ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن يامان ئىش قىلىشقا ئامراق؟
ھايۋانلارغا سېلىشتۇرغاندا ئادەملەر ئۆزىگە زىيانلىق پائالىيەتلەرنى قىلىشقا بەكرەك ئامراق بولسا كېرەك. مەسىلەن، يالغان سۆزلەش، ئالدامچىلىق، ئوغرى-بۇلاڭچىلىق، بەدىنىگە تۆشۈك تىشىش ۋە رەسىم چېكىش قاتارلىق بۇزغۇنچىلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە پەردازلاش، ئارتۇقچە تىت-تىت بولۇش، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، قاتىللىق…ۋاھاكازالار. بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئامېرىكا «نەق مەيدان ئىلمى ژۇرنىلى» غا بېسىلغان بىر پارچە ماقالىدە ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ھالاك قىلىش تىپىدىكى سەككىز تۈرلۈك پائالىيىتىنىڭ مۇددىئاسى ئېچىپ بېرىلگەن.
1.يامان ئادەتنى ئۆزگەرتىش
كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، گەرچە مەلۇم بىر تۈرلۈك ناچار ئادەتنىڭ بىزگە ئىنتايىن زۆرۈر زىيان كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، ئۇنىڭدىن ئاسانلىقچە قول ئۈزەلمەيدىكەنمىز. كانادا ئالبېرتا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنسانلارنىڭ ناچار ئادەتلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سېنگى جارىدىننىڭ قارىشىچە، تۇغما بىزارلىق روھى ھالىتى، خەتەرنىڭ ماھىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە چۈشەنمەسلىك، ساغلام بولمىغان ئادەتلەرنى ئەقىلگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش، شۇنداقلا ناچار ئادەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىرسىيەت ئامىللىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىنسانلارنىڭ يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى قىيىن بولىدىكەن.
2.ئوغرىلىققا خۇمار بولۇپ قېلىش
ئېھتىياج-ئوغرىلىق قىلىشتىكى مۇددىئا. ئوغرىلىققا خۇمار بولۇپ قالغانلار ئوغرىلىق قىلمىشىدىن غايەت زور غىدىقلىنىشقا ئېرىشەلەيدىكەن. ئامېرىكىدىكى 43مىڭ ئادەم ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 11% ئادەم ئۆزلىرىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم ماگىزىندىن قولىغا چىققان نەرسىنى يوشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا مىننېسوتا ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىدىكى جىن گىلانىد، بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئوغرىلىغان نەرسىگە پۇل تۈلەشكە تامامەن قۇربى يىتىدۇ، دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
مۇتەخەسسىسلەر ئوغرىلىق خۇمارىنىڭ يىلتىزى گېنىدا بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. دەرۋەقە، بۇ جەھەتتە مايمۇنمۇ ئادەملەرگە ئوخشاش ئىكەن. يۆگىمە قۇيرۇق مايمۇن بىر يۈرۈش ئالاھىدە سىگنال تارقىتىپ، ھەمراھلىرىغا يىرتقۇچلارنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىق خەۋىرىنى تارقىتىدىكەن. بىراق، بەزى يۆگىمە قۇيرۇق مايمۇنلار يالغان سىگنال تارقىتىدىكەن. ئالدانغان باشقا ھەمراھلىرى مىڭبىر جاپادا تاپقان يېمەكلىكلىرىنى تاشلاپ ئالدىراپ-تېنەپ جېنىنى ئېلىپ قاچىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى يالغان سىگنال تارقاتقان ئالدامچى مايمۇن مول غىزادىن تويغۇچە ھۇزۇرلىنىدىكەن.
