نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

سىز ۋە بىز دىققەت قىلمىغان ئەشۇ كىچىك بىلىملەر – سىز قانچىسىنى بىلىدىكەنسىز ؟

1

دۇنيا ئادىمىزات ئۈچۈن زىيادە كەڭ يارىتىلغان، بۇ ئەلۋەتتە بىزنىڭ توختىماي ئىزدىنىشىمىز ۋە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىش ئۈچۈن تىرىشىش مەجبۇرىيىتىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا تىلىمىز چىقىشىغىلا مەكتەپكە بارىمىز، تاكى ئۆلگۈچە  توختىماي يىڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ تۇرىمىز. لېكىن نېمىشقىكىن، بىز دائىم بىزگە ئەڭ يىقىن بولغان شەيئىلەرنى بىزدىن تولىمۇ يىراق بولغان شەيئىلەرگە قارىغاندا يەنىلا تازا بىلىپ كەتمەيمىز، بۇ بەلكىم ياندىكى ھېسىپنىڭ قەدىرى يوق دىگەندەك ئىشتۇ خالاس.

بىلەمسىزكى، بىز دائىم ئىستىماق قىلىدىغان ياۋگو(مۇقاتىل) مانا مۇنداق ئۆسۈپ چىقىدۇ.

bfe70f23jw1e1dcyy4wu0j

كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز ھەتتا بولو (ئاناناس)نىڭ قانداق شاختىن چۈشىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

bfe70f23jw1e1dd17i33tj

ئەمدى نەزىرىمىزنى مىكرو ئالىمىگە قارىتايلى. تۆۋەندىكىسى نىلون تۈگمىنىڭ نەچچە ھەسسە چوڭايتىلغان ھالىتى.

bfe70f23jw1e1dd1gadxoj

مىكروسكوپ ئاستىدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ جەڭ قۇرالى بولمىش – بور.

bfe70f23jw1e1dcx7lw5jj

مىكروسكوپ ئاستىدىكى قۇم دانچىلىرى (قاش تېشىنى قويۇپ قۇم تاش يىغىپ ساقلامدۇق نىمە).

bfe70f23jw1e1dd26zifcj

قۇم توغرىسىدا گەپ چىقىپ قالدى. كائىناتتىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانى پۈتۈن يەرشارىدىكى قۇم دانچىلىرىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ.

bfe70f23jw1e1dcz6hbnnj

مىكىرو ئالىمىدىن چىقىپ، غايەت زور نەرسىلەرنىمۇ كۆرۈپ باقايلى. كىتنىڭ يۈرىكى تۆۋەندىكىدەك يوغان بولىدۇ. بىر كىچىك بالا ئىچىدە بىمالال سۇ ئۈزەلەيدۇ.

bfe70f23jw1e1dd05uov5j

سۇپېرىئور كۆلىنىڭ سۈيى ئارقىلىق پۈتۈن ئامېرىكا قىتئەسىنى بىر ئىنگلىزچىسى قېلىنلىقتا سۇغا غەرق قىلىۋەتكىلى بولىدۇ.

bfe70f23jw1e1dd0w2buxj

ئافىرىقا قىتئەسىنىڭ ئەمەلىي چوڭلىقى .

bfe70f23jw1e1dd11fo6aj

تىنىچ ئوكيان مانا مۇشۇنداق چەكسىز.

bfe70f23jw1e1dczowm0bj

تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ قىياس قىلايلى: ئەگەر بىز يەر مەركىزىگە تۇتاشتۇرۇپ بىر ئۆڭكۈر كولاپ، ئۇنىڭغا بىر پارچە كىتابنى تاشلىساق، ئۇنىڭ يەر مەركىزىگە يىتىپ بېرىشىغا 45 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.

bfe70f23jw1e1dd0hz0c4j

ئەگەر ئاينىڭ ئورنىدا يۇپىتېر بولغان بولسا، بىزنىڭ كۆرىدىغان مەنزىرىمىز مانا مۇنداق بولاتتى.

bfe70f23jw1e1dd1mbgnvj

مارىستا تۇرۇپ كەشكى شەپەقكە نەزەر.

bfe70f23jw1e1dd1pbxtcj

سىىز بىلمەيدىغان شۇنداق بىر ھەقىقەت بار، ئامېرىكىنىڭ 10- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى John Tyler نىڭ بىر نەۋرىسى ھازىرمۇ ھايات.

