ئىلھام بار يەردە ئارتۇق ھەشەمنىڭ لازىمى يوق، بىر كونا بىنا بولسىلا ھەممە ئىش تامام
ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ تورخۇماردىمۇ بىر-قانچە رەت بىناغا 3D تەسۋىر چۈشۈرۈپ، كۆرۈش سېزىمىنى ئالدايدىغان كۆرۈنۈشلەرنى يوللاپ ئۆتتۇق. ئەلۋەتتە شۇ فىلىملەرنى كۆرگەندە، 3D نىڭ تۇرمۇشىمىزغا نەقەدەر سىڭىپ كىرگەنلىكىنى ھېس قىلدۇق ھەتتا ھەيران قالدۇق. يۇقىرى تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىياتىدىن سۆيۈنسەك، بۇ پەرەڭلەرنىڭ تەسسەۋۋۇر قابىلىيىتىگە قول قويۇشتۇق.
شۇنداق، تەسەۋۇرغا باي كىشىلەرنىڭ ئىلھامى تۇتۇپ كەتسە، بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە دۇنيانى سىغدۇرۋېتىدۇ. ھەتتا بەزىلەرنىڭ ئىلھامى تۆمۈر بىلەن خىشتىن قوپۇرۇپ قويغان بىنالارنى ئۇسۇلغىمۇ سالاليدۇ. شىۋىتسىيەدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلىرى بىرلىكتە بىر قېتىملىق بىرلەشمە پائالىيەت ئۆتكۈزگەن. 11 قەۋەتلىك ئاددى بىر بىنانى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، بىنا دەرىزىلىرىنى يىپىش ۋە ئېچىش ھەركىتىنى مەلۇم تەرتىپ بويىچە قايتىلاش ئارقىلىقلا ئاجايىپ كۆرۈنمە ئۈنۈمگە ئىگە بولغان. قارىماققا ئىش ھالقىسى ناھايتى ئاددىدەك. ئەمما بۇنىڭمۇ سېستىمىلىق تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسلىسە ئىشنىڭ ئۇنچە ئاددى ئەمەسلىكىنى بايقايمىز.
شىۋىتسارىيەلىك ئوقۇغۇچىلار ئىجادىيىتى :
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D، تەسسەۋۋۇر، سىن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,914 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: bina-diki-ajayiplar.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مېسسىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى كىرگۈزگەن ئەڭ قالتىس توپلىرىنىڭ يىغىندىسى | ئىسمى جىسمىغا لايىق توپ شاھى دېگەن شۇدە؟!
- كېيىنكى يازما > بۇنداق ھەيۋەتلىك CG كۆرۈنۈشلەر پەقەت Blizzard نىڭ ئويۇنلىرىدىلا بار! 星际争霸2:虫群之心 نىڭ CG فىلىمى
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- روسىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي تۇرمۇش نۇسىخىدىكى GTA 5 | بەزى كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ توۋا دەپ قالىسىز
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- بىر-بىرىنى قورقىتىپ ئەخمەق قىلىپ توردا داڭق چىقىرىپ كەتكەن بۇرادەرلەر
- ئۆتكەن بىر يىلقى توردا نام چىقارغان داڭلىق شەخسلەرنىڭ كارامەتلىرى توپلانمىسى
- YouTube دىكى 2013-يىلى چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك 10 فىلىم(TOP 10)
- 2013-يىلىدىكى ئويۇنلارنىڭ ئەسلىمىسى – 3 مىنۇتتا 2013-يىلىدىكى چوڭ ئويۇنلارنى كۆرۈپ چىقىش
- ھەقىقىي ئادەم نۇسخىسىدىكى Temple Run ئويۇنى
- فوتو-سۈرەت دەرىجىسىدىكى 3D سترېئولۇق رەسىملەر – رەسسامنىڭ قاتىلى مۇشۇنداق سىزىمىش!
- لىشىياۋلوڭ بىلەن جېنزىدەن ئوتتۇرىسىدىكى قاتتىق بىر مەيدان جەڭ دەيدۇ
ئىككى يىللىق تور خۇمار ھاياتىمدا تۇنجى قىتىم پەگادا ئولتۇرۇشۇم… راسمۇ يە؟!
ما باللىنى ،بىرسىڭلا پەگانى دىۋان دەيسىلەر ، دىۋانغا چىقىۋاغان ما بۆرەجان ھاياجانلىنىپ كەتكەن چېغىۋا پەگا دەپساپتۇ
كىملەرنى ھەر كويغا ساممايدۇ بۇ دىۋان ، بىرلا دىۋاندا ئولتاغانغا پۇل بىرىدىغان ئىش يوق بوممايدىغان بوسا دىۋانغا ئوت كىتىتى
دىۋان
ھە راس ، بۇ تورخومادا دىۋانخور باللا خېلى جىقلاپ قاپتۇھە ، ئې بى چاغلادا دىۋاندا ئوتۇرىدىغان ئەدەم يوق ، خېلى تارتىنىپ خېلى تەستە ئولتاغانتىم ، ئىككى قېتىم تالىشىپ ئولتۇرۇپ قويسام ياۋ پانا دىۋان ئەمەس پەگانىڭ بۈرجىكىمۇ يەتمەيدىغان بوپكەتتى
بىر قەدەم كىچىكىپ قاپتىمەندە !