3.ئالدامچىلىق تۇغما تەبىئەت
ئىنسانلار دائىم يالغان سۆزلەيدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا يالغان سۆزلەش كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئامېرىكا ماسساچۇسېتس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسى پروفېسسور روبېرت فېردىمان ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئەمەلىيەتتە يالغان سۆزلەشكە تېخىمۇ بەك يۇقىرى «سەۋىيە» كېتىدىكەن. كىشىلەر يالغان گەپ توقۇغان چاغدا ئىشلىتىلىدىغان سۆز-جۈمىلىلەر ھەقىقىي پاكىتنى بايان قىلغان ۋاقىتتىكىدىن 30%ئەتراپىدا كۆپ بولىدىكەن. كىشىلەرنىڭ ئېلخەتتە يازغان يالغان گېپى قولدا يېزىلغان يالغان خەتنىڭكىدىن كۆپ بولىدىكەن. يالغان سۆزلەشنىڭ كونكرېت مېخانىزمى ئېنىق ئەمەس، بىراق ئۇ چوڭقۇر قاتلامدىكى پسىخىك ئامىللار باغلىنىشلىق. فېردىماننىڭ قارىشىچە، يالغان سۆزلەش بىلەن غۇرۇر ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
كىشىلەر سەمىمىيلىكنىڭ بىر خىل گۈزەل ئەخلاق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، ئامېرىكا مۇستەقىل خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى پىيور تەتقىقات مەركىزى ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، تەخمىنەن5/1قىسىم ئامېرىكىلىق باج يىغقاندا ئازراق نەيرەڭۋازلىق قىلىپ قويۇشنى«قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ» ياكى«ئەخلاق مەسىلىسىگە ياتمايدۇ» دەپ قارايدىكەن. تەخمىنەن 10%ئادەم «تالاغا قاراپ قىلىش» قا قارىتا زىددىيەتلىك پوزىتسىيە تۇتىدىكەن.
4.كۈچلۈكلەردىن قورقۇپ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش
كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى كۈچلۈكلەردىن قورقۇپ، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ باققان.2009-يىلى، ياۋروپادىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا مەكتەپتە باشقىلارنى بوزەك قىلىپ باققان بالىلارنىڭ ئۆيىدىمۇ قېرىنداشلىرىنى بوزەك قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى ئېنىقلانغان. ئەكسىچە بولغانلارنىڭ ئۇنداق بولمىغان. ۋەھالەنكى، بۇ خىل ئەھۋال پەقەت بالىلارغىلا خاس ئەمەس ئىكەن. تەتقىقاتتىن بايقىشىچە، تەخمىنەن30% ئامېرىكىلىق باشلىقى ياكى خىزمەتداشلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ باققان ئىكەن. ئامېرىكا ئارىزونا ئىشتاتىلىق ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ساغلاملىق ۋە خىزمەت تۈر مەركىزىنىڭ مۇدىرى سارا تېرىس كۈچلۈكلەردىن قورقۇپ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشقا«زىددىيەتنىڭ بارا-بارا ئۇلغىيىشى بولۇپ، تەدرىجىي جۇغلىنىشنىڭ نەتىجىسى» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن. پسىخولوگلار، باشقىلارنى بوزەك قىلىشتىكى مەقسەت ئورۇن ۋە ئىمتىيازغا ئېرىشىش ئۈچۈن دەپ قارايدىكەن.
زوراۋانلىق ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شۇڭا، بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار«بىز زوراۋانلىققا تەشنا، ئۇ بىزنىڭ قان-قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن» دېگەن يەكۈننى چىقارغان. ئامېرىكا «روھىي كېسەللىك فارماكولوگىيىسى» ژۇرنىلىغا بېسىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، كىشىلەرنىڭ زوراۋانلىققا بولغان تەلىپى جىنسىيەت، ئوزۇقلۇق ۋە زەھەرلىك بۇيۇملارغا بولغان تەلىپىدىن قېلىشمايدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن. تەتقىقاتچىلار، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىلا تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ خىل قىلمىش جورا، تېررىتورىيە، يېمەكلىك قاتارلىق مۇھىم مەنبەلەرگە ئېرىشىش ۋە ئۇلارنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان،
ۋەھالەنكى، پاكىتلاردىن شۇ نەرسە ئايان بولدىكى، ئىنسانلار تىنچلىقنى بەكمۇ سۆيىدۇ.