10jt_header_smJohn Tyler تەخمىنەن 63 يىشىدا ئوغۇلى Lyon دۇنياغا كەلگەن. Lyon بولسا 75 يېشىدا ئوغۇلى Harrison Tyler دۇنياغا كەلگەن.

سىز يەنە شۇنى بىلمەيسىزكى، پۇرژۇننىڭ بوش ھالىتى، قىسىلغاندىكى ھالىتىدىن ئېغىر بولىدۇ.

bfe70f23jw1e1dd38bd7zj

يەر شارى بىزگە تونۇش، لېكىن بىزنىڭ ئايغا بولغان تونىشىمىز، چوڭقۇر دېڭىز ئاستىغا بولغان تونۇشىمىزدىن كۆپ.

bfe70f23jw1e1dczf3i3fj

دېڭىز ھەققىدە يەنە بىر رىۋايەت: بىر ئىستاكان سۇ ئىچىدىكى ئاتوم سانى، پۈتۈن دېڭىز سۈيىنى ئىستاكانلارغا قۇيغاندىكى ئىشلەتكەن ئىستاكان سانىدىنمۇ كۆپ.

bfe70f23jw1e1dcygxtkpj

قېنى ئەمدى ۋاقىت ھەققىدە ئازراق ئىلمى ھېكايە سۆزلەپ بېرەي.

bfe70f23jw1e1dcyugd90j

32.1000 سېكىنۇت 16 مىنۇتقا تەڭ ، 33.1,000,000 سىكىنۇت 11 كۈن بولىدۇ. 34.1,000,000,000 سىكىنۇت بولسا 32 يىل. 35.1,000,000,000,000 سىكىنۇت 32،000 يىل دەيدىغۇ؟

ۋاقىت دەپ قاپسىلەر: ئوسمان ئېمپىرىيەسى ھەتتا چىكاگو ئېيىقچاق كوماندىسى دۇنيا چېمپىيۇنلىقىنى ئېلىشتىن بۇرۇنمۇ مەۋجۇد ئىدى.

bfe70f23jw1e1dcybpqiwj

يەرشارىغا ئەڭ يىقىن يۇلتۇز تۈركۈمىدىن كەلگەن نۇرنىڭ، بىزگە يېتىپ كىلىشى ئۈچۈنلا 2 مىليون 500 مىڭ يىل ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا تاشقى پىلانېت ئادەملىرى قاچان كېلە دەپ ئاۋارە بولماڭ.

bfe70f23jw1e1dd21dovjj

مىسىر خانىشى Cleopatra بولسا مىلادىيەدىن بۇرۇن 69-يىلىدىن 30- يىللىرىغىچە ھايات كەچۈرگەن.

bfe70f23jw1e1dcynu6fhj

ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئايغا چىقىشى بولسا مىلادىدىن كېيىنكى 1969-يىلى بولدى.

bfe70f23jw1e1dcy8kq0xjبۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ يەنى مىسىر خانىشىدىن ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئايغا چىققۇچە بولغا ۋاقىت، مىسىر ئەلىھىرامىنىڭ ياسىلىشىدن مىسىر خانىشى Cleopatra نىڭ ھاياتىغىچە بولغان ۋاقىتتىنمۇ قىسقا.

ئاخىرقى قىسسە : 1903- يىلى ئېنسانلار تۇنجى قېتىم ئايروپىلان سىنىقىنى غەلبىلىك تاماملىدى.

bfe70f23jw1e1dcy2gx83j

38 يىلدىن كىيىكى 1941- يىلى ياپونلار پىئورېل خاربور پورتىنى بومباردىمان قىلدى.

bfe70f23jw1e1dczlj9jhj

28 يىلدىن كىيىنكى 1966- يىلى ئىنسانلار ئاي شارىغا مۇۋاپىقىيەتلىك قوندى.

bfe70f23jw1e1dcy8kq0xj

بۇ جەريانغا ئارانلار 66 يىل ۋاقىت كەتتى …



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئارسلان 2013.02.01 , 22:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى تىما:wink::wink:

  2. قايماق 2013.02.01 , 22:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانما بۇ:roll:

  3. قايماق 2013.02.01 , 22:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇھ…..:arrow:ئەمدى خاتىرجەم ئولتۇرۇپ تىما كورەي :razz:

  4. بالقان 2013.02.01 , 22:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي راسلا كۆپ نەرسىلەردىن ھەيران قالدىم…، تېمىڭىزغا تەشەككۈر.

