نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > تاغدىن-باغدىن > يازما كۆرۈش

ھەجۋى تەرجىمە – ئوقۇرمەنلەرنىڭ خۇشامەتلىرىدىن تاللانما

ھەجۋى تەرجىمە - ئوقۇرمەنلەرنىڭ خۇشامەتلىرىدىن تاللانما

خېلى كۆپ قىسىم ئاپتورلار، جۈملىدىن بلوگ يازىدىغانلار كۆپىنچە، يازمىسىغا نۇرغۇن باھالارنىڭ چۈشىشىنى، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قالتىس باھالارنى بېرىپ مۇئەييەنلەشتۈرىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. توغرا، خۇشامەتكە كىم ئۆچ دەيسىلەر؟ ھازىرقى تور خۇشامەتچىلىرى(خەنزۇلاردا 五毛党 دەپ قويىدۇ)نىڭ ماختاش سەۋىيەسىگە گەپ كەتمەيدىغان بولۇپ، تۆۋەندىكىلىرى مەلۇم بىر يازمىغا چۈشكەن خۇشامەتلەرنىڭ بىرسى…

1. ئۇشبۇ يازمىنى پەش چېكىتلىرىگىچە تەپسىلىي كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، خېلىغىچە ئۆزۈمنى تېنچلاندۇرالمىدىم. سىلكىنىش! غايەت زور سىلكىنىش! قانداقسىگە بۇ دەرىجىدە ئېسىل يازما بولىدىغاندۇ! تور ئارىلاپ يۈرگەن تالاي يىللاردىن بېرى، مېنى تەسىرلەندۈرگىدەك بىرەر يازما چىقمايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. بۇگۈن بۇنچىۋالا ئېسىل، ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان يازما بىلەن ئۇچرىشىشىم ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمەپتىكەن!

2. يازما ئاپتورى، سىز ماڭا ﻏﻮﺟﺎﻣﻨﯩﯔ ﻏﻮﺟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ، ﭼﺎﻣﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ دېگەن ھەقىقەتنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردىڭىز!!!!

3. مەيلى قانچىلىك گۈزەل ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشىمدىن قەتئىينەزەر، بۇ يازمىنىڭ ئېسىللىقىنى سۈپەتلەشكە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن،بۇنداق يارقىن يازمىنىڭ ئالدىدا ھەممىسى شۇ قەدەر خۇنۇك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا مېنىڭ دېمەكچى بولغۇنۇم: يازما يوللىغۇچى، ماقالىڭىز بەك ئېسىلكەن، مەن پۈتۈن ئۆمرۈمنى سىزنىڭ ماقالىڭىزنى كۆرۈشكە بېغىشلاشقا رازىمەن!

4. بۇ يازمىنىڭ قۇرۇلمىسى يېڭىچە، تېمىسى ئۆزگىچە، ئابزاسلىرى سۈزۈك، ۋەقەلىكى تۈزۈك، راۋاجلىرى ماسلاشقان، باش-ئاخىرى باغلاشقان، ئاددىلىقنىڭ ئىچىدە مۇرەككەپلىك، تىراگىدىيىنىڭ ئىچىدە كومىدىيە تولغان ئىكەن. يىغىپ ئېيتقاندا ھەربىر سۆزى دۇردانە، ھەربىر جۈملىسى يېگانە بولۇپ، بىز دېمەتلىكلەرنىڭ ئېسىل ئۆگىنىش دەستۇرى ئىكەن!

5. مەن ئەسلىدە بۇ بلوگدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدىم، ئۇنىڭ ھېچقانداق تەرەققىيات ئىستىقبالى قالمىدى دەپ قاراپ، قەلبىم قايغۇ-ھەسرەتكە لىققىدە تولغان ئىدى. ئەمما سىزنىڭ يېڭى يازمىڭىز ماڭا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى! ئۆچكەن ئۈمىد شاملىرىمنى گۈلخان قىلىپ ياندۇردى. سىز مېنىڭ ئۆلگەن كۆڭلۈمنى تىرىلدۈردىڭىز! مۇزلاپ قېتىپ كەتكەن يۈرىكىمنى ۋولقان كەبى يالقۇنلاتتىڭىز!

6. ئاھ! يۈز يىلدىمۇ بىر ئۇچرىمايدىغان ئېسىل يازما! مۇشۇ قىسقىغىنا ئۆمرۈمدە مۇشۇنداق ئېسىل يازما بىلەن ئۇچراتقان تەڭرىمگە رەھمەت!

7. بەلكىم بۇندىن كېيىن يازمىلىرىڭىزنى كۆرەلمەسلىكىم مۈمكىن، بۇ ئىنكاسىم مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىنكاسىم بولىشى مۈمكىن، چۈنكى بۇنىڭدىن كېيىن تورغا چىقالماسلىقىم مۈمكىن. بىراق بۇگۈن بۇ يازمىغا ئىنكاس يېزىۋالدىم. بۇ بىر ئۆمرۈم بىكارغا ئۆتمەپتۇ، ئەمدى بىر ئۆمۈر باشقا ئارمىنىم يوق!

8. بۇ يازمىنى ۋە باھالارنى كۆرۈپ يىغلىۋەتتىم!!!!!
كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل پاراسىتى بىلەن مېنىڭ دۆتلىكىم نەقەدەر ئوچۇق سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان ھە!!! سىلەرنىڭ يازما ۋە باھالىرىڭلار ماڭا يېڭى ھاياتلىق ئاتا قىلدى! تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمدىن رەڭگارەڭ نۇرلار چاقناپ، سانسىزلىغان بىسلىق خەنجەرلەر ۋۇجۇدۇمغا تەگدى… مەن ئاستا-ئاستا كۆزۈمنى ئاچتىم، روھىم ئويغانماقتا!!!!!!

