نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > كىچىك تېخنىكىلار > يازما كۆرۈش

بىر قانچە خىل ئاددى ئۇسۇلدا PDF شەكلىدىكى ئېلكىتاب ياساش

بىر قانچە خىل ئاددى ھالدا PDF شەكلىدىكى ئېلكىتاب ياساش ئۇسۇلى

PDFشەكلىدىكى ھۆججەتلەر سىغىمىنىڭ كىچىكلىكى ۋە كومپيۇتېر، يانفون، مەسىلەن، iPhone، iPad قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ۋە NOKIA نىڭ Adobe Acrobat قاچىلانغان ئەقلىفونلىرىدا بىمالال كۆرۈشكە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن نۇرغۇن تورداشلارنى ئۆزىگە قىززىقتۇرۇپ كەلدى. تۆۋەندە ئۆزەم ئەڭ ئاددى دەپ قارىغان بىر قانچە خىل ئۇسۇلدا PDF شەكلىدىكى ئېلكىتاب ياساش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.

خالىغان بىر ئورۇندىكى مەزمۇننى PDF شەكلىدە بېسىپ چىقىرىش

بۇنىڭ ئۈچۈن خالىغان بىز مەزمۇننى مەۋھۇم پرېنتېردا PDF شەكلىدە بېسىپ چىقارساقلا بولىدۇ. يەنى كومپيۇتېرغا بىر دانە مەۋھۇم پرىنتېر قاچىلايمىز. بۇ يەردىكى مەۋھۇم پرىنتېرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسەم، ئادەتتە كومپيۇتېرغا پرىنتېر(打印机) ئۇلانغان ۋە قوزغىتىش پروگراممىسى نورمال قاچىلىنىپ، پرىنتېر خىزمەت ھالىتىگە ئۆتكەن بولسا، بىز كومپيۇتېرىمىزدىكى مەزمۇنلارنى ھەرخىل يۇمشاق دېتاللارنىڭ بېسىپ چىقىرىش(打印) ئىقتىدارى ئارقىلىق، قەغەز يۈزىگە بېسىپ چىقىرالايمىز. مەۋھۇم پرىنتېر بولسا، كومپيۇتېرغا ھېچقانداق پرىنتېر چېتىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، چۈنكى بىز مەزمۇنلارنى قەغەز يۈزىگە ئەمەس، بەلكى PDF شەكلىدىكى ئېلكىتاب ئۈستىگە باسىمىز.

نۆۋەتتە PDF شەكلىدىكى ھۆججەت باسالايدىغان مەۋھۇم پرىنتېر يۇمشاق دېتاللىرى خېلى كۆپ بولۇپ، بۇ يەردە بىر قەدەر ئاددىي بولغانلىرىدىن TinyPDF نى مىسال قىلىپ ئۆتىمەن.

TinyPDF ئارقىلىق مەۋھۇم پرىنتېر ھاسىل قىلىش

ئاۋال TinyPDF نى يازما ئاستىدىكى چۈشۈرۈش مەنزىلىدىن چۈشۈرىمىز، ئاندىن پرىستېن يېشىپ TinyPDF.exe نى قوش چېكىمىز ۋە كۆزنەكتىن 安装 كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. بۇ چاغدا ناۋادا ئىلگىرى مەۋھۇم PDF پرىنتېرى قاچىلانمىغان بولسا، نورمال قاچىلانغانلىق ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ. دەلىللەش ئۈچۈن 打印机 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كۆرۈپ باقساق بولىدۇ، TinyPDF ناملىق بىر پرىنتېر قوشۇلغان بولسا، مەشغۇلات ئوڭۇشلۇق بولغان بولىدۇ.

