نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نادىر لايىھەلەر > يازما مەزمۇنى

قوشكېزەك ئەمەس، ئەمما تەققى تۇرقى ئاجايىپ ئوخشايدىغان ناتونۇش كىشىلەر، ئوخشاڭ دېسە شۇنداقمۇ ئوخشىغان بارمۇ دەيمەن

كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە بەزىدە بىر قىسىم تەققى تۇرقى بىز تونۇيدىغان يەنە بىر كىشىگە ئاجايىپ ئوخشايدىغان ئادەملەرنى ئۇچرىتىپ قالىمىز ھەمدە ئىختىيارسىزلا: توۋا! پالانچىغا ھەجەپ ئوخشايدىكەن دەپمۇ سالىمىز. تۆۋەندىكى بىر يۈرۈش سۈرەتلەر، ھەر بىر پارچە سۈرەتتىكى ئىككى ئادەمنىڭ چىراي ئاجايىپ ئوخشايدۇ، ئەمما سىز ئۇلارنى قوشكېزەك دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا خاتالاشقان بولىسىز. بۇ كىشىلەرنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوقلا بولۇپ قالماستىن، ھەتتا ئۆز-ئارا تونۇشمايدۇ.

twins

سۈرەتلەرنىڭ تارتقۇچىسى كانادالىق فوتوگراف برۇنېل 1968-يىلى فوتوگرافلىق كەسپىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ، كىشىلەرنىڭ چىرايىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، ئۇ ھازىر بىر تۈرلۈك ئالاھىدە فوتوگرافلىق پائالىيەت تۈرىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئوبېكتى دەل ئاشۇ تەققىي تۇرقى ئوخشايدىغان ناتونۇش كىشىلەر ئىكەن.

تەققى تۇرقى ئوخشايدىغان ناتونۇش كىشىلەر:

6867c43fjw1dzwvmtx6dnj



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 16 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. شۈكۈر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ. دەپتىكەن ئاقىللار.

  2. تەپەككۇر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يا ئاللاھ !!! دىۋانمۇ تىگىپ باقىدىكەن ھە!!! 2 چى بوپتىمەن

  3. ئەپسانە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس قوشگىزەكتەكلا تۇيغۇ بىردىكەن.

  4. موللاخۇن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دۇنيادا ماڭىمۇ ئاشۇنداق ئوخشايدىغان ناتۇش كىشى بارمىدۇ ؟ ئاشۇنداق ئادەم بولسا چۇقۇم ئىزدەيتىم :evil:

    • ۋەيران :

      مەن شۇ سىزگە ئوخشايدىغان ئادەم ، :mrgreen:

    • كۇسەن :

      كىلىشكەن بولسىڭىز ئوخشاپ قالامەن :mrgreen:

  5. مۇڭلان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر بالا بار. تۇرپاندىنغۇ دەيمەن. رەسىمىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانتىم

  6. نەۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمداق ئوخشاشلىق بۇلار بۇلاپمۇ كۆزەينەك تاقىغان قىزچاقلار ۋەششى ئوخشاشكەن :mrgreen: :mrgreen:

  7. ۋەيران : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا ئوخشايدىغانلار بولسا بەكلا كۆرۇپ باققىم بار ..

    :roll:

    چەتئەللەردە بارمۇ تىخى خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ … :mrgreen:

  8. مەرۋايىت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇرۇن ئانچە بەك دىققەت قىلمايتتىم مۇشۇ ئىشقا، ئەمما دۇكىنىمنىڭ يېنىغا بىر دوستۇمغا بوي تۇرقىمۇ، چىرايىمۇ قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان، ھەتتا ئىسمىنىڭمۇ پەش چىكىتلىرىدىن تارتىپ ئوخشايدىغان بىرسىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنىدىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان بوپقاپتىمەن :mrgreen: :mrgreen:
    تۇنجى قېتىم كۆرگەندە «توۋا، قاچان كەلگەندۇ بۇ بۇيەرگە شۇنچە يېراقتىن…» دەپ تاس قاپتىكەنمەن، «دەپ قويۇپ كەلسەڭ بولمامدۇ، ئالدىڭغا چىقاتتىم‘“”» دېگىلى.

  9. ئايشەم تورى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭچە قوشكىزەك جۇمۇ ، مۇشۇنداقمۇ ئوخشىغان بارمۇ ؟

  10. سالىھ بەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا ئوخشايدىغان قىزبالا بولسا ھە باللا :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

  11. نەمۇنە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاھاھا…مەنمۇ قوشكىزەك ..مەنمۇ رەسىمىمنى چىقىرىپ قۇيايمىكىن… :mrgreen:

  12. قاپلان0998 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمما ماۋۇ يالغان گەپ ئەمەس جىما باللا : بىركۈنى ئۆيۈم ئەتراپىدىكى بىرۋاڭباغا كىردىم ،جىزا ئاچقۇزۇپ بىكار ئورۇن بارمۇ دەپ ئۇيان بۇيان مىڭىپ بىر قىزبالىنىڭ چ چ بوشلىقىدىن رەسىم رەسىم كۆرۈپ ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم
    شۇنداق قاراپ ساپتىمەن …. ۋاي مەن نىمىنى كۆردۈم…
    قارىسام مىنىڭ رەسىملىرىمدەك قىلدى ، ئۇ قىزنى مەن ئەسلا كۆرۈپ باقمىغان ، مەن توي قىلىپ بولغان ئىدىم
    شۇڭا ئۇقىزنىڭ يىنىغا بىرىپ مىنىڭ رەسىمىمنى نىمەدەپ
    بۇيەرگە چىقىرىۋالدىڭىز دىسەم ئۇ قىز ئاغزىنى تۇتۇپ تۇرۇپلا قالدى ، نىمە دەيدىكىن دەپ تۇرسام ، سىز…….. دىگىنىچە قاراپلا تۇرىدۇ ، يەنە قايتىلاپ سورىدىم ، ئەسلىدە ئۇ رەسىم شۇ قىزنىڭ يۈرگىنىنىڭ رەسىمىكەن ، قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى سورىسام ئاقسۇلۇق دەيدۇ ، خۇداغا شۈكرى ھىلىمۇ قەشقەرلىك ئەمەسكەن :arrow:

    • مەنگۈنۇر :

      ئابدىكىرىم ئابلىزنىڭ ‹چۈشەنمىدىم ›دىگەن ئىتوتى تەسىر قىلمىدىمۇ سىزگە قېرىندىشىم تىلىڭىزدا شۇنداق ئەبجەش سۆزلىسىڭىزمۇ بۇ يەردە يېزىقىمىزدا بولسىمۇ ئۇيغۇرچە گەپ قىلىپ قۇيۇڭ…. :razz:

    • ئوربىتا1018 :

      كەچۈرۇڭ ، بەزى سۆز ئىبارىلەرنى ئانا تىلىمىزدا ئاتساق قانداق،مەسىلەن:(ۋاڭبا)دىگەننى تورىخانا دىسەك تىخىمۇ چىرايلىق ئاڭلىنىدۇ ئەمەسمۇ…
      سەل ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم ،چۇنكى ئانا تىلنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەسئولىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى … :smile:






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)