Android يانفون ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن خۇشخەۋەر! ئۇيغۇرچە Android يانفون ROM بولىقى ئاخىرى تارقىتىلدى!
تەخمىنەن ئۈچ ئاي ئىلگىرى، ئۇيغۇرچە Android يانفون مەشغۇلات سېستىمىسى ھەققىدە تورداشلارغا بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى تەمىن ئەتكەن ئىدۇق. بۈگۈن بۇ يانفون سېستىما بولاقچىسى ئاخىرى ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتخانىسى تەرىپىدىن رەسمى تارقىتىلىپتۇ!
بۇ ھەقتىكى ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز
تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار ئەسلى مەنبەدىن ئەينەن ئېلىندى:
تەجرىبىخانىمىز نەچچە رەت سىناقلار ئارقىلىق گۇگىل يانفۇنىنىڭ ئۇيغۇرچە رومنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملاشتۇرۇپ چىقتى. سىناشقا قاتناشقانلار بايقىغان مەسىللەر ئاساسەن ئوڭشالدى، چالا تەرجىمىلەر تولۇقلاندى، ئىملاسى تۈزىتىلدى. مەخسۇس قوزغىلىش ئېكرانى ياسالدى، ئېكران تەگلىك رەسىملىرى قوشۇلدى.
قوزغىلىش ئېكرانى
بۇ نامدىكى يانفۇن بارلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، ھەم كۆرۈلگەن مەسىللەرنى بىزگە يوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىشلەتكۈچىلەر ئىنكاسى ۋە سىستېما يېڭىلىنىشغا ئەگىشىپ روم ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىدۇ.
دىققەت:
يانفۇنغا ROM ھۆججىتى قاچىلاش خەتەرلىك مەشغۇلات! مەشغۇلاتىڭىز توغرا بولمىسا يانفۇنىڭىزنى بۇزۇپ قويىشىڭىز مۇمكىن. كومپيۇتېر ۋە يانفۇن مەشغۇلاتىغا پىششىق بولمىسىڭىز ROM قاچىلىماڭ.
ROM ھۆججىتىنى قاچىلىسىڭىز يانفۇنىڭىزدىكى بارلىق ئۇچۇرلار يوقاپ كىتىدۇ. مەشغۇلاتتىن ئىلگىلىرى ئۇچۇرلىرىڭىزنى زااپاسلىۋىلىڭ. ROM قاچىلاش جەريانىدا كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز مەسئۇل.
ئۇيغۇرچە Android سىستېمىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن سېتىۋالماقچى بولسىڭىز دۆڭكۆۋرۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلار بازىرىغا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ. بۇ توردىكى سودا بازىرىنىڭ ئاندروئىد ئۈسكىنىلىرى تۈرىنى تەجرىبىخانىمىز تېخنىكىلىق قوللايدۇ.
مەنزىلى:
دۆڭكۆۋرۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر بازىرى
بۇ نەتىجىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە Android بەلگىسى بېسىلغان مايكا تەييارلاندى. خالىغانلار دۆڭكۆۋرۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلار بازىرىدىن سېتىۋالغايسىلەر، بۇ خاتىرە بۇيۇمىدىن ئۇيغۇرچە ئاندروئىد ئىشلىرىغا 5 سوم كىرىم بۇلىدۇ.
ئەگەر خالىسىڭىز تۈۋەندىكى ئۇلانمىنى چىكىپ، بۇ خىزمەت ئۈچۈن 5 سوم ئىئانە قىلىڭ.
ئاخىرىدا Android دەك بۇ مۇنەۋۋەر سىستېمىنى روياپقا چىقارغان ھەم ھەقسىز تارقاتقان گۇگىلغا، Android تارىخىدىكى گىگانت ساينوگىن، باشقىلاردىن موداكو ۋە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان MIUI لارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، شۇنداقلا ئۇيغۇرچە Android ئىشلىرى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق ئەزىمەتلەرگە، يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن بارلىق تورداشلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
ئاخىرقى سۆز
نۆۋەتتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ROM بولىقى پەقەت Google Nexus One يانفونى ئۈچۈنلا ياسالغان بولۇپ، باشقا Android سېستىمىسىدىكى يانفونلارغا ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار داۋاملىق تەمىنلىنىشى مۇمكىن. مۇشۇ خىلدىكى يانفون ئىشلىتىۋاتقان تورداشلارنىڭ سىناپ بېقىشىنى ۋە سىناق نەتىجىسىنى تەمىنلىشىنى قارشى ئالىمىز.
