ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋە كۆرۈنمە يۈزى ئالاھىدە چىرايلىق بولغان ھەقسىز ۋىرۇسخور – avast!5
avast بولسا بىر تۈرلۈك ھەقسىز ۋە ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ۋىرۇسخور، ھەقسىز بولۇشىغا قارىماي ئۆزىدە باشقا نۇرغۇن ھەقلىق ۋىرۇسخورلاردىنمۇ كۈچلۈك بولغان ۋىرۇس تازىلاش ئىقتىدارى ۋە ئىنتايىن كۆركەم لايىھەلەنگەن كۆرۈنمە يۈز تەمىنلىگەن، نۆۋەتتە تورداشلار تەرىپىدىن ئالقىشلىنىشى ۋە تەۋسىيە قىلىنىش دەرىجىسىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى.
avast نىڭ كومپيۇتېرنى نازارەت قىلىش ئىقىتىدارى ئاجايىپ كۈچلۈك بولۇپ، ئۆزىدە تور بېكەت نازارەت قىلىش، p2p ئۇلىنىشلىرىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل قوغداش ھالىتى تەمىنلىگەن، ئەلۋەتتە بىز avast نى قاچىلاش جەريانىدا بۇ ئىقتىدارلارنى تاللاپ قاچىلاپ قويساقمۇ بولىدۇ.
avast ھەقسىز نەشىرىنى ھەر يىلى بىر قېتىم تىزىملىتىمىز، بىر تىزىملىتىپ قويساق بىر يىل ھەقسىز ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بۇ خىل ھەقسىز نەشىرىنىڭ ئىقتىدارلىرى بىزگە راۋۇرۇس يېتىپ ئاشىدۇ شۇنداقلا ئەڭ يېڭى Windows 7 مەشغۇلات سېستىمىسى بىلەنمۇ ناھايىتى ئوبدان سىغىشىدۇ.
ناۋادا سىز باشقا ۋىرۇسخورلارنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمىگەن بولسىڭىز ھەمدە تازا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز، ئۇ ھالدا Avast نى ئىشلىتىپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئۈنۈمى خېلىلا ياخشى بولۇپ، ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگەللىشىمۇ تۆۋەن! ئەلۋەتتە ھازىر ھەقسىز ۋىرۇسخورلار خېلى كۆپ، شۇنىڭغا ماس تاللاش پۇرسىتىمۇ ئىنتايىن كۆپ! باشقىلار بەلكىم مەلۇم ۋىرۇسخور ياخشى ياكى مەلۇم ۋىرۇسخور يامان دېيىشى مۇمكىن، چۈنكى باشقىلار تەۋسىيە قىلغان ۋىرۇسخور سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئادىتىڭىزگە ماس كېلىپ كېتىشى ناتايىن، ئىشقىلىپ بۇمۇ مەخسۇس Avast نى ئەڭ ياخشى دەپ ماختاش ئۈچۈن يېزىلغان يازما ئەمەس. ناۋادا سىز تېخىچە ئوغرى نەشىرىدىكى ۋىرۇسخورلارنى قانۇنسىز ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز ۋە بۇ ۋىرۇسخورلارنىڭ توختىماي ئەسكەرتىدىغان ئاكتىپلاش ئۇچۇرلىرىدىن زېرىككەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا ھەقسىز ۋىرۇسخور Avast!5 بىر سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ، ئەڭ مۇھىمى ياخشى بولغان تورغا چىقىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش تېخىمۇ مۇھىمدۇر!
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار:
ۋىرۇسخور نەشىرى: avast!5.0.677.0
ئورگان تور بېكىتى: http://www.avast.com/
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
avast ھەقسىز ۋىرۇسخورى | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ۋىرۇس ۋە ۋىرۇسخور]
- ھالقىلىق ســــۆز: ۋىرۇس، ۋىرۇسخور
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 2,532 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: avast5.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما >
- كېيىنكى يازما > Kaspersky بىخەتەرلىك قوشۇنى 2011 | ھەقسىز بىر يىللىق 卡巴斯基
- خاككىرلىق ۋە ۋىروس
- 60 سكونتتا «خاككېر ئېمپىرىيىسى(Matrix)» دېگەن فىلىمنى كۆرۈپ چۈشىنىش
- بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى بېكەتلەرنىڭ يوچۇقى تۈپەيلى، ئالتە مىليونغا يېقىن ئابونتنىڭ مەخپىي شىفىرى ئاشكارىلاندى
- مىكروسوفت Windows نىڭ ئاپتوماتىك قوزغىتىش(AutoRun) ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي چەكلىۋەتتى…
- تۆت يادرولۇق مەڭگۈلۈك ھەقسىز 360 ۋىرۇسخورى 2.0 نەشىرى ئېلان قىلىنىپتۇ
- ھەقسىز ۋىرۇسخورلار يەنە بار – ESET NOD32 ۋىرۇسخورى يەنە 90 كۈنلۈك ھەقسىز تەمىنلەندى!
