ئىجادىي كارتون فىلىم cake – ماددى جەمئىيەتتىكى نەپسانىيەتچىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ھالاكەت!
بۇ يەڭگىلتەك جەمئىيەتتە، ھەر بىر كىشى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتلامغا بۆلۈنگەن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىشى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ۋە غايىسى ئۈچۈندۇر، ئەمما ئاخىرىدا مۇرادىغا يېتىدىغان كىشى ئىنتايىن ئاز ساندا ياكى يوق دېيەرلىك، مەيلى تورت قانچىلىك چوڭ بولسۇن، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا رەھىمسىزلىك بىلەن ئېكسپىلاتاتسىيەگە ئۇچرايدۇ…
ئەمەلىيەتتە مەزكۇر كارتون فىلىمدە سۆزلەنگەن مەزمۇن ئىنتايىن ئېنىق، ئىنتايىن ئاددى كىنايە بىلەن ئىپادىلەنگەن، ماشىنا، ئۆي، چەتئەلگە چىقىش، ھەممىسى يۇقىرى قاتلامدىكىلەر تەرىپىدىن ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىدۇ! ھۆكۈمرانلارنىڭ نەپسى قانچە يوغىنىغانسىرى، تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ ئارزۇيىغا يېتىش قەدىمى شۇنچە قىيىنلىشىپ ماڭىدۇ.
فىلىمدىكى بىرىنچى تورتنىڭ كۆرۈنىشى قارىماققا بىر ئادەم بىر ئۆينى تىرەپ تۇرغانغا ئوخشايدۇ، بەزى كىشىلەر يېرىم ئۆمۈر تىرىشىپ بۇ سىرلىق دۆلەت تۈزۈلمىسىگە تولغان ۋەتەندە ئاران بىر يۈرۈش ئۆي ئالغاندا، ھۆكۈمرانلار بىر يالماپلا بۇنى يۇتىۋېتەلەيدۇ، بۇ ئەجىبا قارىماققا بىر قىسىم ۋىجدانسىز ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ قىلىقى ئەمەسمۇ؟
فىلىمدىكى ئىككىنچى تورت ئوخشاشلا بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئەمما يۈدۈۋالغىنى بولسا بىر ماشىنا، بۇ دۆلەتتە كىشىلەر شەھەرلەشكەندىن كېيىنكى ئەڭ ئاساسى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن خېلىلا ھەرەج تارتىدۇ، بىراق ھەر خىل باج سېلىقلارنىڭ سەۋەبى تۈپەيلى، ماشىنا ئېلىش ئۈچۈن خېلىلا كېچىكىپ كېتىدۇ.
ئۈچىنچى تورت بولسا ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى، ئەڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن بىر يالماپلا يۈتۈۋېتىلىدۇ، كىنايە ناھايىتى ئېنىق، ئارتۇق چۈشەندۈرۈپ يۈرمەيمەن…
ماشىنا قوراللار دۆلەتكە، ئۇن بولسا باجغا، ئۇن خالتىسىنى توشۇغۇچىلار پۇقرالارغا، تورت ياسىغۇچىلار كارخانىلارغا، توشۇش بۇرژۇئازىيە قاتلىمىدىكى Boos لارغا، شەكلىنى ياساپ چىقارغۇچىلار جەمئىيەتتىكى مەلۇم ئېھتىياج بار كىشىلەرگە، تورتنى ئوراپ قاچىلىغۇچىلار ئەمەلدارلارغا، بىر نەرسە يەۋاتقىنى ھۆكۈمرانلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلار ماشىنىنى، ئۆينى ۋە ئەركىنلىكنى يەۋېتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئىشتىھايى تېخىمۇ يوغىناپ، زاۋۇت ئاللىقاچان ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماس بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل زاۋۇت ئاخىرى ۋەيران بولۇپ تاقىلىدۇ.
ئاخىرىدا بەلكىم كۆپچىلىك بايقىدىمىكىن، باشلانغاندا ئاسمان قوڭۇر رەڭدە ئىدى، ئاخىرىدا بولسا كۆك رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، بۇ ئۈمىد قالمىغانلىقنى ئەمەس، بەلكى بۇ بىر بىرنا ئۆرۈلگەندىن كېيىن «بۇلغىنىش» يوقاپ ئاسماننىڭ كۆك رەڭگە ئۆزگەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئەخلاق، تۇرالغۇ، تۇرمۇش، جەمئىيەت، قىزىقارلىق، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,162 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: cake.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 1 دىن تارتىپ 8 كىچە بولغان قانلىق جەڭ مەيدانىنىڭ توپلانما كۆرۈنۈشى! ئاجايىپ Hight!
- كېيىنكى يازما > دەھشەت قىزىقارلىق! مۈشۈكلەرنىڭ ئەسنىشىگە ئاۋاز بېرىلسە قانداق بولار؟! كۈلۈپ تارتىشىپ قالىسىز!!!
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
دىۋان….
دىۋاندا ئولتۇرۇپ بى كاسسىلىرى مايغا تولاپ ، سەمىرىو قاغاندەك قىلىلا … مارەك بولسۇن…
بەكمۇ ئوبرازلىق ئىشلەپتۇ.
———
(يېڭى دىۋانىدىن بىرى كەپتۇ دە)
فىلىم ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ … كاللىسى يىشۇ نىڭكىدەك ئىشلەيدىغاندىن بىرسى ئىشلىدىمۇ نىمە…
ئاز يىگەن جىق يەپتۇ،جىق يىگەنگە يوق.
خەنسۇرانلا ئىشلىگەندەك قىلىدۇ. بۇ خەقنىڭ كاللىسى ئەزەلدىن بەك ئىشلەيدۇ.
ماۋۇ فىلىمنى مەنمۇ خېلى بۇرۇن كۆرۈپتىكەنمەن. چۈشەندۈرۈش بەك ياخشى بوپتۇ. بىراق تەكلىپىم بۇندىن كېيىن فىلىملەرنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى بېرىلمىسە، چۈنكى بىر فىلىمنى بىر ئادەمنىڭ نەچچە قېتىم كۆرگەندىكى تەسىراتى ئوخشىمىغىنىدەك نەچچە ئادەمنىڭ ئوخشاش بىر فىلىمنى كۆرگەندىكى تەسىراتلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. بولمىسا چۈشەنچە بىر خىل بۇغۇپ قويۇلدىكەن.
مەزمۇنى بەك ياقتى. ئېسىل فىلىمدىن بىرنى كۆردۈم.
يەنىلام چۇشەندرۇش بىرىلگىنى ياخشى