نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما كۆرۈش

魂斗罗 تۇيغۇسىدىكى تانكا ئۇرۇشى ئويۇنىنى چۈشۈرۈش – Normal Tanks

魂斗罗 نەشىرىدىكى تانكا ئۇرۇشى ئويۇنىنى چۈشۈرۈش - Normal Tanks

Normal Tanks بولسا بىر تۈرلۈك 2D ئۆلچەمدىكى تانكا ئۇرۇشى ئويۇنى، Normal Tanks نىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىن، ئەنئەنىۋى تانكا ئۇرۇشى ئويۇنىدىكى نۇرغۇن تونۇش سايىلەرنى بايقاش تەس ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئويۇننىڭ ئويناش ئۇسۇلى Contra – 魂斗罗 ئويۇنى بىلەن زىچ بىرىكتۈرىۋېتىلگەن، ئۈنۈمىنى قالتىس دېيىشكە بولىدۇ. بۇ 2010-يىللىق مۇستەققىل ئويۇن بايرىمى(Independent Games Festival)دا ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتى سۈپىتىدە مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى…

ئويۇندا كۆپ خىل قوراللارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆرۈنمە يۈزىمۇ ئىنتايىن قالتىس!! جەمئىي 8 چوڭ ئۆتكەل، 3 قىيىن نۇقتا، 30 خىل دۈشمەن تىپى قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن، باشقا جايلىرىنى ئويناپ كۆرۈپ بېقىش ئارقىلىق بىۋاستە سېزىمگە ئىگە بولىۋالغىلى بولىدۇ.

مەشغۇلات ئۇسۇلى:
WASD ئارقىلىق يۆنىلىش كونترول قىلىنىدۇ، مائۇس سول كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئوق ئاتقىلى، ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق قورال ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، Insert، Delect، HomeEnd، PageUp، PageDown قاتارلىق كۇنۇپكىلار ئارقىلىق ھەرخىل ئاۋاز يولىنى يۇقىرىلىتىشقا ۋە تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئويۇننىڭ يېشىش يامىقى ئاستىدا تەمىنلەنگەن، چۈشۈرۈپ ئويۇن قاچىلىغانغان ھۆججەت قىسقۇچقا يېيىۋەتسەكلا كۇپايە.

NomalTanks نى چۈشۈرۈش | مەنبەسى: torhumar.com | يېشىش يامىقى

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 7 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
  • ھالقىلىق ســــۆز:
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 332 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 18-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: normal-tanks.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. uyghurbeg : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر ئويناپلا ئىچىگە كىرىپلا كەتتىم،ئادەمنى تورخۇمار قىپ قويدىڭىز زادى! :arrow:

    • uyghurbeg :

      ئاۋۇ ئۇيۇننىڭ ئۈچۈنچى مەيدانىدىن كىيىن ‹‹پۇل تۆلەڭ!››دەپ چىقىدىكەن…

    • torhumar :

      http://junepy.blogbus.com/files/12514326840.zip
      ماۋۇنى چۈشۈرۈپ ئويۇن قاچىلىغان ھۆججەتخانىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ يېشىپ كۆرۈپ بېقىڭە، ئۈنۈمى بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ، ئەسلى يازمىغا قوشۇپ قوياي.

    • uyghurbeg :

      ئۈنۈمى بولدى…

  2. سندىبات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندە ھەقسىز نۇسقىسى بار ئىدى!

  3. دەرۋىش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    5-مەيداندىن كىيىن بىر نۇمۇر يىزىڭ دەپ چىقىۋالدىغۇ ؟

    • torhumar :

      يېشىش يامىقى قوشۇپ قويۇلدى، يازما ئاستىدىكى ئۇلانمىدىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

 汗