بۇنداق ھەيۋەتلىك CG كۆرۈنۈشلەر پەقەت Blizzard نىڭ ئويۇنلىرىدىلا بار! 星际争霸2:虫群之心 نىڭ CG فىلىمى
مەيلى يېقىندا تورخۇماردا ئېلان قىلىنغان مۈشۈكئېيىقنىڭ سىرى ناملىق CG فىلىم بولسۇن، ياكى Diablo3 نىڭ CG فىلىملىرى بولسۇن، كىشىگە ئىنتايىن ھاياجانلىق تۇيغۇسى ئېلىپ كېلەلىگۈدەك سەۋىيەدە ئىشلەنگەن. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئويۇن ئىشلەش شىركىتى Blizzard(خەنچە نامى 暴雪)نىڭ تارمىقىدىكى ئۈچ چوڭ گىگانت ئويۇننىڭ بىرى بولغان 星际争霸2:虫群之心 نىڭ يېڭى تەشۋىق فىلىمى ئاخىرى ئېلان قىلىندى.
星际争霸2:虫群之心 نىڭ باشلىنىش قىسمىدىكى CG كۆرۈنۈشلەر:
مەزكۇر ئويۇننىڭ «ئىنتىقام» نامىدىكى يەنە بىر بۆلەك تەشۋىق فىلىمى:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D، CG، ئويۇن، فىلىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,307 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: starcraft-2-heart-of-the-swarm-cg.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئىلھام بار يەردە ئارتۇق ھەشەمنىڭ لازىمى يوق، بىر كونا بىنا بولسىلا ھەممە ئىش تامام
- كېيىنكى يازما > لىفىت ئىچىدىكى ئاجايىپ ۋەقەلەر| دىققەت : لىفىتكە ھەرگىز يالغۇز چىقماڭ
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
دىۋان ماڭا نىسىپ بوپتۇ
ياخشى تىما
قاچانمۇ مۇشۇنداق ئويونلارنى ئوينىغىدەك ۋاقىت چىقار .
مۇشۇ CG نىڭ نىملىكىنى بىلمەي يۈرەتتىم ، ئىزدەپ يۈرۈپ ئازراق بىرنىمىلەرنى بىلگەندەك بولدۇم
CG بولسا Computer Graphics نىڭ قىسقارتىلمىسى بۇلۇپ ، ئاساسەن مۇشۇ كومپىيوتېر ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان ئىككى،ئۈچ ئۆلچەملىك ئاجايىپ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسىتىدىكەن .
بىلگەنلەر مازاق قىلماڭلار، بىلمىگەنلەر بىلىۋېلىڭلار
بەزى ئويۇنلارنى نەچچە مىليۇن مەبلەغ سېلىپ تۈزۈپ چىقىدىكەن ، شۇنچىۋالا دەسمىنى قانداق قايتۇرۇپ كىلىدىغاندۇ ئاشۇلار
دۆلتىمىزدە ۋوجون دىگۈدەك ئۇيۇن شىركەتلىرى يوق دىيەرلىك ، بەلكىم بۇ ئوغرى نەشىر ئىشلىرىنىڭ بەك تەرەققى قىلىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كىرەك .
نەچچە يۈز يۈەن خەجلەپ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋالدىغانلار دىمىسىمۇ يوق دىيەرلىك
مەن چوڭ بۇلۇپ ھازىرغىچە خەلق پۇلىغا ئويۇن سېتىۋېلىپ ئويناپ باقماپتىمەن، ئەمما قەبرىستاندىكى ساھىبجامال، يەنە بىلانس دەپ بىرى بولىدىغان ئاسماندا قەغەز، ياغاچ،تاش توپ يۇمىلىتىپ ئوينايدىغان شۇ ئىككى ئويۇننى ياقتۇرۇپ قالدىم. سېتىۋېلىش ئىمكانىيتىم بولسا 100 يۈەندىن سېتىۋالاتتىم
كومپىيۇتېر دىگەننى ئوينىتىپ قويىدۇ دە بۇ خەق
ئويۇن ئوينايدىغان ۋاقىتلىرىم تۈگەپتۇ
بۇ قېتىمقىسىنىڭ سىغىمى 13G كېلىدىكەن. بۇ ‹جۇدۇن› شېركىتى فىلىمىگىلا ئەمەس ئويۇنلىرىنىڭ مۇكەممەللىكىغىمۇ بەك كۈچەيدۇ. ھەر دەۋرلىرىدىكى ئويۇنلىرىدا ئوينىغۇچىلار ئارزۇ قىلغىنىدەك مۇھىت ھازىرلانغان.
ستراتېگىيە، تاكتىكا تۈردىكى ئويۇنلاردىن Sierra Entertainment شېركىتى چىقارغان دۇنيا ئېمپىريىسى
( Empire Earth ) نىڭ 2،3 قىسىملىرىنى ئوينايتتىم. مىتىلدىتىپ ئۇنى بۇ يەرگە بۇنى ئۇ يەرگە مائۇستا تارتىپ ئاپىرىپ ۋاقىت بەك تېز ئۆتەتتىدە نۇرغۇن ئىشلىرىمدىن قېلىپ قېۋاتقان….كېيىن ئوينىمايدىغانلا بولدۇم. بۇ ئويۇننى كۆرۈپ كونا خۇمارلىرىم تىتىلداپ كېتىۋاتىدۇ……
مۇشۇ ئويۇننىڭ تورسىز ئوينايدىغان نۇسخىسى بولىدىغان شۇنىڭ تولۇق بولغان ئويۇن چۈشۈرۈش ئادېرىسى بىلەن تەمىنلىسەڭلار بولاتتى