5.گۈزەللىك ئوپېراتسىيىسى
مۆلچەرلىنىشىچە،2015-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكا پۇقرالىرى ئىچىدە تۈرلۈك شەكىلدىكى گۈزەللىك ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى 17% گە يىتىدىكەن. ئادەملەر نېمىشقا«بەدەن نەقىشلەش» كە شۇنچە ئاچ كۆزلۈك قىلىدۇ؟ ھۆسن تۈزەش ئۇزاق تارىخقا ئىگە. قەدىمكى دەۋرگە سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى دەۋر ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيىسىدىكى تېرىنى تارتىش، ياغ تارتىش، قوش قاپاق چىقىرىش، چىش تۈزەش قاتارلىقلار قارىماققا زىيانسىزدەك كۆرۈنىدۇ.
ئامېرىكا ئاياللار ۋە ئائىلە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پسىخولوگ ئاننا روكمان مۇنداق دەيدۇ«شۇنداق بىر قاراش باركى، ئادەم چىرايلىق بولسا ئۆزىگە بولغان تۇيغۇسىمۇ ياخشى بولىدۇ، خۇشال ياشىيالايدۇ. ھەممىلا ئادەم گۈزەللىكنى سۆيىدۇ. ئىقتىسادىي بوھران دەۋردە باشقا تۈردىكى ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيىسىنىڭ سانى ناھايىتى ئازلاپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، لازېر نۇرى بىلەن قورۇق يوقىتىش ئوپېراتسىيىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن»
6.بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش
بېسىم يۈرەك كېسەللىكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھەتتا راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇلار ھەر ۋاقىت ئادەملەرنىڭ جېنىنى ئېلىشقا يىتىپ ئاشىدۇ. قايغۇ كىشىنى دەرد-ئەلەمگە باشلايدۇ، دەرد-ئەلەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ۋەھالەنكى، بېسىمنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى ھازىرغىچە بېكىتىلگىنى يوق. كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن، ھازىرقى دەۋردىكى ئەڭ ئاساسلىق بېسىم خىزمەت ئورنى مەسىلىسىدۇر. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيادا 600مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ھەپتىسىگە 48سائەت ئېسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىكەن. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ۋە كەڭ بەلۋاغلىق تور كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە دەم ئېلىش ۋاقتى ئارىسىدىكى پەرقىنى تېخىمۇ بەك غۇۋالاشتۇرۇۋەتتى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ يېرىمى دېگۈدەك قېلىپ قالغان خىزمەتلىرىنى ئۆيلىرىدە ئىشلەيدۇ. باشقا تەتقىقاتلاردا يەنە بالا تەربىيىلەشمۇ بىر تۈرلۈك زور بېسىم مەنبەسى دەپ قارالغان.
ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرى دائىم چېنىقىپ تۇرۇش، قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش بېسىم ئۈستىدىن غالىپ كېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى دەپ تەكىتلىدى.
7.قىمار خۇمارى
قىمار خۇمارى ئادەم تۇغۇلغاندىن تارتىپلا باردەك قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا قىماردەك بۇنداق بۇزغۇنچىلىق تىپىدىكى قىلمىش ئاندىن كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىڭىپ قالىدۇ. ئامېرىكىدىكى «نېۋرون» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، قىماردا ئۇتۇش چوڭ مىڭىدىكى«غەلىبە» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۈدۈرلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، قىمار خۇمارىنى تېخىمۇ بەك كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئەنگلىيە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى لۈك كىراكنىڭ قارىشىچە، قىمارۋازلار دائىم«ئاران تەستە يېڭىش» نى«تولۇق غەلىبە» دەپ چۈشىنىۋالىدىكەن-دە، ئوينىغانسېرى خۇمارى ئېشىپ بارىدىكەن. بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە مەغلۇبىيەت قىمارۋازلارنى ئۆزىنى كونترول قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدىكەن.
8.غەيۋەتخورلۇق
ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتشۇناسى روبىن دېنبا مۇنداق دەيدۇ«بابۇنلار(ئىتباش مايمۇن) بىر-بىرىگە ئوخشاش ياسىنىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى ساقلايدۇ ھەم مۇستەھكەملەيدۇ. بىراق، مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلەرنىڭ غەيۋەت قىلىشتىكى مۇددىئاسى گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇش ئىكەن. كۆپىنچە ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ غەيۋەت قىلىشتىكى ھەقىقىي مۇددىئاسى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاش ئەمەس، بەلكى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ تەرەپنىڭ مەنپەئەتنى قۇرغان قىلىش بەدىلىگە بىر خىل ساختا «ئىتتىپاقلىق كۆرۈنۈشى» نى ياساپ چىقىش ئىكەن.
