腾讯 نىڭ يېڭى مەھسۇلاتى WebQQ 2.0 – يېڭى بىر ئەۋلاد WebOS
يېقىندا 腾讯 شىركىتى يېڭى بىر ئەۋلاد WebQQ مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان WebQQ 2.0 دە 腾讯 نىڭ ئاساسەن بارلىق مۇلازىمەتلىرى بىرىكتۈرىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ ئەسلىدىكى ئاددى ھالدىكى WebQQ ئەمەس ئىدى، بۇ مۇلازىمەتلەر ئىچىدە ئىزدىگۈچ، توركۆرگۈ، WebQQ، مۇزىكا، ئېلخەت، مىكرو بلوگ، كىرگۈزگۈچ قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلغان بولۇپ، تورغا يۆتكەلگەن مەشغۇلات سىستىمىسى(WebOS)نىڭ دەسلەپكى گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغان ئىدى…
بەلكىم سىز توركۆرگۈ يۈزىدە F11 كۇنۇپكىسىنى باسقان چېغىڭىزدا ئاندىن مەلۇم نەرسىلەرنى ھېس قىلىشىڭىز، WebQQ2.0 نىڭ ھەرگىزمۇ ئاددى ھالدىكى پاراڭلىشىش قورالى ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ بىر مۇكەممەل ھالدىكى Web مەشغۇلات سېستىمىسى يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭغانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. سىز بۇ تور مەشغۇلات سېستىمىسىدا ھەرخىل مۇلازىمەتلەر ئارقىلىق ئۆز ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرسىڭىز بولىدۇ. بۇ قېتىم Google نىڭ ChromeOS مەشغۇلات سېستىمىسى بازارغا سېلىنماي تۇرۇپلا، 腾讯 يېڭى بىر ئەۋلاد تور مەشغۇلات سېستىمىسى ئۇقۇمىنى بىزگە تاشلاپ بەردى، ئەمدى بۇنىڭدىن قانداق پايلىنىش، قانداق تەرەققى قىلدۇرۇش پۈتۈنلەي بىزگە باغلىق.
ئەلۋەتتە WebQQ 2.0 غا ئوخشاش بۇ خىل توردىكى مەشغۇلات سۇپىلىرىنىڭ ئىستىقبالىنى ئىنتايىن پارلاق دەپ ئويلايمەن، 腾讯 نىڭ بۇ مەھسۇلاتىنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە يەنىلا تورداشلار بىلەن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ بېقىشنى بەكمۇ خالايمەن.
WebQQ 2.0 نىڭ مەنزىلى | مەنبەسى: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [QQ دۇنياسى]
- ھالقىلىق ســــۆز: QQ,WebOS
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 573 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: webqq2-webos.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > خاككېرلار ئەسلىدە ئويۇننى مۇنداق ئوينايدىكەن
- كېيىنكى يازما > ھەقىقى 魂斗罗 ئۇستىسى – پۈتكۈل ئۆتكەلنى بىرمۇ دۈشمەن ئۆلتۈرمەي تۈگىتىش!!!
ubuntu سېستىمىسىنى ئىشلىتىۋاتاتتىم،پەمىمچە بۇ يېڭى مەھسۇلات مېنىڭ QQ ھاجىتىدىن تولۇق چىققۇدەك…
بۇ كۆچۈرمىچىلەرنىڭ يەنە قانداق ھېيلىلەر بىلەن كىشىلەر كۆزىنى بوياپ يۈرىۋاتقانلىقى ماڭا ئايان، شۇڭا تېڭشۈننى تازا بەك قوللاپ كەتمەيمەن. ئۇلاردا ئىجادچانلىق يوق، دورامچىلىقلا بار. قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ ئۇلارنىڭ
مەنمۇ سىزدەك ئويلايمەن، ئۆتكەن قېتىم بىرى «تېڭشۇن يېڭىلىق يارتىشنى بىلمەيدۇ» دىسە ، بىرسى قوپۇپ« يېڭىلىق يارتاي دىسەڭ جوڭگۇدىن چىكەت» دەپتىكەن،
ھازىر قارىشىڭىزمۇ جۇڭگۇدا يېڭىلىق ياراتقانلارغا تېڭشۇن كۈن بەرمەيۋاتىدۇ
دوراشنى قاملاشتۇرۇشمۇ بىر ھۆنەر