پۈتۈنلەي ھەقسىز ۋە قاچىلاش ھاجەتسىز بولغان PDF كۆرۈش قورالى – Foxit Reader
ئېلكىتاب ئاتالغۇسىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ PDF فورماتىدىكى ئېلكىتابلارغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، توردا ياخشى ئەسەرلەرنى، شېئىرلارنى ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى PDF شەكلىدە ساقلىۋالىدىغان ئادەت شەكىللىنىشكە باشلىدى. ھازىرغىچە توردا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب ھۆججەتلىرىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، PDF نىڭ يانفوندىمۇ نورمال ئوقۇشقا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، تورداشلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئەسەرلەرنى PDF شەكىلدە تارقىتىپ ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن بىزگە يەتكۈزۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا PC دا PDF كۆرۈش ئۈچۈن ئۆزى ئەپلىك، سىغىمى كىچىك، قاچىلاش ھاجەتسىز ۋە پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان بىر PDF قورالى بولغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە؟
Foxit Reader بولسا دەل مۇشۇ تۈردىكى تەۋسىيەلىك يۇمشاق دېتاللارنىڭ بىرى بولۇپ، PDF ھۆججەتلىرىنى ئېچىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، سىغىمى ئىنتايىن كىچىك، Adobe Acrobat قا ئوخشاش كەسپىي يۇمشاق دېتاللارغا سېلىشتۇرغاندىمۇ خېلى كۆپ ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. ئەڭ مۇھىمى Foxit Reader 4.1 نەشىرىدىن باشلاپ ھەقسىز تەمىنلەنگەن بولۇپ، كەسپىي ھەقلىق نۇسخىسىدىكى ئىقتىدارلار بىزگە پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشلىتىشكە تەمىنلەنگەن، ئەمدى توردىن بۇ قورالنىڭ 破解版 لىرىنى ئىزدەپ يۈرمىسڭىزمۇ بولىدىغان بولدى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار:
يۇمشاق دېتال نامى: Foxit Reader
ھۆججەت سىغىمى: 5.15MB
ئورگان تور بېكىتى: http://www.foxitsoftware.com
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
Foxit Reader ھەقسىز يېشىل نەشىرى | مەنبەسى: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: pdf,ئوقۇغۇچ,ئېلكىتاب
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 382 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: foxit-reader.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > ئىككى يېرىم مىنۇتتا Apple Mac نىڭ 30 يىللىق تارىخى ئۆزگىرىشىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىش
- كېيىنكى يازما > كۈلكە – جاننىڭ ئوزۇقى | بىر قىسىم تاللانغان يۇمۇرلار(1)
PDF بىلەن تۇنۇشقاندىن تارتىپ مۇشۇ دىتالنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن، ناھايىتى چاققان،ئوبدان دىتال بۇ.
ھەقسىز بولسا چۈشۈرۈپ باقاي، ئىلگىرى داۋاملىق نەشىر يېڭىلاڭ، پۇل تۆلەڭ دەپ ئۇچۇر چىقىۋالاتتى بۇ نەرسىگە…
بولسا pdfنى ياسايدىغان دېتال بولسا يوللاپ قويسىڭىز، ئىككى كۈن بولدى توردىن ئىزدەپ ساراڭ بولاي دېدىم،
word2010 دە بىۋاستە pdf قىلىپ ساقلاشقا بۇلىدۇ.