چۈشۈرۈش مەنزىللىرى:
Nexus One ROM ھۆججىتى | يىڭىلاش قۇرالى | ROM يېزىش قۇرال(recovery) | قاچىلاش قوللانمىسى | Google يۇمشاق دېتاللىرى (Google Apps) | مەنبە: بىلىك كۇلۇبى | قاچىلاش قوللانمىسى PDF ھۆججىتىنى ئوقۇش ئۈچۈن Foxit Reader
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، Google، ئەقلىفون، ئۇيغۇرچە، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 29,426 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 08-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: uyghuroid.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئېلىكترونلۇق قەغەزدىن ياسالغان Rimino ئۇقۇم يانفونى! يۇقىرى تېخنىكىغا تولغان كەلگۈسى تۇرمۇش!
- كېيىنكى يازما > Jobs تەخىتتىن چۈشكىنى بىلەن iPhone تېخى چۈشكىنى يوق! iPhone 5 نىڭ قانداقلىغىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دەھشەت چىققان ئېلانى – Add Power to You Life
Google Nexus One بۇ يانفۇنلار ئەرزان ئەمەس جۇمۇ! ئىشلىتەلەيدىغانلار جىق ئەمەسكەن
مەن چۇقۇم سىنايمەن. بۇ گەپچە مىنىڭ يانفۇنۇمغا ماس كەلمىگۇدەك. شۇنداقتىمۇ يا بۇزۇلۇدۇ يا ئۇيغۇرچە ئاندرويد ئىشلىتىمەن .
بۇنداق قىلغاندىن كۆرە، يانفۇنىڭىزنى سېتىۋىتىپ، Nexus One دىن بىرنى ئېلىڭ! ئازراق زىيان تارتىسىز!
مەن ئېنگىلىزچىنى ئىشلىتەي دەپ تۇرسام !!! ئەممازە مايكىسى بولىدىكەن مەن بىرنى ئالايمىكىن دەپ قالدىم !توردىمۇ ساتارمۇ ؟؟!
Androidنى ئەمدى ئىشلەتمەي بولمىدى…….
مەن بۇ تىرىشچانلارغا بىرەر چوڭراق يانفۇن شىركەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ دىيارىمىزنى ماركىلىق ئەقلىفون بىلەن ئۇچىرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش تەكلىۋىنى بىرىمەن…‹قۇتلان›مۇ بولىدۇ…ھازىرچە مىنىڭ x10نىمنىڭ بۇ romنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىز تېخى خەۋەرسىز يۈرگەن بىلەن، بۇ ئىشنى قىلغانلار قۇتلاننى بېسىپ چۈشىدىغان شىركەت بۇلار. گەرچە يېڭى قۇرۇلغان بولسىمۇ… مەيلى مەبلىغى، مەيلى تېخنىكىسى جەھەتتە بولمىسۇن.
تور خۇمار ماڭا ئىۋۇ پاكىنەك ئاندىرىيود دەك كۈندىن كۈنگە ۈىر يەرلىرى كىچىكلەۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ
ئاۋۇ قوزغىلىش رەسىمى چىرايلىقكەن،بىزنىڭ تېلىفۇنلارغا ماس كىلىدىغانلىرى چىققۇچە چىشىمىزنى بىلەپ تۇرىلى
HTC Desire G7 نىڭ باھاسى بەك يۇقرى بۇلۇپ كەتتىمۇ قانداق ؟
بازاردىكى ھازىرقى باھاسى 2200 سومدىن يۇقرى ئەمەسقۇ ؟
ئايفۇنغىمۇ مەخسۇس ئۇيغۇرچە ئەپ ياسايدىغان گۇرپا قۇرۇلغان بولسا ماددى جەھەتتىن قوللىيالمىساممۇ مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قوياتتىم
ۋاھ… بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنى بولسا ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرسىڭىز… بۇ خىزمەت جەريانىدا قىلىدىغان قارا ئەمگەكلەر بولسا ئېيتىلسا بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە ھە ھۇ دېسەك بولىدۇ.
n600نىڭغا چۈشۈدىغان چىقامدىغاندۇ!
سىزمۇ ئاشۇ n600 نى ئىشلىتەمسىز؟؟؟ بۈنىڭغا بېشىڭىزنى تاشقا ئۇرسىڭىزمۇ ئۇ ئۇيغۇرچە rom نى قاچلىغىلى بولمايدۇ
ئايفوننىڭ ئۇيغۇرچە بولىغى چىقسا 5يۇەن ئەمەس 50يۈەن بىلەن قوللايتتىم …
ئاندرويدنىڭمۇ قوللىغۇچىلىكى بار، بەگزادەم!!!
مىنىڭ SHARP SH8118U تىلفۇن ئىدى ، مۇشۇمۇ قوللامۇ ھە ؟
سېستىمىسى ئاندىريود 2.2 ئىدى.