  5. قارا ھەرە 2013.02.01 , 22:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    داۋان :grin: بۈگۈن تۇنجى داۋاندا ئولتۇرشۇم:mrgreen:

  6. قارا ھەرە 2013.02.01 , 23:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا، ھازىر قارىسام تېخى ھېچكىم ئىنكاس يازماپتىكەن، بىردەمدە پەگادا ئولتۇرۇپ قاپتىمەن دىسە!!!:evil:
    يې باللا، سىلە ما تورخۇمارغا كىرسەڭلا تېمىنىڭ مەزمۇنىنى ئوقۇمايلا ئاۋال تۆگە يۈگۈرەمسىلە يا؟ ئاندا بوپ كەتمەيلى يې، سەت تۇرىدا، ما مەندىن نەسھەت بوپ قالسۇن، تۆگە يۈرگۈرۈشتىن بۇرۇن ماندا تېمنى تەپسىلى كۆرىىلى، بولمىسا ئۆيگە بۇرۇن كىرگەن مېھمان، ساھىبخان بىلەن كۆرشۈپ بولغىچە پەگادا ئولتۇرۇپ قالىدىغان ئىش چىقىدىكەن:arrow:

    • ۋاپسىز 2013.02.02 , 12:12

      مىھمان دىگەن ئلدىبىلەن ئولتۇرۇپ ئاندىن تائام يەيدۇ :mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  7. ياغاچ ياساپ 2013.02.01 , 23:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىۋۇ ساپانىڭ پۇرجىننى قايتا تەجىربىگە ئشتىرۋەتسەك بوغىدەك .
    تاشقى پىلانىت ئادەملىرى يەر شارىغا كىلەي دىسە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچىلىكلا ئىش ،ئامىركىنىڭ ‹ئولتىرا بوشلىقتىن ئۈتىش›تەجىربە پىلانى 51 رايۇن قۇرلىشتىن بۇرۇنلا باتى ، ھېلىقى پىلمۇشىيۇس دىگەن كىنو ئىنسانلارنىڭ كاللىسنى ئوبدانلا قوچۇپتۇ

    • خىيال 2013.02.02 , 02:13

      مەنچە تاشقى پىلانت ئادەملىرى ئىنسانلاردىن ئەقىللىق ئەمەس، چۈنكى ئۇلار بىزدىن ئەقىللىق بولسا، بۇ ۋاققىچە كېلىپ بولىشى كېرەكتى، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا بىزنى ئىزدەۋاتىدۇ. ئۇ گۇيلار بىز بىلەن تەڭ ئەقىلدە بولىشى مۇمكىن، ئىشقىلىپ بىزدىن ئەقىللىق ئەمەس….

  8. ياساۋۇل 2013.02.02 , 00:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە قايسىللىرى مۇشۇ ئەرزىمەس دىۋان دىگەن گەپنى دەۋەلغىلى كىرشەملا بۇ يەرگە .،. بۇرۇن سىرىتتىن زىيارەت قىلغان چاغدا مۇشۇ گەپكە دششششەت ئۆچ بوپ كەتكەن مەن .،. قايسى پىس پاس گۇي تاپقان گەپكى مۇشۇ دىۋان دىگەن گەپنى .،.،مۇشتا بىر ياخشى پىركىر مۇلاھىزە قىلدىغان سەھنىدە مەنتىقىلىق پىكىرلەرنى قىلشىپ ئىسىل ئولتامايمىزمۇ دەيمە ئىززىتمىزنى ساقلاپ .،.،:mad::mad::mad::mad:

