تۆت يادرولۇق مەڭگۈلۈك ھەقسىز 360 ۋىرۇسخورى 2.0 نەشىرى ئېلان قىلىنىپتۇ
نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەتكۈچىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان 360 ۋىرۇسخورى يېڭىدىن «تۆت يادرولۇق 360 ۋىرۇسخورى 2.0»نى ئېلان قىلدى. بۇ 360 نىڭ تۇنجى قېتىم چوڭ كۆلەملىك نەشىر نومۇرىنى يېڭىلىشى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى 4 يادرو ئىشلەتكەن ۋىرۇسخور ھېسابلىنىدۇ…
360 ۋىرۇسخورى ئۆزىدە 360 بىخەتەرلىك مەركىزى تەتقىق قىلىپ چىققان بۇلۇت تېخنىكىسى ئاساسىدىكى يادرو بىلەن، دۇنياغا داڭلىق BitDefender يادروسىنى تەڭ ئىشلەتكەن بولۇپ، ھازىر بۇنىڭدىن سىرت، ئاكتىپ قوغدىنىش ماتورى ۋە 360 ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان QVM ئەقلى ئىدراكلىك ماتورىدىن ئىبارەت يېڭىدىن ئىككى يادرو قوشۇلغان. نۆۋەتتە 360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى(360安全卫士) نى قاچىلىسىڭىز، بۇ ۋىرۇسخورنىمۇ قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، قاچىلاشتىن تارتىپ ئىشلىتىش ۋە ۋىرۇس ئامبىرىنى يېڭىلاشقا پۈتۈنلەي ھەقسىز ۋە ئاپتوماتىك ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، كۆپ يادرولۇق ۋىرۇسخور چەتئەلدىمۇ خېلى ئومۇملاشقان ئىكەن، 360 قوللانغان تۆت خىل يادرو قۇرۇلمىسى بولسا، پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان يېڭى بىر خىل ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئەندىزىسى بولۇپ، ناۋادا ۋىرۇسقا قارشى يادرو، ۋىرۇس تەرىپىدىن ئىممۇنلانغان بولسا، ئۇنداقتا يەنە QVM ئەقلى ئىدراكلىق يادرو كېلىپ ۋىرۇسقا دېئاگنوز قويىدىكەن، QVM دىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، بۇلۇت ماتورى ۋە ئاكتىپ قوغدىنىش ماتورىدىن ئۆتۈش خېلىلا تەس ئىكەن.
نۆۋەتتە 360 ۋىرۇسخورىنى Windows XP, Vista ۋە ئەڭ يېڭى Windows 7 مەشغۇلات سېستىمىسىغا نورمال قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچ ئىگەللىشىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ئويۇن ئوينىغان چاغدا «ئويۇن ھالىتى(游戏模式)» تۈرىنى تاللاپ قويساق، ئويۇن ئوينىغان چاغدا ۋىرۇسخورنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن پۈتۈنلەي ساقلانغىلى بولىدۇ، ئىلگىرى Kaspersky نى ئىشلەتكەن چېغىمدا، بەزىدە ئويۇن ئويناۋاتسام تۇيۇقسىزلا، ھېلىقى قورقۇنۇچلۇق چوشقا بوغۇزلىغان ئاۋاز چىقىپ قورقىتىۋېتەتتى، 360 بۇ جەھەتتە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ناھايىتى ئەتراپلىق ئويلاشقاندەك قىلىدۇ.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، گەرچە NOD32 قاتارلىق دۇنياۋى ۋىرۇسخورلارنىڭ تېخنىكىسى بىر قەدەر ئىلغار ۋە نامىمۇ ياخشى ھېسابلانسىمۇ، 360 ۋىرۇسخورى دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم ئۇششاق ترويا، ۋىرۇسلارنىڭ جاجىسىنى تېخىمۇ ياخشى بېرەلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈنلەي ھەقسىز تەمىنلەنگەن بىر تەرىپى، ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۆزىگە تېخىمۇ مايىل قىلىدۇ…
چۈشۈرۈش مەنزىللىرى:
360 ۋىرۇسخورىنى چۈشۈرۈش | مەنبەسى: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ۋىرۇس ۋە ۋىرۇسخور]
- ھالقىلىق ســــۆز: ۋىرۇس، ۋىرۇسخور
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,761 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 360-shadu.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەقسىز ۋىرۇسخورلار يەنە بار – ESET NOD32 ۋىرۇسخورى يەنە 90 كۈنلۈك ھەقسىز تەمىنلەندى!