ئامېرىكا جەنۇبى فلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پسىخولوگىيە پروفېسسورى جېننىفىر بالسوننىڭ قارىشىچە، ئىككى ئادەم ئوخشاش بىر ئادەمگە ئۆچ بولغاندا، ئۇ ئادەم ئۈستىدىن غەيۋەت قىلىدىكەن. نەتىجىدە، ئۇ ئىككىيلەننىڭ يەنىمۇ بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئەخلاق، ئىنسان
- يازمــا مەنبەســى: [ مەنبە: ئۇيغۇر پايچېكى تورى ]
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,507 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: do-bad-things.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 19 ياشلىق يىگىت 5800 پارچە ئەينەكتىن پايدىلىنىپ «ھالاكەت نۇرى» ياساپ چىققان
- كېيىنكى يازما > ئەگەر 25 يىل بۇرۇن Microsoft نىڭ پايچېكىنى سېتىۋالغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا بۈگۈنكى كۈندە…
- قۇلىقىڭىز قانچە ياشقا كىردى؟ | قىزىقارلىق ئاڭلاش سىنىقى، قۇلىقىڭىز قېرىپتىمۇ ياكى تېخى شاشمىكەن؟
- ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىشلەنگەن ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى ئېلانلار
- قوشكېزەك ئەمەس، ئەمما تەققى تۇرقى ئاجايىپ ئوخشايدىغان ناتونۇش كىشىلەر، ئوخشاڭ دېسە شۇنداقمۇ ئوخشىغان بارمۇ دەيمەن
- ئامېرىكىدا ئاپتوموبېللار مەكتەپ ئاپتوبۇسىغا يولۇققاندا قانداق قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- ھەر بىر ئىنساننىڭ قەلبى ۋە روھىي دۇنياسىدا ئەنە شۇنداق بىر LOVE.EXE ( سۆيگۈ ) پروگراممىسى بولىدۇ…
- ئىجادىي كارتون فىلىم cake – ماددى جەمئىيەتتىكى نەپسانىيەتچىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ھالاكەت!
- بىكار بولسىڭىز كىرىپ كۆپچىلىك بىلەن ئوغۇللار ۋە قىزلارنىڭ قانداق پەرقلىرى بارلىقىنى مۇنازىرىلىشىپ باقمامسىز؟!
- ئېغىرلىق كۈچى نۆل بولغان مۇھىتتىكى تىنچلىقتىن ھۇزۇرلىنىش؟ ھاۋا بوشلۇقىدىكى رومانتىك ساياھەت…
- سىز ئادەممۇ؟ ئەگەر ئادەم بولسىڭىز ئادەملىك ئىسپاتى كۆرسىتىڭ!
ئادەمنىڭ تۇنجى ئەجدادىلا مۇكەممەل ئەمەس ئىدى
ئادەم ئاتا ھاۋا ئانا مۇ سەۋەنلىكتىن خالى بولغان ئەمەس~!شۇڭا بىزلەرنىڭ قېنىمىزدا بار ئوخشايدۇ~!
غەيۋەت غەيۋەت….يەنە غەيۋەت!
ئەڭ ئاستىدىكى غەيۋەتخورلۇق ما تېما ئاستىدىمۇ 3 كىلو بارئىكەن
ۋەتەن ئەپەندى كىيىنكى قېتىملىق يارىلىشىدا ئادەملىكنى تاللىمايدىكەندە!
ھىم………
قارىغاندا ئىنسانلار ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىمىزنى كونتىرول قىلىش سەۋيىسىگە مەڭگۈ يېتەلمەيدىغاندەك قىلىمىز؟!….
ئىنسان دېگەن ئازغۇچى ئەمەسمۇ!
ئىنسان، نۇقسان!!
چۇنكى ھازىر ئىنسانىڭ كالىسدا شەيتان ئەركىن ھەركەت قىلىدۇ !
ئىلمى ئاساسى باركەن !