    • مۆكمۆكلاڭ 2013.02.02 , 04:51

      بۇ يەرشارى دىگەن گېننى مۇكەممەل ساقلايدىغان ئامبار ،رودىمىتلىشىپ كەتكەن گېن تەننى ،ئەسلىگە قايتۇردىغان قورالغا ئىگە بولمىسا بولمايدۇ .
      شەرقى ئاسىيالىقلاربىلەن ئوتتىرا شەرىق ،غەربى ياۋرۇپا ،نىگىردىن ئىبارەت ،چىراي شەكلى ،رەڭگە نىمىشقا ئالاھىدە پەرىقلىندىغانلىقى توغىرلىقبىلىشكە يېقىنلاشۇرامىمغاندا ئادەم ئەلۋەتتە يۇقۇردىكى ئابزاسنى بىلىشكە يېقىنلاشتۇراممايدۇ ،
      يەنە مىسىردىكى ئېھرامنىڭ يەر شارىنى زاماننى قاتلاتقۇزۇپ ئۆتكىزۋىتەلەيدىغانلىقىنى مۇئەيەنلەشتۈرۈلمىسڭىز بۇلا بولماس.
      سىز تېرۋىگا دىگەن ئۇيۇننى ئوينىغانمۇ ؟ تېخى قەشقەلىق يولداشلا ئۇيۇنغا ئاۋاز بىرىپ ئۈلگۈرگەن .كاپتارلىستىك دۆلەت بۇلۋالسىڭىز چاقماق چاقىدىغان ئەسلىەگە ئېرىشسىز ،نۆۋەتتە شۇ ئەسلىھە زامانىمىزدا بار ،
      تېرۋىگا 1997 يىلى ئۇيۇن شىركىتى تەرپىدىن رەسمى نەشىردىن چىقتى ،ئىنسان ئەزەلدىن كۆرگەننى قلىدۇ ،ئۇيۇن شىركىتى دۆلەت ئىللىم پىنىىڭ تەسەۋۋۇر پىلانىغا ياكى ،ئەمىلى نەتىجىلىنىپ چىققىنىغا ئاساسەن ئۇيۇن تەقلىدى ياسىغىنى مۇقەرەر ، شۇنىڭدا كام بولسا بولمايدىغان ئولتىرا بولشلىقتىن ئۆتىپ ئادەمنى ،ياكى تانكىنى قاتتۇرۇپ يوقىتىدىغان ‹ئولتىرا بوشلىقتىن ئۆتىدىغان ئەسكەر›چىقىدۇ ،ئەمدى سىز ئۇ شۇ ئۇيۇندكى ئولتىرا بوشلىقتىن ئۆتىش ھادىسسنىڭ مەۋجۈتلىكىگە ئىشىنىش دەرجىسى تەلەپ قىلدۇ ،نۆۋەتتە قانچىلىك ئىشىنەلىسىڭىز شۇنچىلىك ئىشەنسنىش دەرىجىسىدە تۇرۇپ تۇرسىڭىز بۇلىدۇ

  9. تاماشىبىن 2013.02.02 , 01:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماتىماتىكىدا ئىككىگە ئۈچنى قوشسا بىر تەخسە خامسەي بولىدۇ دەپتىكەن ۋىروس كىچىك ۋاقلىرىدا…. شۇ ھېسابلىشىنى تېخىچە تاشلىمىغان ئوخشايدۇ….:mrgreen:
    60 سېكۇنت بىر مىنۇتقا تەڭ. 60 نى 16 مىنۇتقا كۆپەيتسەك 960 سېكۇنت بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا بىر كۈن(24سائەت) 86400 سېكۇنت بۇنى 11 كۈنگە كۆپەيتسەك 950400 سېكۇنت بولىدۇ. مۇشۇنداق ھېساب بويىچە ماڭغاندا 32 يىل(365كۈن بويىچە) 1009152000 سېكۇنت . 32000 يىل بولسا 1009152000000 سېكۇنت بولىدۇ……:grin:

    • ۋىروس 2013.02.02 , 12:45

      دىگەن بىلەن يازمىنى تولۇق كۆرىدىغانلارمۇ يوق ئەمەسكەن.