- كېيىنكى يازما > شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز راستىنلا مەخپىيمىدۇ؟(2)
- خاككىرلىق ۋە ۋىروس
- 60 سكونتتا «خاككېر ئېمپىرىيىسى(Matrix)» دېگەن فىلىمنى كۆرۈپ چۈشىنىش
- بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى بېكەتلەرنىڭ يوچۇقى تۈپەيلى، ئالتە مىليونغا يېقىن ئابونتنىڭ مەخپىي شىفىرى ئاشكارىلاندى
- مىكروسوفت Windows نىڭ ئاپتوماتىك قوزغىتىش(AutoRun) ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي چەكلىۋەتتى…
- ھەقسىز ۋىرۇسخورلار يەنە بار – ESET NOD32 ۋىرۇسخورى يەنە 90 كۈنلۈك ھەقسىز تەمىنلەندى!
- Kaspersky بىخەتەرلىك قوشۇنى 2011 | ھەقسىز بىر يىللىق 卡巴斯基
- ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋە كۆرۈنمە يۈزى ئالاھىدە چىرايلىق بولغان ھەقسىز ۋىرۇسخور – avast!5
بىزدەك نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى…
مەن ھەق تۆلەپ ئالغان نورتون 2011 نى يۇيىۋېتىپ مۇشۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن
پۇلدارلارنىڭمۇ ئەڭ ياخشى تاللىشى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئىدارىلەردە مۇشۇنى ئىشلەتسە بۇلاتتى ئەسلى. نىمىشقا ھېلقى رۈيشىڭ دىگەن ئىشەكنى ئىشلىتىۋالدىغاندۇ دەيمەن بۇ ھۆكۈمەت.
توۋا،ما نەرسىنى…بۈگۈن بىر ئاجايىب ۋېروس بۇ ۋروسخورنىمۇ كاردىن چىقىرىۋەتتىغۇ! ئامال قىلالماي بېشىم قاتتى،كومپىيۇتېرىمنى چۇۋۇۋەتكىدەك بولۇپ كەتتىم،توۋا…
رۇيشىڭ شىركىتىنىڭ سەتچىلىكىنى كۆرۈڭلار
http://baike.baidu.com/view/1821200/
2006- يىلى تۇنجى قېتىم 360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى بىلەن تۇنۇشقان ئىدىم . ئۇ ۋاقىتلاردا كاباس ئىشلىتىتەتتىم . ئىككىسى خېلىلا ماسلىشىپ ئىشلەپ قۇياتتى . شۇندىن بىرى ئىشلىتىۋاتىمەن . 360نىڭ ئىقتىدارلىرىنىڭ ياخشىلىقى ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئەتراپلىق ئويلىشى ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ بىر بىكارلىق تەرىپى مىنىڭ ئۇنى داۋاملىق ئىشلىتىشىمنىڭ سەۋەبى .
مەنغۇ شۇ NOD32 گە كۆنۈپلا قاپتىمەن !
ۋىروسجان ئۆزلىرىنى يەمچۈك قىلىۋەتىمىسۇن ماۋۇ360دىگىنى
چەتنىڭ ۋروسخورىنى ئىشلىتەلمەيدىغان (ۋروس ئامبرىنى يۇقۇرلىتارلمايدىغان ) قوشنىلىرىمغا دائىم مۇشىنى تەۋسىيە قىلىپ قاچىلاپ بېرىۋاتىمەن . دېمىسىمۇ جۇڭگۇنىڭ كوزۇر يۇمشاق دېتالىرىنىڭ بىرى بۇ
360نىڭ قوغداش ماھارىتى يەنىلا Avira،Avastقاتارلىقلاردىن كۆپ تۆۋەن.جاھاندىكى ئەڭ يامان ئىككى ساقچى مانا مۇشۇ،مۇشۇنىڭدىن خالىغان بىرىنى ئورناتقاندا QQدىگەن ئىشپىيون كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن ماتېرىيالىڭىزنى ئوغرىلىيالمايدۇ.ئەلۋەتتە360نىڭمۇ ماختايدىغان باشقا تەرەپلىرى كۆپ.
ياخشىكەن ئالامەت