نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > ۋىرۇس ۋە ۋىرۇسخور > يازما كۆرۈش

ھەقسىز ۋىرۇسخورلار يەنە بار – ESET NOD32 ۋىرۇسخورى يەنە 90 كۈنلۈك ھەقسىز تەمىنلەندى!

ھەقسىز ۋىرۇسخورلار يەنە بار - ESET NOD32 ۋىرۇسخورى يەنە 90 كۈنلۈك ھەقسىز تەمىنلەندى!

شۇنداق قىلىپ QQ بىلەن 360 ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ بىرەر قۇر ئاخىرلاشقان بولدى، 360 مۇ كەڭ ئىخلاسمەنلىرىنى قايتا چاقىرىشقا باشلىدى، QQ بولسا ئۆزىنىڭ QQ غوجىدارىنى ۋاستە تاللىماي جېنىنىڭ بارىچە تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. تەدبىركارمۇ كۆپچىلىككە بۇ جەرياندا 卡巴斯基، Avast قاتارلىق ھەقسىز ۋىرۇسخورلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدى، بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇش بولغان ۋە تەدبىركار تەرىپىدىن ئىلگىرى تەۋسىيە قىلىنغان ۋىرۇسخور – NOD32 ھەقسىز 3 ئايلىق يۈرۈشلۈك نۇسخىسىنى كۆپچىلىككە يەنە بىر قېتىپ ئېلىپ كەلدىم، NOD32 مەستانىلىرى بۇداقى ئورگان تەرەپتىن ئېلىپ بېرىلغان ھەقسىز پائالىيەتنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويمىغايسىلەر.

ESET NOD32 نىڭ بۇداقى بىزگە ھەقسىز سۇنۇلغان نەشىرىدە ئاساسلىق يېڭىلىقلاردىن ئىچكى ساقلىغۇچغا بولغان تەلەپ تېخىمۇ تۆۋەنلىتىلگەن بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوتتام، ئەقلىي-ئىقتىدارلىق سكاننېرلاش قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلار تەمىنلىنىشتىن سىرت يەنە ۋىرۇسخور يادروسى ۋە باشقا جەھەتلەردە ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان، NOD32 توغرىسىدا ناۋادا تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى خالىسىڭىز، تەدبىركار تەۋسىيە قىلغان ھەقسىز ۋىرۇسخور – NOD32 توغرىسىدىكى يازمىنى بىر كۆرۈپ چىقىشنى ئۇنتۇماڭ!

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

ESET NOD32 ھەقسىز 90 كۈنلۈك نەشىرى | مەنبە: torhumar.com | ھەقسىز ۋىرۇسخور NOD32 ھەققىدە

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 6 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. ۋېرۇس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاللىقاچان چۇشۇرىۋالدىم مەن …. :grin: مۇشۇ ۋېرۇسخورغا يېتىدىغىنى يوقكەن ئويلاپ باقسام

  2. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندە 1 يىللىقنىلا سېتىۋالغان، ۋاقتىم تېخى بار…

  3. FinalFantasy : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    90 كۈندە بىر يېڭىلاپ، بىر يىلدا بىر يېڭىلاپ، ھەقسىز قىلىپ بېرىشىگە تەلمۈرۈپ يۈرگىچە، بىراقلا مەڭگۈلۈك ھەقسىز بېرىدىغان ۋىرۇسخورلارنى ئىشلەتسەك بولمامدۇ، دەىمەن. بىر مۇنچە ھەقسىزلىرى بار:

    Microsoft Security Essentials
    avast!
    AVG
    Avira AntiVir

    مۇشۇلارنى بىر بولاق قىلىپ (打包) قىلىپ، بىر تېما يازسىڭىزمۇ بولغۇدەك. ۋىرۇسخورغىمۇ پۇل تۆلەپ ئىشلىتەمدۇ مۇشۇ كەمدىمۇ؟

    • torhumar :

      كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزدەك ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى ۋە ئادەتلىنىشى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا تاللاش پۇرسىتىنى يەنىلا كۆپچىلىككە قويغىنىمىز ياخشى دەپ قارايمەن. :smile:

  4. روھچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ھازىر avast نى ئىشلىتىۋاتىمەن .
    بۇ قېتىم تەدبىركار تۇنۇشتۇغان نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغان .
    ئۇمۇ بۇپ قۇيىدىكەن .ئەڭ مۇھىمى بىريىللق ھەقسىز ھالاللىق تەرپى ئادەمنى خاتىرجەم قىلىدىكەن .

  5. چەۋەندازلار بلوگى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇنى ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى بولدى. ھەقسىز نۇسخىسىمۇ باردەڭ. مەن بىر چۈشىرىۋالغانچە بۇنىڭ ھەقلىقمۇ ھەقسىزمۇ دىققەت قىلماپتىكەنمەن.

 汗