  10. تاماشىبىن 2013.02.02 , 02:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ ئاناناسنى كۆرۈپ بىر قىزىق ئىش يادىمغا كېلىپ قالدى، بىر شەلىك ئاغىينىمىز بولىدىغان ئۆمرىدە قۇلۇپنىكنىڭ(بۆلجۈرگەن) ئۆسكىنىنى كۆرۈپ باقمىغان. بىر كۈنى قۇلۇپنەك قانداق ئۆسىدۇ دەپ سوراپ قالدى. دەرەختە مېۋە بولۇپ پىشىدۇ ئۆزەڭ ئۆستۈرۈپ كۆرىۋال،ئەڭ ياخشى سورتلۇق دەپ ئۆرۈكنىڭ تازا ئۇزۇن كۆچەتلىرىدىن ئۈچ-تۆتنى بەرسەم، ھويلامغا تىكىمەن دەپ ئاپىرىپ خولۇم-خوشنىلىرىغا قۇلۇپنىكنىڭ كۆچىتىنى ئەكەلدىم دەپ كۆرسۈتۈپ كۈلكىگە قاپتىكەن….

  11. قارا ھەرە 2013.02.02 , 03:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياساۋۇل ئەپەندى، بوشراق گەپقىڭلا جۇما، ئىۋۇ ئوتتۇز ئىككى چىشىڭلا چۈشۈپ كەتمىسۇن يەنە، ماشتا دېۋان دېمىسە قىزىقى بولمايدا، بىزمۇ ما تورخۇمارنى قىزتىلى دەپ مۇشۇندا دېۋان دەپ يۈرىيمىز، بولمىسا قىزىقى بولامدا؟ ما قاپاقتەك كاللىنىڭ ئىچىدە ھوشۇقچىلىك مېڭە بولىدا، بىلدىڭلىمۇ يا؟ بۇ گەپنى دىمىسەممۇ ئابدۇكېرىم ئابلىز كۈندە ئېلاندا نەچچە ۋاق دەپ تۇرىدا، «دۋان» دېگەن گەپكە ئۆش بولغان بولساڭلا ئىنكاس ئوقۇغاندا ئاخىرىدىن باشلاپ ئوقۇڭلا، بولامدا؟:mad::mad::mad:

    • نەمۇنە 2013.02.02 , 18:39

      ۋاي دىۋان بولاماي .ىچى قىززىپ كەتكەنلە جىخ بۇ.تورخۇماردا … مەنمۇ ۆتكەن قېتىم دىۋان بوپ قويسام … بىرسى شۇنداق قالايمىقان گەقىپ يۈرۈيدۇ..تازا تىلىغانتىم..ۋااا…

  12. قارا ھەرە 2013.02.02 , 03:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پىس پاس گۇي دەپ كەتكىنىنى تېخى مانىڭ، ئۆزەڭ قانچىلىك كىم بىلىپتۇ؟؟؟:mad::mad:

  13. مۆكمۆكلاڭ 2013.02.02 , 04:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پېقىر ئىنكاسنى خىيال جانابلىرىغا يوللايمەن دەپ ياساۋۇل جانابلىرىغا يوللاپ ساپتىمەن

    • خىيال 2013.02.02 , 16:12

      شۇڭا دەيمەن… سىزنى نېمە دەۋاتىدىغاندۇ بۇ ئىنكاس بىلەن باغلىنىشى يوققۇ دەپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن …. :mrgreen: بىز شۇ مۇشۇ ئاسترونومىيە، بىئولوگىيە، فىزىكا دېگەن ئۇقۇملاردىن پەقەت ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىدىلا گەپ قىلىدىغان ئادەملەر… ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ جىق نەرسىنى ھېس قىلدىم، رەھمەت.

    • خىيال 2013.02.02 , 16:15

      سىز ۋاقىت تونىلىنىڭ گېپىنى قىلماقچىمۇ تېرۋىگادىكى… ئادەم ھەيران قالىدىغان ئىشلار جىق جۇمۇ…

    • شىنجاڭ دىتاللار بىلوگى 2013.02.02 , 20:23

      تېرۋىگا دىگەن قايسى ئويۇن؟ بولسا ئېنگىلىزچە يېزىلىشىنى تەمىنلىسەڭلەر چۈشۈرۈپ ئويناپ باقاي:mrgreen:

    • خىيال 2013.02.02 , 22:05

      红警2 ھا ھا ھا:mrgreen:

  14. ئابومجان 2013.02.02 , 05:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىلمەيدىغانلىرىمنى پۇتۇمنىڭ ئاستىغا قۇيۇپ ماڭسام بېشىم ئاسمانغا يىتىپ قالاركەن

