كىچىك Flash ئويۇن – يا ئوقى ئارقىلىق ئۆلۈم ئالدىدىكى كىشىلەرنى قۇتقۇزىۋېلىش
بىر دانە ھېچقانچە كۆپ تېخنىكىلىق قىيىنچىلىق بولمىغان ناھايىتى كۆڭۈللۈك Flash ئويۇن. سىز پەقەت يا ئوقىنى بەلگىلەنگەن يۆنىلىكە توغرىلاپ، كۈچنى مۇۋاپىق كونترول قىلىپ قويۇپ بەرسىڭىزلا بولدى، ئېسىڭىزدە بولسۇن، دارغا ئېسىلغان كىشىلەرنىڭ نەپسىمۇ بارغانسىرى قىيىنلىشىپ، بارا-بارا ئۆلۈم گىرداۋىغا يېقىنلاپ بارىدۇ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ۋە ئەڭ مۇۋاپىق ھالەتتە يا ئوقى ئارقىلىق دارنىڭ ئارغامچىسىنى ئۈزۈپ بۇ كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشىڭىز كېرەك، چۈنكى سىز بۇ ئويۇندىكى «قۇتقازغۇچى» بولۇپ ھېسابلىنىسىز…
يا ئوقىنى دەل ۋە ئۆلچەملىك ئېتىپ چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىڭ، ناۋادا خاتا تەككۈزۈپ سالسىڭىز، ئۇ ھالدا ئۇ كىشىلەرنىڭ جېنىنى داردىن بۇرۇن ئېلىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. ئويۇن ئۆتكەل ئاتلاش تىپىدىكى ئويۇنغا تەۋە بولۇپ، مەن ئويناپ خېلى بىر يەرگە كېلىپ بولدۇم، قېنى تورخۇمار دوستلار قانچىلىك ئادەمنىڭ جېنىنى قۇتقۇزالايدىكىن؟!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Flash،ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,155 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: gibbets.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > قىسقا كارتون – نەس باسقان يېڭى شوپۇر
- كېيىنكى يازما > YouTube نىڭ ئىشخانا مۇھىتى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى
مەن ئاران 21گىچە تۈگەتتم ئادەمنى خۇمار قىلپ قويدكەن
27-مەيدانغا چىقتىم ، ئىچىم سىقىلىپ كەەتتى
ئاخىرى ئويناپ تۈگەتتىم بۇ 52 قىسىمنى
54قىسىم ئىكەنغۇ جەمئى