- Kaspersky بىخەتەرلىك قوشۇنى 2011 | ھەقسىز بىر يىللىق 卡巴斯基
ھا ھا …دىۋان يەنە مېنىڭ بوپتۇ بۈگۈن.
NOD32 ۋىروس خورومنىڭ ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئايدا توشىدۇ، شۇ چاغدا سىناپ باقمىسام.
بۇ روھىڭىز ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ زادى!
مەن360نى ئىشلتىۋاتاتتىم.ئەمدى بۇنى سىناپ باقاي!
مەنمۇ NOD32 ئىشلىتىۋاتاتتىم … بۇ ئىككىسىنىڭ قايسسى كۈچلۈك ؟
بۇ سوئالىڭىزغا بەلكىم يازمىنىڭ كەينىدىكى «ياخشى بولغان تورغا چىقىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش» دېگەن ئۇلانمىدىن جاۋاپ چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.
PS: ئېلخەتكە ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىدىم، خىجىلمەن!
ھەممە ۋىروسخۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا كەمچىللكى ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ … كاباس كومپۇيۇتۇر سۇرئىتىنى ئاستىلىتىۋىتىدىكەن … 360 نىڭ تىخىمۇ ياخشى …ئىشقىلىپ بۇ ۋىروسخۇرنۇڭمۇ كەمچىللىكى يوق دىگىلى بولمايدۇ … بۇنىمۇ سىناپ باقىلى . سىز ياخشى دىگەن بولسىڭىز …
سىزگە بىر تەكلىپ … سىزدىن سورايدىغان سۇئاللار كۆپ ئىدى … بولسا بىر سۇئال يولليدىغان تورداشلار ياكى سىز جاۋاپ بىرىدىغان بىرەر ئىقتىدار قوشسىڭىز بولاتتى ..
تەكلىۋىم خالاس .
بۇ يەرنى بېسىپ مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ
avast بۇ مەن ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەن ۋىرۇسخورلارنىڭ بىرى . مۇشۇ ۋىرۇسخور بىلەن كومپيۇتېرنى ئۇدا 3 يىل مۇقىم ئىشلەتكەن ئىدىم. تور ئۈزۈلۈپ ئۇنى يېڭىلاشقا ئىمكان بولماي ، ئىلاجىسىزلىقتىن خوش دېگەن ئىدىم. ھازىر كاسپىراسكىينى ئىشلىتىۋاتىمەن (ھەقلىق نۇسقىسى) ، بۇمۇ ھەر ھالدا يامان ئەمەسكەن. ئەمما كومپيۇتېرغا قويدىغان تەلىپىمۇ سەل يۇقىرىدەك تۇرىدۇ. بىلىشىمچە QQ بىلەن 360 نىڭ جەڭگى – جىدىلى باشلانغان پۇرسەتتە بۇ كاسپىراسكىيمۇ 1 يىللىق ھەقسىز بولۇپ كەتتى. تورداشلار ئىشلىتىپ كۆرسە بولىدۇ.
بۇ 360 تىن يىنىكمۇ ياكى… مەن 360 نى يۇيۇۋەتسەملا باشقا ۋىرۇسخور قاچىلىيالماي قالامدىمەنكىن دەپ ئەنسىرەپ مۇشۇ ئۆكتەمنى ئىشلىتىۋاتىمەن…
nod32نى ئۇقىنىمدىن باشلار ئۇنى ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن . ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ھەقسىز ئىشلىتىشنى ئويلاپ ھەق تۆلەشتىن قاچىدىكەن . ئاشۇنداقلارغا avast ئەڭ ياخشى تاللاش بۇلىدۇ .
راس مەن بۇرۇن ئىشلىتەتىم مۇشۇنى ، ئىجرا بولۋاتقىنىنى سەزمەي قالسىز … بەك يەڭگىل ، ئىغتىدارلىرى تۇلۇق
مەن كومپيۇتېرىمغا ۋىرۇسقا قارشى ھىچقانداق پروگرامما قاچىلىمىغان.