ئەگەر 25 يىل بۇرۇن Microsoft نىڭ پايچېكىنى سېتىۋالغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا بۈگۈنكى كۈندە…
1986-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا 10 يىلدىن ئاشقان مىكروسوفت شىركىتى رەسمىي ھالدا پاي چېكىنى بازارغا سېلىپ، 61 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ توپلىدى. شۇ ۋاقىتتا 30 ياشقا كىرگەن بىل.گېيتىس ئۆزىنىڭ پېيىغا تايىنىپلا، بۈگۈنكى كۈندىكى كاتتا بايغا ئايلاندى…
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى، يەنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى مىكروسوفت پايچېكىنى بازارغا سالغىنىغا دەل 25 يىل بولىدۇ. ئەگەر سىز 25 يىل بۇرۇنقى ئالدىن كۆرەر، بازار ۋە ئېھتىياجىنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدىغان، شىركەتلەرنىڭ مالىيە دوكلاتىغا ئاساسەن ئۆزگىچە يەكۈنلەرنى چىقىرالايدىغان كىشى بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ باھاسى 21 دوللارلىق پاي چېكىدىن 100 دانىنى سېتىۋالغان بولسىڭىز، بۈگۈنكى كۈندە قانچىلىك پۇلنىڭ ئىگىسىگە ئايلىندىغانلىقىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟
ئۇنداقتا، بىز بىرلىكتە ھېسابلاپ باقايلى، مىكروسوفتنىڭ 21 دوللارلىق 100 دانە ياپچېكىنىڭ باھاسى 2100 ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ. ئۆتكەن 25 يىلدا مىكروسوفت پايچېكلىرىنى توققۇز قېتىم بۆلدى، ئۇنداقتا ئەينى ۋاقىتتىكى 100 دانە پايچېكى بۈگۈنكى 28 مىڭ 800 دانە پايچېكىگە تەڭ بولىدۇ. بۇنىڭ قانچە پۇل بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇ 750 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ.
1999-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى مىكروسوفتنىڭ پاي باھاسى 58.38 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئەگەر ئۇ سىز مىكروسوفتنىڭ پايچېكىگە ئايلانغان بولسىڭىز، 1 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئىگىسىگە ئايلانغان بولاتتىڭىز!!!
قانداق؟ مەبلەغ سېلىشنىڭ سىزگە بەرگەن دوكلاتى قانداقراقكەن؟ مانا بۇ پۇرسەت دېيىلىدۇ، پۇرسەتپەرەسلەر ئۈچۈن بۇنداق پۇرسەتنىڭ بار ئىكەنلىكى 25 يىلدىن، ھەتتا 50 يىلدىن كېيىن مەلۇم بولىدۇ، بەلكىم بىر ئۆمۈر ئۇلار بۇنداق نەرسىنىڭ دۇنيادا مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە گۇمانىي قارىشى، ھەتتا ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن. ئۇلار پەقەت كۆرگىلى، تۇتقىلى، يېگىلى بولىدىغان نەرسىلەرگە پاي قوشۇش ناھايىتى ئىشەنچلىك دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئەتىدىن كەچكىچە پالاقلاپ يۈرۈپ، باشقىلارنىڭ يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىدىن باشقىغا يارىمايدۇ، ئۇلار شىركەتلەرنىڭ مالىيە دوكلاتلىرىنى كۆرۈپ بىر نەرسىنى چۈشىنىش تۈگۈل، يەنىلا ئۆزىنىڭ بىر تال موخوركىسىنى چېكىپ، ئاسان پۇل تېپىشنىڭ يوللىرىنى ئويلايدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: پايچەك، پۇرسەت، پۇل، مىكروسوفت
- يازمــا مەنبەســى: [ مەنبە: نۇر تورى ]
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,645 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: microsoft-stock.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن يامان ئىش قىلىشقا ئامراق؟
- كېيىنكى يازما > تورداشلار «تۇز» غېمىدە قالدى! راستىنلا مۇشۇنداق بۇلاپ سېتىۋېلىشنىڭ ئورنى بارمىدۇ؟!