ئەمدى مەۋھۇم پرىنتېرنى كومپيۇتېرغا ئورنىتىپ بولدۇق. كومپيۇتېردا مەيلى Photoshop بولسۇن، ۋە ياكى IE، FireFox قاتارلىق تور كۆرگۈلەر بولسۇن، ۋە ياكى Office بولسۇن، پەقەت PDF شەكلىدىكى باسماقچى بولغان مەزمۇننى 打印 قىلساق، بىز بايا قاچىلىغان مەۋھۇم TinyPDF پرىنتېرى كۆرۈنىدۇ، شۇنى تاللاپ بېسىپ ھۆججەت ساقلايدىغان ئورۇننى كۆرسىتىپ بەرسەكلا بىر دانە PDF شەكلىدىكى ئېلكىتاب تەييار بولىدۇ.

Microsoft Office ئائىلىسىدىكى مەھسۇلاتلاردا PDF شەكلىدە ساقلاش

ئادەتتە Office نىڭ 2003 نەشىرىدە PDF شەكلىدە ساقلاش ئىقتىدارى قوشۇلمىغان. شۇڭا ناۋادا Word 2003 تە تەييارلىغان ماتېرىيال بولسا، ئۈستىدىكى TinyPDF مەۋھۇم پرىنتېرى ئارقىلىق مەسىلىنى ئوڭايلا ھەل قىلىشقا بولىدۇ. Office 2007 دە بولسا، مىكروسوفت ئۆزى تەمىنلىگەن SaveAsPDF ناملىق بىر قىستۇرما بار، مۇشۇنى ئورنىتىۋەتسەكلا، Office 2007 گە PDF شەكلىدە ساقلاش تۈرى قوشۇلىدۇ. ئۆزىمىز تىزىپ بولغان بەتنى پەقەت شۇ ئورۇندىن بىۋاستىلا PDF شەكلىدە ساقلىۋەتسەك بولىدۇ. Office 2010 دىن باشلاپ بۇ ئىقتىدار توپلاشتۇرىۋېتىلگەن بولۇپ، ئايرىم قاچىلاش ھاجەتسىز.

ئەلۋەتتە يۇقارقىدىن باشقا يەنە Flash Paper قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپمۇ ناھايىتى سۈپەتلىك ئېلىتابلارنى ئىشلەشكە بولىدۇ. بۇ يەردە مەن Office ئارقىلىق قانداق بەت تىزىشنى سۆزلەپ ئولتۇرماي، پەقەت كۆپچىلىككە ئەڭ ئاددى ۋە تېز بولغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرۇپ قويسام بولار دەپ قارىدىم. ناۋادا تورخۇمار ياكى تەدبىركار ئۈچۈن، تېخىمۇ تەپسىلىي ۋە سۈپەتلىك PDF شەكلىدىكى ئېلكىتاب ياساش دەرسلىكى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدىغان دوستلار بولسا، تورداشلار نامىدىن ئالاھىدە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرگەن بولاتتىم.

مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت تەپسىلاتى:

مەۋھۇم پرىنتېر TinyPDF/ھۆججەت سىغىمى: 917KB/پرېستېن يېشىش پارولى: www.torhumar.com
Office 2007 نىڭ PDF شەكلىدىكى ھۆججەت ساقلاش قىستۇرمىسى SaveAsPDF/ھۆججەت سىغىمى: 913KB

مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈش مەنزىلى:

TinyPDF نى چۈشۈرۈش | Office 2007 نىڭ PDF ھۆججەت ساقلاش قىستۇرمىسى | مەنبە: تورخۇمار | Office 2007 نى چۈشۈرۈش | Office 2010 نى چۈشۈرۈشك

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 4 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    adobe acrobat بىر يۇمتال بولىدىغان، ئۇنىڭ ئىقتىدارىمۇ ناھايتى ياخشى.

  2. بۈيۈك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي ۋوي … مەنمۇ تالىشىپ باقاي دىسەم~

  3. ئىدىقۇت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    adobe acrobat نىڭ سىغىمى 600 مىگا بايىت كېلەرمىكىن. ئېلىپ يۈرۈش سەل بىئەپ.

  4. سندىبات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تور بەتنى بىر بېسىپ باقاي!!!

 汗