نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > QQ دۇنياسى, چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما كۆرۈش

腾讯 شىركىتىنىڭ تور نامى – QQ.com ھەققىدىكى ھېكايەت

腾讯 شىركىتىنىڭ QQ.com تور نامى ھەققىدىكى ھېكايەت

QQ ھازىر ھەر بىر كىشىنىڭ كۈندىلىك تور مەشغۇلاتىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل قورال بولۇپ قالدى، ئەلۋەتتە 腾讯 شىركىتىنىڭ QQ نى بۇنچىلىك دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرالىشى ۋە غەلبە قازىنىشى ئارقىسىغا, نۇرغۇن ھېكايىلەر ۋە قىسمەتلەر يوشۇرۇنغان. تۆۋەندىكىسى ئەينى يىللىرىدا بولۇپ ئۆتكەن QQ تور نامى توغرىسىدىكى ھېكايەت بولۇپ، توردىكى ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىپ يوللاندى، كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇماڭ.

بالدۇرقى يىللاردا 腾讯 شىركىتى ئىشلەتكەن ماركا OICQ دېگەن ماركا بولۇپ، توردا تىزىملاتقان تور نامى oicq.com ۋە oicq.net ئىدى، icq نىڭ خەنچىلەشتۈرۈلگەن نۇسخىسى بولۇپ سۈپىتى بىلەن، 腾讯شىركىتى OICQ نى باشقا بارلىق ئالاقە-پاراڭلىشىش قوراللىرى(IM)غا قارىغاندا، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ۋە ياقتۇرىشىغا ماس كېلىدۇ دەپ قارايتى.

QQ نىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاق ياقىلىق زىيالىيلارنىڭ ئارىسىدا تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشى، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا رىقابەتچىلىرىنى بىر-بىرلەپ مەغلۇب قىلىپ، باش ئېگىشكە مەجبۇر قىلدى. 1999-يىلى 11-ئايدا، يەنى QQ بازارغا سېلىنىپ ئونىنچى ئاي بولغاندا، تىزىملاتقۇچىلار ئاللىقاچان بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنى 马化腾 ئەزەلدىن خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى.

ئەينى يىللىرى QQ غا تىزىملاتقۇچىلار خۇددى بالدۇر پىلەكلىگەن ئوت-چۆپتەك بارا-بارا ئېشىپ بېرىۋاتقان چاغدا، 马化腾 ۋە ئۇنىڭ 腾讯 شىركىتى ئىككى پارچە كونۋېرت تاپشۇرىۋالدى. 1999-يىلى 8-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان قىسقىنە 10 نەچچە كۈن ئىچىدە، ICQ يۇمشاق دېتالى ۋە icq.com تور نامىنى سېتىۋالغان ئامېرىكا لىنىيەسى ئالدى كەينى بولۇپ، 腾讯 شىركىتىگە ئىككى پارچە سۆز-جۈملىلىرى ئىنتايىن جايىدا ئىشلىتىلگەن، ئەمما ناھايىتى كەسكىن يېزىلغان ئەرز خېتى ئەۋەتتى. خەتتە دېيىلىشىچە، 腾讯 شىركىتى 1999-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى تىزىملاتقان oicq.com تورنامى ۋە 1998-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى تىزىملاتقان oicq.net تورنامى، ئۇلارنىڭ ئەقلى-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلىق بولۇپ، 腾讯 شىركىتى چوقۇم بۇ ئىككى تورنامنى ئۇلارغا ھەقسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك ئىكەن.

بۇ چاغدا 马化腾 بىرىنچى كونۋېرتنى كۆرگەن چاغدا، پەقەت بىر ئاددىيلا ئىزاھات ئوخشايدۇ دەپ قارايدۇ ۋە كارى بولمايدۇ. كۈچلۈك كارخانا AOL غا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 马化腾 ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر IDG نى ئىزدەپ بارىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئادۋوكات تېپىپ بۇ دەۋادا يېڭىپ چىقىشىغا ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنىدۇ.

ئويلىمىغان يەردىن، بۇ بىر قېتىملىق قىلچە تەشۋىشسىز دەپ قارالغان دەۋادا 腾讯 شىركىتى ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ. 2000-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قانۇنىي ھۆججەتلەر رەسمى كۈچكە ئىگە بولىدۇ ۋە كېسىم قىلغۇچى James كېسىمنامىگە ئۆز قولى بىلەن ئىمزا قويۇپ، 腾讯 شىركىتىنى oicq.com ۋە oicq.net تىن ئىبارەت بۇ ئىككى تورنامنى ئامېرىكا لىنىيەسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ.

