نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات سوممىسى ۋە كىرىم مەنبەسى

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات سوممىسى ۋە كىرىم مەنبەسى

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىپ، پۈتۈن دۇنيا شاد-خۇراملىققا چۆككەن شۇ پەيىتلەردە ، پۇتبول پەقەت ئىشتىن سىرتقى قىزىقىش بولماستىن «گۆھەر تۇغىدىغان توخۇ»غا ئايلىنىدۇ.
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ يوقىرى شان شەرىپىنىڭ سىمۋولى بولغان «كۈچتۈڭگۈرلەر لوڭقىسى»نىڭ ئىگىزلىكى 36سانتىمىتىر، ئېغىرلىقى 4970گىرام،ئۇ18kلىق سېرىق ئالتۇندىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، تەگلىكىگە ئىككى مالاخىت مەرمەر تېشى ئورنىتىلغان.بۇ لوڭقا تەخمىنەن 50مىڭ دوللار بىلەن ياسالغان بولسىمۇ،ھازىر ئۇنىڭ قىممىتى 10 مىليۇن دوللارغا يەتتى.

مۇسابىقىدە چىمپىيۇن بولغان كوماندا 30مىليۇن دوللارغا؛ 2-بولغان كوماندا 24 مىليۇن دوللارغا؛ 3-،4-بولغان كوماندىلار 20مىليۇن دوللارغا؛ سەككىز كۈچلۈككە كىرگەن كوماندىلار 18مىليۇن دوللارغا؛ 16كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن كوماندىلار 9مىليۇن دوللارغا ؛ گۇرۇپپىدىلا شاللىنىپ كەتكەن كوماندىلارمۇ 8مىليۇن دوللارغا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش جەريانىدىكى چىقىملىرىنى ھېسابىغا 1مىليۇن دوللار، نورمىدىن سىرت يەنە 1مىليۇن دوللار بېرىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات سوممىسى %60ئۆرلىگەن بولۇپ، ئومومىي مۇكاپات سوممىسى 420مىليۇن دوللار بولغان.

بۇنداق كۆپ پۇل نەدىن كەلگەندۇ؟ تاپقان پۇلنىڭ جىق بولغانلىقىدىندۇر! خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى تىلۋىزوردا ئۇلاپ تارقىتىش ھوقوقىدۇر، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىلۋىزوردا ئۇلاپ تارقىتىش ھەققى ئىزچىل ئېشىپ بارماقتا. ئىگىلىنىشىچە،بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تىلۋىزوردا ئۇلاپ تارقىتىش ھەققى 2مىليارد 700مىليۇن دوللارغا سېتىلغان بولۇپ، گىرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭكىدىن بىر ھەسسە يوقىرى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ قوللاش يۈزىسىدىن بېرىدىغان پۇلىلا 1مىليارد 500مىليۇن دوللاردىن ئاشىدىكەن. تەخمىنەن ھېساپلىغاندا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ يازدا 8مىليارد دوللار پايدىغا ئېرىشكەن.
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئوخشاش «كۈچتۈڭگۈرلەر لوڭقىسى» كىمگە تەۋە بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشىدىغان تەرەپ يەنىلا قىمار شېركەتلىرىدۇر. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە پۈتۈن دۇنيادىكى قىمار شېركەتلىرىدە قىمار شەكىلىدە دو تىكىلگەن پۇل 12مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە %60ى دو تىكىش مەنبەسى ئاسىيا قىتئەسى ئىكەن. جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا تەخمىنەن 3مىليارد 800مىليۇن دوللار چىقىم قىلىنغان، دىمەك 12 مىلياردلىق دو تىكىش ھەققىگە ئۈچ قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغىلى بولىدۇ.
يېقىندا بىرازىلىيە پۇتبولچىلار جەمىيىتى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئاجىرتىلغان چىقىمىنى ھېساپلاپ چىقتى، 5-ئايدا باشلانغان تەييارلىقتىن باشلاپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان شاللىنىپ قايتىپ كەلگۈچە ، بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ چىقىمى 8مىليۇن 800مىڭ دوللارغا يەتكەن، بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ بۇ مەزگىلدە سائىتىگە خەجلىگەن پۇلى 10مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
  • ھالقىلىق ســــۆز:
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 3,935 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 07-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: world-cup-income.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. نۇرنىجات 2012.10.07 , 21:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كونا يازمىلارنىڭ دىۋانىغا بولسىمۇ چىقىۋېتەي.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量