ھازىرچە پەقەت Nexus One غىلا ماس كېلىدىكەن، باشقا تېلىفونغا ماس كېلىدىغان ROM بولىقى پات ئارىدا ئېلان قىلىنارمىش.
مەندە nexus one دىن بىرى بار ئىدى ، جىددىي قاچىلاش تەييارلىقى قىلىۋاتىمەن ، ئۇزۇندىن بېرى ئىشلىتىۋاتقان miui دىن ۋاز كىچىشكە توغرا كىلىدىغان بولدى .
لېكىن بۇ بولاقنى nexus one دىن باشقا يانفۇنغا قاچىلاشقا بولمايدۇ . بۇ بولاق مەخسۇس nexus one ئۈچۈن ياسالغان .
ئاۋۇ قوزغىلىش سۈرىتىنى زاپەر تىلفونىمنىڭ قوزغىلىش ئىكرانى قىلىۋىلىپ داملىتايمىكن
Huawei c8500 غا قاچىلىغىلى بولامدۇ؟
بۇنىڭ ROM نىلا ئەمەس تىل بولىقىنى (apk شەكىللىك ) چىقىرىپ قويغان بولساڭلار تىخىمۇ ئاسان بولاتتى..
بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە بولۇپلا قالماي. ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللايدۇ.
ئۇيغۇر يېزىقىنى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نىگىزىدىن قوللاتقۇزۇش ئۈچۈن مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئەسلى كودىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىدار قوشۇش كىرەك. شۇڭا پۈتۈن مەشغۇلات سىستېمىسى روم ھۆججىتى بولۇپ چىقىدۇ.
بۇ سىستىما سەنشىڭ تىلفۇنۇمنڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ بى نۇرمال قىلىپ قويدى ، ھەققى ياخشىسىنى ئىلان قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
تەرجىمە گورپىسىدىكىلەر جاپا چەكتى لىكىن يەنە ئازراق تىرىشىپ ھەممە يانفۇنغا ماس كىلىدىغان قىلىپ قويسا مەنمۇ خۇش بولاتتىم
بۇ روم ھۆججىتى پەقەت nexus one تېلېفۇنغىلا ماس كىلىدۇ.
يانفۇن مەشغۇلات سىستېمىسى كومپيۇتېرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. يانفۇن مەشغۇلات سىستېمىسا ئۆزى قاچىلانماقچى بولغان بىر ئۈسكۈنىنىڭ مەخسۇس سەپلىمىلىرى، قاتتىق دېتال قوزغىتىش پروگراممىلىرى بولىدۇ. ئۇنى باشقا يانفۇنلارغا قاچىلىغىلى بولمايدۇ.
ناۋادا قاچىلىسڭىز تېلېفۇنىڭىزنى بۇزۇپ قويىسىز. شۇڭا چوقۇم ماس روم قاچىلاڭ.
خوش بولغانتىم بىراق مىنىڭ 2.2 سېستىمام قوللمايدىكەن ئەمەسمۇ بالدۇرراق چىقسا بولاتتى دوسلا چىقسا ماڭا خەۋەر قىلىپ قويۇڭلا جۇما چچ 510316443
قاچىلىماقچى بولغان روم بىلەن ھازىرقى سىستېمىڭىزنىڭ نەشرىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. ھازىرقى سىستىمىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۋىتىپ ئاندىن يىڭى رومنى قاچىلايسىز. ناۋادا تېلېفۇنىڭىز نېكساس ۋان بولسا قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.
ئەمما قاچىلاشقا كۆزىڭىز يەتسە قاچىلاڭ. روم قاچىلاشنىڭ خەۋپ خەتىرى بار. ئەسلى مەنبەدىمۇ ئەسكەرتىلگەن.
http://lab.uyghurdev.net/Uyghuroid/
كاتتا ئەمگەكتىن بىرنى روياپقا چىقىرىپتۇ! بارىكاللا!
مىنىڭ ل ج پ 500 ئدى . بۇنىڭغىمۇ چۈشمەمدۇ قانداق ……
Android تىلفۇنلارنىڭ cdmaتورىنى قوللايدىغانلىرىغىمۇ بولامدىغاندۇ
Android يانفۇنلارنىڭ CDMA نى قوللايدىغىنى بار
ياخشىمۇسىز ؟ بۇ روم ئاندرويىدنىڭ قول كومپيۇتېرىغىمۇ ماس كېلەمدۇ ؟ تور سىمى چېتىپ تۇرۇپ تورغا چىقىدىغانغا ؟
ياخشى بويۇ جۇمۇ؟!!!
لىيەنشاڭ a60 غا ماس كېلەرمۇ
مىنىڭ 酷派d530 ئاندوروي سىىتىمىسى بار تىلىفۇنى بۇنىڭغىمۇ ماس كىلەرمۇ ؟؟
مەن چۈشۈرەلمىدىم