  15. shevket 2013.02.02 , 05:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خىلى بىلىملەرگە ئېگە بولدۇم

  16. ئايشەم تورى 2013.02.02 , 11:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇھىم مۇھىم گەپلەر باركەن ! :grin:

  17. چوغلۇق 2013.02.02 , 14:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يۇلتۇزنىڭ سانى كائىناتتىكى قۇملارنىڭ دانچە سانىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپلىكىگە ھەيراق قالدىم .مەن ئەڭ قىزىقىدىغان بىر ئىش – دېڭىز ئوكيان . تىنىچ ئوكياننىڭ يارشارىدىكى ئىگەللىگەن كۆلىمىنى كۆرۈپ ،تەسەۋۋۇرۇمدىن خېلىلا چوڭلىقىنى ھېس قىلدىم . مارستا تۇرۇپ كەچكى شەپەق مەنزىرىسىنى كۆرۈش ھەقىقەتەنمۇ كەم تېپىلىدىغان پۇرسەت جۇما ئەمما . ئاۋۇ مىسىر خانىشى ئەجەپ چىرايلىقكىنا . خې خې خې

  18. ئاجايىپ 2013.02.02 , 15:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋىرۇس بىلەن تورخۇمارنىڭ تېمىلىرىنى تېما ئىگىسىگە قارىمايلا بىلىۋالغىلى بولىدىكەن. ئىملادا پەرق بەك چوڭ.

  19. مەرگەن 2013.02.02 , 16:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىلەر قېتىملىق دىۋاندىن چوقۇم ئۆزۈم ئورۇن ئالىمەن ! !

  20. Jahanzat 2013.02.02 , 18:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ پورژىننىڭ گىپىگە ئىشەنگۈم كەلمەيدا ماسسىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى نەدە قالدى ئەمدى
    ھە راست، خاتا تەرجىمە قىلىنىپ قالدىمۇ رەسمدىكىسى ئەكىسچە تۇرىدا

  21. ھەۋەسكار 2013.02.02 , 22:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەششەت تىما، مەن بىلمىگەن نەرسىلەر ئاز ئەمەسكەن جۇمۇ

  22. ئۇيغۇرباي 2013.02.03 , 00:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشقىلىپ يۇزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن دىگەن كىتاپتەك يېقىشلىق ھەم قىزىقارلىق ئىكەن .

  23. سەھرالىق 2013.02.03 , 01:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋىروسجان، ماۋۇ يازمىنى شام يورۇقىدا ئولتۇرۇپ يازغانمۇ؟ خاپا بولماي ئۆزەڭلا بىر ئوقۇپ بېقىڭلا!تور خۇمار بىلوگىدىكى ئەڭ مەسئۇلىيەتسىز يېزىلغان يازمىنىڭ چوڭ دادىسى بولاپتا ماۋۇ:oops:

    • ۋىروس 2013.02.03 , 11:13

      ھا ھا … خاپا بولماي مۇشۇ بىر قېتىم تۈزىتىپ ئوقۇپ تۇرىشالا … بۇ يازمىنىڭ قانداق شارائىت ئاستىدا يىزىلغىنىنى سىلى بىلمەيلا …

  24. پەرۋاز 2013.02.03 , 23:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزەن يەرلەرنى چۈشىنەلمىدىم ، نېمە ئۈچۈن بوش پۇرژۇن قىسىلغان پۇرژۇندىن ئېغىر بولىدۇ ؟
    يەرشارىغا ئەڭ يېقىن يولتۇز تۈركۈمىدىن كەلگەن نۇرنىڭ بىزگە يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن 2مىليۇن يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت كىتىدۇ دەپتۇ ، نۇر تېزلىكى بويىچە ئېيتقاندا ئەڭ يېقىنىنى دېمەيلى قۇياش نۇرىنىڭ بىزگە يېتىپ كېلىشى ئۈچۈنمۇ ھېچقانچە ۋاقىت كەتمەيدىغان تۇرسا يۇقىردا دېيىلگىنى قىپقىزىل بىمەنىلىك بولمامدۇ .