مەنبە: ئىزدىنىشتىن سۈزۈك تەرجىمىسى

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 13 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. سندىبات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇشبۇ يازمىنى پەش چېكىتلىرىگىچە تەپسىلىي كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، خېلىغىچە ئۆزۈمنى تېنچلاندۇرالمىدىم. سىلكىنىش! غايەت زور سىلكىنىش! قانداقسىگە بۇ دەرىجىدە ئېسىل يازما بولىدىغاندۇ! تور ئارىلاپ يۈرگەن تالاي يىللاردىن بېرى، مېنى تەسىرلەندۈرگىدەك بىرەر يازما چىقمايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. بۇگۈن بۇنچىۋالا ئېسىل، ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان يازما بىلەن ئۇچرىشىشىم ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمەپتىكەن

  2. دولقۇن731 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاھ! يۈز يىلدىمۇ بىر ئۇچرىمايدىغان ئېسىل يازما! مۇشۇ قىسقىغىنا ئۆمرۈمدە مۇشۇنداق ئېسىل يازما بىلەن ئۇچراتقان تەڭرىمگە رەھمەت!

  3. يۈكسەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېسىت ! نەچچە يىلدىن بېرى توردا ئۇنى بۇنى يېزىپ يۈرگەنلىرىم ، شۇنچە يازغان تېمىلىرىمغا يۇقىرىقى تېمىدا تىلغا ئېلىنغاندەك ئىنكاسلاردىن بىرەر قۇر ياكى بىرەر يېرىم جۈملە ئىنكاس چۈشكەن بولسىمۇ نېمە دەي ! … :???: :???: :???:

    • روھچىن :

      ھەسرەتلەنمىسىلە ! شۇنداق ئىنكاستىن بىرنى يازايكى كىرىپلا قالغانلار ئەلۋىدا ! دەپلا داڭڭىدە چۈشكەي ! ئۈزىنىڭ نىمە ئىش قىلغىنىنى بىلەلمەي مەس-ئەلەس يۈرگەي !

  4. ئۇيغۇرباي : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەققىقەتەن ئسىل ، مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانسسى ،شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسسنىڭ ئالتۇن ۋاقىتلىرىدا ،نوپۇزلۇق گىزىت-ژۇرناللارنىڭ باش بىتىدە ئىلان قىلغۇدەك تىما ئىكەن ،ئىسىل مەر-مەر تاشقا ئويدۇرۇپ ئۆيدە ساقلاپ قويغۇدەك تىما ئىكەن. زامانىمىزدىكى داڭلىق شەخىسلەرنى يىغىپ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقۇدەك ئىسىل يازما ئىكەن

  5. روھچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇشبۇ يازمىنى ئۇقۇۋېتىپ ئۈزۈمنىڭ ئەس-ھۇشىدىن ئايرىلىپ قالدىم .ۋاراڭ-چۇرۇڭلار ئارىسدا ئاستا كۈزۈم يۇمۇلدى . . . ئاھ خۇدا ! ھۇشۇمغا كىلىپ شۇنى بىلدىمكى ئېغىلدىكى 9 ئايلىق بولغان ئىشىگىمنىڭ بۇيىدىن ئاجراپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ ؟ھاۋاداننى ئېتىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن . :twisted:

  6. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇشبۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ ئۆزۈمنى دۇنيادا يېڭىدىن ئاپىرىدە بولغاندەك ھىس قىلدىم،قەلەم قۇۋۋىتىڭىزدىكى كارامەتتىن ئەس-ھوشۇمنى يوقىتىپ ئۈستىدىكى ئىنكاسلاردىن ۋۇجۇدۇم تالقان بولدى،ئىھ كارامەتلىك ئەۋلىيا ئەزەم،كېلىپ بۇ ئىنكاسىمغا نەزەر تاشلىسىلىكىن،ئۆزۈمنى كاتتا بەخىتلىك ھىس قىلار بولغىيتىم!

  7. باي دادام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭكىدە دائىملا شۇنداق باھا ، شۇنداق باھالاردىن زىرىكىپلا يۈرۈيمەنغۇ تاڭ؟ شۇڭلاشقىمۇ تولىسىنى ئۈچۈرۋەتتىم .
    ئىشەنمىسىڭىز بېرىپ كۈرۈپ بېقىڭ . سىزمۇ ھەقاچان شۇنداق باھالارنى بىرىسىز .

  8. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋوجون،ماندا گەپ بوسا ئوقاپ قويىلى ھە، زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش دىگەن نىمە؟ دەل مانا مۇشۇ… دەۋىرنى تورغا يۈزلەندۈرۈش، ئۇچۇر بىلەن بىللە ئىلگىرلەش،21-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ نىشان جۇمۇسلا… :evil:

  9. بۆرەئوغلى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن،بۇ يازمىڭىز نوبىل توريازمىللىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى!!بۇ يازمىڭىزنى يەنە دۇنيا توريازما قامۇسىغا كىرگۈزىشنى دەسلەپكە قەدەمدە تەكشۈرۈپ بېكىتتۇق…(تور ئاسمىنىدا 99دانە سالىيوت ۋە ئىككىدانە يادىرو بومبىسى ئارقا-ئارقىدىن قويۇپ بېرىلدى)

  10. مىسران : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنىڭ خەنزۇچىسى كۆرگەندە شۇ يەردە خېلى ئۇزۇن كۈلگەن…..

  11. خالىد : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىسىت ئىسىت مەن تورنى چۈشەنگەن بۇ قىسقىغىنە 3 يىل ئىچىدەبۇ يازمىدەك ئىسىل يازمىدىن بىرەرنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم ، ئاھ …. ئۆلۈپ كەتسەممۇ رازى مەن ئەمدى ….. :!:

 汗