- پۇل خەجلەپمۇ ھۆرمەت تاپالمايدىغان 12 ئىش
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن
- ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺕ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﮪﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﺮﻻﺭ
- بىت تەڭگىسى (Bitcoin) دىگەن نېمە؟ قانداق ئىشلىتىمىز ؟
- ئامېرىكىدىكى پۇل كۆيدۈرۈش ماشىنىسى – ھوللىۋود كىنولىرى | داڭلىق كىنولار ئارقىسىدىكى غايەت زور كاپىتال ھەققىدە
- ئۇيغۇرچە Windows 8 سېتىۋالالمىغانلارغا يەنە بىر پۇرسەت – ھەقىقى نەشىردىكى 8 Win يەنىلا 250 سوم (سانى چەكلىك)
- پۇل تېپىش بىرگەپ،خەجلەشمۇ بىرگەپ | تېخنىكا دۇنياسىدىكى مىليادىرلار پۇلنى قانداق خەجلەيدۇ؟
- يېڭى يىلدىكى يەنە بىر خۇشخەۋەر: Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقماقچى!
مانا 2- قىتىم تۆدەر ئولتۇرۇش نىسىپ بولۇپتۇ، مۇمكىن بولسا مۇشۇ پاي چىكى توغرىسىدا تەپسىلىرەي توختالسىڭىز بوپتىكەن، بىزمۇ ئويناپ باقساق
ئوھوي قىنى بۈگۈنكى دىۋان چىلار
ئاللا ھازىر قارىسام يوقتى بۇئىنكاس 2 سىكىنۇت كىيىن قاپتىمەندە ھەي!!!
بۈگۈن سەل تېزراق كەپقالغان چىغىم بار
مەن تور خۇمارغا پاي قوشايمىكى
تورخۇمار پىيىڭلىنى چىقاساڭلار تۇگەيدىكەن پىيىڭلار … مەنمۇ ئالامەن …
بىزنىڭ ئىشخانىدا بىر ئاداش ئوينايتتى بۇ پايچەك دىگەن نىمنى ، ئۇگۇنەي دەپمۇ ئۇگۇنەلىمىدىم دىسە !
قىزىق گەپ 25 يىل بۇرۇن سېتىۋالغان بولساڭلا…… 25 يىل بۇرۇن پايچەك سېتىۋېلىش ئەمەس، بىر ۋېلىسپىت سېتىۋېلىش مۇ چوڭ ئىش تۇرسا، بۇ پايچەك كىمنىڭ چۈشىگە كىرىپ چىقسۇن…… خاتا ئەمەستۇ
خاتا ئەمەس، ھەق سۆز، بىراق ئاشۇنداق بولۇشىنى بىلدىغان ئادەم بولسا قانداقلا قىلسا شۇ پۇلنى تىپىپ سېتىۋىلىشنى ئويلايدۇ ئەمەسمۇ؟
دادام بىلىپ ئالغان بولسا باي بولوپ كىتەتتىكەندە ..(چاخچاق)
ھەي ، مەن 25 يىل بۇرۇن ئانامنىڭ قوسقىدىن چۇشكەن بولسام بۇرۇنراق ئالدىن كۆرەر دۇۋاغانلارغا ئوقۇتۇپ ئېلىپ قويدىكەن مەن ئەمەسما
بۇرۇننىڭلا گىپىنى قىلماي ھازىر سىتىۋالساقمۇ بولىدۇ مەن بىر سىنىڭ مۇنداق گىپىنى ئاڭلىغان ‹‹بىر ئشنى باشلاشقا كىچىككەنلىگىنى بىلگەن چاغ ، شۇ ئىشنى باشلاشنىڭ دەل ۋاقتى ››
…پايچەك ئويناش ئۇنچە ئاددى ئېش ئەمەس سەبىلەر
مىنىڭ كۈزتۈشىمچە ھازىر ئالساڭلار يەنە 25 يىلدىن كىيىن ئوخشاش پايدىغا ئىرشەلەيدىكەنسىلەر،،،سىلەر ئۇ چاغدا بۇ $لارلارنى نەۋرەڭلارغا بۈلۈپ بەرسەڭلار بۇلىدۇ؟
باللا، پايچەكنى نېمە بىلەن ئوينايدۇ؟
پۇل بىلەن !
ماۋزېدوڭ ۋە كاللا بىلەن ؟
1 سوم نى ھازىر مەبلاخ سېلىپ قويسىڭىز 100 يىلدىن كېيىن مىليادىر بولشىڭىزدا گەپ يوق
پايچەكنى ئويناشنىڭ ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرماپتۇ ھېچقايسى ……
ھەممىسى قۇرۇق گەپ سېتىپ ………
سەل ھۆلدەپ ساتامدۇقيا تورخۇمار بۇ ، پايچەك خۇمار ئەمەس … قانداق كەلدىمۇ باللا