ئىككى قەدەم كىچىكىپ قاپسىز !
بۇنىڭغا نېمە دىگۈلۈك ئەمدى تەسەۋۋۇرغا گەپ كەتمەيدۇ. ئىش ھالقىسى ئاددى،ئەمما ئۈنۈم قالتىس…
قىسقىسى ئادەمنى ھەيران قالدۇردىكەن.
كوللىكتىپ تەڭ كۈچ چىقىرىش ئاسان ئەمەس جۇمۇ… ماسلىشىشچانلىقىمۇ يۇقىرىكەن…
ھەقىقەتەن ۋاھ ! دەپ قالىدىكەن ئادەم….
ھەركەتنى ئاستا ئىشلەپ سىندا تىزلەتكەنمۇ نىمە ، لىكىن ئۈنۈمى ھەقىقەتەن پەيزى چىقىپتۇ ، بۇ خەقلەرنىڭ كاللىسى قانداق كاللىكىن تاڭ
ئىشىك – دەرىزىلەرنى ئېچىپ ، يېپىشنى كۈندە نەچچە رەت تەكرارلايمىز. ئەمما ئۇنىڭغا ئىلھام قوشۇلسا ، شۇ ئاددىي ئىشمۇ ھەيران قالارلىق بولۇپ كېتىدىكەن ئەمەسمۇ !
مۇزىكا بىلەن ئەجەب ماسلىشىپتۇ !
ھەقىقەتەن ئىسىل چىقىپتۇ ، بىزنىڭ بۇياقلادا بۇنى ئويلىغىدەك كاللىمۇ يوق ، ئويلىغان تەقدىرىدىمۇ شوجاڭ مەلىملەرنىڭ تىللىشىدىن قورقۇپ قىممايمىز بۇنى ،تۆت ئادەم بىللە دوپپا كىيىپ قويغانغا تاس قالدى ئۆلەپ بەگىلى ، بۇنى قىلغىلى قۇياما ، ھە راس خۇماداشلار بىژدەم دوپپىنىڭ گىپىنى دىيىشەمدۇق
چاق-چاق جۇمۇ ، مۇشۇ تورخۇمادىمۇ بوسا قۇلاق تىنىچ ئولتۇرىنى بىژدەم ، مىكرو بىلوگ دىگەننىغۇ ئاچماسلا بولدۇم ھازىر ئازمۇس سۆزلەيدىغانلارنىڭ جىقلىقىدىن
ئابومجان قاچانمۇبى «ر» دېيەلە ھە
‹‹ ر ›› نى بەك دىۋىتىمەن مەن ، مۇشۇ ئىنكاسنى يازغاندا يېزىق تىلىدا يازسا تازا پەيزى چىقمايدىكېن ، شۇڭا ماندابى ئېغىز تىلىدا يېزىپ قويدۇميا
دىۋاندا ئولتۇرغاننىڭ نىمە پايدىسى بار كىم بىلىدۇ؟؟؟
مەنمۇ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا سىز سورىغان مۇشۇ مەسىلىگە قىزىقىپ قېلىپ ماتىرىيال كۆرۈپ، كونا دىۋانچىلاردىن سوراپ يۈرۈپ دېگەندەك بىلىۋالغان. سىزمۇ خەۋەردار بولۇپ قېلىڭ.
1. دىۋاندا ئولتۇرغاندا كەينىڭىزدە ئولتۇرغان كىشىنىڭ «ۋاھ، دىۋان!» دېگەن ئىنكاسىنى كۆرۈپ ھوزۇرلىنىسىز.
2. ھەممە سىزگە ھەۋەسلىنىپ قارايدۇ.ۋاھ…دىۋانچى دەپ. (بەزىلەر ئېزىپ قېلىپ دىۋانە دەپمۇ ئاتاپ قالىدۇ.)
3. قاراڭغۇ-كېچىلەردىمۇ ئۇدۇل بېرىپ كونۇپكا تاختىسىنىڭ F5 كونۇپكىسىنى ئېزىپ قالماي تاپالايدىغان بولىسىز.
