
Herman دەيدۇ: «يەنە قانداق نەرسە پەرزەنتلەرنى تەربىيلەشكە دۇنيانى ئايلىنىشتىن بەك ياخشىدۇ؟»
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، ساياھەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,374 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: zapp-travel-world.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تورداشلار «تۇز» غېمىدە قالدى! راستىنلا مۇشۇنداق بۇلاپ سېتىۋېلىشنىڭ ئورنى بارمىدۇ؟!
- كېيىنكى يازما > بىر ئەر iPad 2 ئارقىلىق توي تەكلىۋى قويۇپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان! بويتاقلار iPad كە سەل قارىماڭلار!!!
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- كاللىنى ئارام ئالدۇرىدىغان بىر يۈرۈش تېزلەتمە ساياھەت مەنزىرىلىرى | دۇبەي/شاڭخەي/پارىژ/نورۋېگىيە
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
مەن خام خىيال قىلىدىغان ئىشلاردىن بىرى ئىدى بۇ
جوڭگوغا كەلگەندە سەپەر خوش ياقماس بولۇپ قالامىكىن بۇ ئەر-خوتونغا…
بۇلار خىراجەت مەسلىسىنى قانداق قىلغاندۇ ؟ يولدا يا پۇل تاپقاچ ماڭغىلى بولمىسا ؟ ماشىنىمۇ بەك كونا ئىكەن ، بۇزلۇپ قالسا سايمانمۇ تاپالمىغۇدەك بۇلار ياخشىراق ماشىنا ھەيدىسىچۇ؟
ئەمما جۇڭگوغا كەپ قالمىسۇن ، قانۇنىمىزغا كۆنەلمەيدۇ ، 1. بەش كىشلىك ماشىنىغا 6 ئادەم ئولتۇرسا كىچىك بالا بولسىمۇ ئوخشاش چەكلىنىدۇ. 2. ماشىنىنىڭ شىڭيەن ۋاقتى توشاپ ئېشىپ كىتىپتۇ ، بوپى قىلىش كېرەك . بۇلار جۇڭگودا جەرىمانىدىن قۇتۇلالمىغۇدەك …
ما گەپنى ناھايتى توغرا قىلدىڭىز
ھى ھى ھى
سىلەر پىلانلىق تۇغۇتنى ۇنتۇلۇپ كاپ سىلەر
بالىلىرىنىڭ مائارىپ مەسىلىسىنى قانداق بېرتەرەپ قىلغاندۇ.
ئۇلار تور ئارقىلىق بالىلارنىڭ مائارىپ مەسىلىسىنى ھەل قىپتىغۇ،، توردىن توخۇ سۈتدىن باشقىنىڭ ھەممىسى بار تورسا ،،،.
مەنمۇ خىراجەت مەسىلىسىنى ئويلاپ قالدىم بۇلارنىڭ …….
ياكى بولمىسا ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان مال-دۇنيالىرى بار بويغۇيمىدى
خىراجەت مەسىلىسىنى چوقۇم بىر تەرەپتىن ھەل قىلىپ ماڭدى بولمىسا ئارگىنتىنادىن ئاسىياغا ساياھەتكە كېلىشكە ئوننەچچە يىل كەتمەيدۇ ، ھەر قانچە قىتتە ئاتلىسىمۇ !
مەنمۇ خىراجەت مەسلىسىنى ئەڭ باشتا ئويلىدىم ، بۇ يەرلەدە سەپەرگە چىقىپ كەلسەك يانچۇق قۇرۇغدىلىپلا قالىدۇ
ھاياتنىڭ مەنىسىنى ئەگرى توقالىقتا دەپ كۆلدىلا مىڭىپتۇغۇ بۇلا…جاھاندىىكى ھىچ ئېشتىن خەۋىرى يوقمىدۇ؟؟؟
ئاشۇ ماشىنا بىلەن ئاسىياغا كەلگەن بولسا شۇنچە چوڭ ئاتلانتىك ئوكياندا پاراخوتقا سېلىپ ئەكەلگەنمىدۇ؟
ئاۋۇ ماشىنا 83 يىل بوپتۇ ، تىخىچە مىڭىشتىن توختاپ قالماپتۇ … بىزنىڭ مەيەدىكى ماشىنا بولغان بولسا …