    • تاماشىبىن 2013.02.03 , 23:42

      قارىغاندا يۇلتۇز تۈركىمىنى چۈشەنمەيدىغان ئوخشايسىز. كىچىكتىن باشلىساق قۇياش سېستىمىسى سامانيول سېستىمىسىنىڭ ئىچىدە، سامانيول سېستىمىسى يۇلتۇز تۈركىمىنىڭ ئىچىدە. ۋىروسنىڭ دىمەكچى بولغىنى ‹يەرشارىغا ئەڭ يىقىن يۇلتۇز تۈركىمىدىن كەلگەن نۇر› دىمەك بۇ بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان قۇياش نۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ….

    • پەرۋاز 2013.02.03 , 23:45

      ھە ، بىزگە ئەڭ يېقىن يولتۇز تۈركۈمىدن دەپتىكەندە ، ھە چۈشەندىم ،ئاڭقىرالماي قاپتىمەن ، رەھمەت سىزگە تاماشىبىن .

    • ئايشەم تورى 2013.02.04 , 10:21

      دىمەك تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ يەرشارىغا يىتىپ كىلىشى ئۈچۈن نۇردىنمۇ تىز ئۇچۇدىغان ئالەم كىمىسى ياسىغان بولسا ، شۇندىلا تىزراق يەرشارىغا كىلەلەيدۇ دىگەن گەپ …….:grin:

    • ۋىروس 2013.02.04 , 11:03

      قۇياش نۇرى يەرشارىغا يىتىپ كېلىش ئۈچۈن 8 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمدى بىز ئادەتتىن تاشقىرى ئالەم كۈزىتىش ئەسۋابلىرى بىلەن بايقاۋاتقان نۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ يەرشارى بىلەن بولغان ئارلىقى نەچچە مىڭ نۇر يىلى بولىدۇ. (بىر نۇر يىلى = نۇرنىڭ بىر يىلدا بېسپ ئۆتىدىغان ئومومى مۇساپىسى)

  25. قارا ھەرە 2013.02.04 , 13:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا ئەڭ قىزىق تۇيۇلغىنى يەر شارىدىكى قۇمدىن ئاسماندىكى يۇلتۇز كۆپ دىگەن گەپ بىلەن بىر ئىستاكان سۇدىكى مالاكولا سانى پۈتۈن يەر شارىدىكى سۇنى ئىستاكانغا قاچىلىغان ئىستاكان سانىدىنمۇ كۆپ دىگەن گەپ بولدى. :?:
    بۇ خۇددى «ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىدىكى تۈك، بېشىڭدىكى چاچتىنمۇ كۆپ» دېگەندەك گەپلەركەن، :mrgreen:

    • ۋىروس 2013.02.04 , 16:45

      قۇياش سېستىمىسىنىڭ ئۆزىدىلا 8 چوڭ پىلانېتا ئارىسىدا نەچچە يۈزمىڭلىغان سەييارە يۇلتۇزلار بار. قۇياش سېستىمىسى بولسا سامان يولى سېستىمىسىنىڭ ناھايتىمۇ كىچىك بىر قىسىمى خالاس. سامان يولى سېستىمىسى بولسا ئومومى يۇلتۇزلار سېستىمىسى ئارىسىدا مىكىرو تىپلىق كىچىك سېستىما. يەنى ئومومى يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭ ئىچىدە سامان يولى سېستىمىسىدىن نەچچە يۈز مىليونى بار. بۇلار تېخى ئىنسانلارنىڭ بايقاش دائىرىسىدىكىلىرى خالاس.
      بىر ئىستاكان سۇ ئىچىدىكى ئاتوم سانىغا كەلسەك. سىزنىڭ تېنىڭىزدىكى تۈگمىچىلىك تېرىنى قانچىلىغان ھۆجەيرىلەرنىڭ تەشكىل قىلىدىغىنىنى ئەسلىسىڭىزلا كۇپايە.

  26. jahankezdi 2013.02.05 , 09:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەر شارىغا ئەڭ يېقىن يۇلتۇز تۈركۈمىدىن چىققان نۇر 2 مىليۇن 500 مىڭ يىل ۋاقىت كېتىدۇ دەپتۇ. بۇ سەل ساختا بولۇپ قاپتۇ. ئەمەلىيەتتە يەرشارىغا ئەڭ يېقىن يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن يەر شارىنىڭ ئارلىقى تەخمىنەن 5 نۇر يىلى كېلىدۇ.

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量