4. بۇ ئەڭ مۇھىمى ھەم سىزگە ئەمەلى نەپ تېگىدىغىنى. يەنى سىز دىۋاندا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، ئېكران يۈزىنى رەسىمگە تۇتۇپ رەسىم شەكلىدە ساقلىۋالىسىز. ئاندىن پىرىنتېردا بېسىپ چىقارغاندىن كىيىن، ئۆزىڭىزنىڭ نوپۇس، كىملىكىڭىزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىپ، تورخۇمار ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىغا بارىسىز. تورخۇمار ئەپەندى سىزنىڭ كىملىك، نوپۇس، ۋە دىۋاندا ئولتۇرغانلىق رەسىمنى كۆرگەندىن كىيىن، سىزگە بىر ئىسپات چىقىرىپ بېرىدۇ. «XXX ئەپەندى \ خانىمنىڭ مانچىنجى ئاينىڭ مانچىنجى كۈنى دىۋاندا ئولتۇرغىنى راست» دەپ. ئاندىن بۇ ئىسپاتنى ئېلىپ ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسىغا بارىسىز.( ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز چاڭجىياڭ يولى ئەتراپىدىن تاپالايسىز بۇ ئىدارىنى) ئاندىن شۇ ئىدارىدىكى مەسئۇل خادىم ئىسپات ئۈستىگە «يۇقارقى ئەھۋاللار ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن» دەپ ئىمزاسىنى قويۇپ، تامغا بېسىپ بېرىدۇ. ئەمدى، بۇنى ئېلىپ پۈتۈن شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقانداق ئورۇندىكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى(تېلىگىراف، كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى بۇ مۇلازىمەتنى ئاچتىمۇ يوق بىلمەيمەن)گە بېرىپ تامغا ئۇرۇلغان ئىسپاتنى كۆرسەتسىڭىز سىزگە 100 يۈەن سۆزلىشىش ھەققى بىلەن 300MB تور ئېقىم مىقدارى سوۋغا قىلىدۇ.
بىلىدىغىنىم مۇشۇنچىلىك ئىكەن. قېنى كۆپچىلىك، سىلەرمۇ ھە-ھۇ دەپ بىلىدىغىنىڭلارنى دەپ باقمامسىلەر…ماۋۇ توردىشىمىزغا پايدىسى بولۇپ قالار.
0_-
ماۋۇ چۈشەندۈرۈش ۋەھشى تەپسىلىي بوپتۇ ، 100 يۈەن سۆزلىشىش ھەققىنى ئالىدىغان بوپتىمەندە !
دىۋاندا ئولتۇرغانلار TIME ژورنىلىغا چىقىدۇ دىمەپسىلە …
ما چۈشەندۈرۈشنىڭ جېنى با
ئوھوي ما چۈشەندۈرۈشنىڭ جېنى با كەن ، توۋا ئې بىژكۈنى بىرلەشمىدىن ئۇچۇر كەپتۇ ، تورخۇماردا بىرمۇنچە قېتىم دىۋان بوپلا ، مۇكاپات چىقتى دەپ ، ئالدامچىكەن دەپ بىژ قالاپلا ئۈچۈرۋىتىپتىكەنمە ، ۋاي ئىسىت !
ما ئىنكاسقا ئولاشماي بولمىدى…
ما ئىنكاسقا ئوت كېتىشتىن بۇرۇن ئىزىمنى قالدۇرۇپ قوياي
ئاشۇ ئىشلارنى بىجىرىپ بولغۇچە قانچىلىك چىقىم بولا
گىلادىياتور ئالامەت گەپكە ئۇستىكەنسىزغۇ ! !
سىزگە قول قويدۇم !
گىلادىياتورنىڭ ئىنكاسىغا بەك چىرايلىق كۈلىۋېتىپتىمەن لېكىن ….
نەق مەيداندا 3 مىنۇت تۇرۇپ كۆرۈۋالغان بولسامچۇ كاشكى….
مەن تېخى بۇنى بىرە يېڭى ئېچىلغان مېھمانخانىنىڭ ئېلانى ئوخشايدۇ دەپتىمەن .
win8نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا بىرىلگەن
جاۋاب بىلەن دىۋان توغىرسىدا بىرىلگەن جاۋاب ئەڭ قىسقا ئىخچام چۇشۇنۇشلىك مىغىزلىق دەل جايىدابىرىلگەن
جاۋابلار بوپ قالغۇسى!!!!
بىراق باشقا جايلار ەۇمانلىق ئەمەس ، بۇلۇت ھىچ ئۆزگەرمەپتۇ . ئوخشىمىغان پەيىتتە تاتقان سۇرەت بولغاندىكىن بۇلۇتلاردا ئۆزگىرىش بولىشى كېرەققۇ .
مانىڭغا رىجسورلىق قىلماق تەس جۇمۇ
گىلادىياتۇر چۈشەنچىڭىزگە رەخمەت بەك تەپسىلى بوپتۇ ،
لىكىن مەن غۇلجىدىن بىزنىڭ بۇ يەردە بۇنداق (سىز دىگەندەك) ئورۇن يوق