بىر نەچچە يىللىق ئەجرىنىڭ كۆز-ئالدىدا يوققا چىقىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن 腾讯 شىركىتى، بىرىنچى قېتىملىق ئەرز قىلىنىش كەچۈرمىشىنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ. 马化腾 ئامالسىز ۋاقتىنچە يېڭى تورنام tencent.com ۋە tencent.net نى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ. شۇ ئىشتىن كېيىن ساق ئىككى يىلغىچە 腾讯 شىركىتى tencent.com دېگەن تورنامنى ئاساسلىق كىرىش ئىشىكى قىلىپ بېكىتىپ ئىشلىتىدۇ.

2003-يىلى، 腾讯 شىركىتى ئەرز قىلغان qq.com.cn ۋە qq.cn دىن ئىبارەت ئىككى تورنام ماجراسىدا، 腾讯 يەنە بىر قېتىم ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ. oicq.com,oicq.net,qq.com.cn,qq.cn قاتارلىق تور ناملىرىنىڭ ئۆزىدىن بارا-بارا يىراقلىشىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرغان 腾讯 شىركىتى، ئەقلى-مۈلۈك ھوقۇقى ئالدىدا قايتا-قايتا پۈكلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا، 腾讯 شىركىتى qq.com تور نامىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ، چۈنكى بۇ ئەڭ ئاخىرقى پۇتنى قويالىغۇدەك جاي ئىدى، ئۇنداقتا qq.com نەگە كەتتى؟ QQ ماركىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق تورناملىرىدىن ئايرىلغان 腾讯 زادى qq.com نى سېتىۋېلىشى كېرەكمۇ ياكى QQ ماركىسىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكمۇ؟ مەيلى قانداقلا قىلمىسۇن، بۇنىڭ ئۈچۈن 腾讯 ناھايىتى زور بەدەل تۆلىشى كېرەك ئىدى.

دەل مۇشۇ چاغدا، 腾讯 گە نىسبەتەن ئورنىدىن دەس تۇرالايدىغان، ئەمما ئۈستىدىن ناھايىتى زور بىر تاغ بېسىپ تۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان بىر خەۋەر يېتىپ كېلىدۇ. ئەسلىدە 1995-يىلى 5-ئايدا، ئامېرىكا ئىداخو شىتاتى بويسى شەھىرىدىكى روبېرت ئىسىملىك بىر نەپەر يۇمشاق دېتال ئېنژېنىرى، qq.com دېگەن بۇ تورنامنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بىراق ئۇ چاغلاردا ICQ تېخى دۇنياغا كەلمىگەن، 马化腾 شىركىتىنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن جېنىنى تىكىپ ئىشلەۋاتقان چاغلار بولغاچ، ھەم بۇ تورنامنىڭ ئالاقە-پاراڭلىشىش قوراللىرى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغاچ، روبېرت بۇ تور نامنى شەخسى كىنو-فىلىم سەنئىتى تور بېكىتى ئورنىدا ئىشلەتكەن ئىكەن. كېيىن، روبېرت يۇمشاق دېتال ئېنژېنىرلىقىدىن ئىبارەت بۇ كەسىپتىن قول ئۈزۈپ، سودا مەسلىھەتچىسى بولغان، ئۇنىڭ بۇ تور بېكەتنى باشقۇرىدىغان ئانچە كۆپ ۋاقتى بولمىغاچقا، تور بېكەتنى تاقىۋەتكەن ۋە qq.com دىن ئىبارەت بۇ تورنامنى دۆلەت سىرتىدىكى تالاشتۇرۇپ سېتىش تور بېكىتىگە قويۇپ قويغان، بىراق 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا، بۇ تورنامنى خېلى ئۇزۇنغىچە بېسىلىپ يېتىشقا مەجبۇر قىلىپ قويغان.

بەلكىم خېلى ئۇزۇنغىچە بۇ تورنامنى ئىزدەپ سورايدىغانلار چىقمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، روبېرتمۇ بۇ ئىسىمنىڭ ئېلىپ كېلەلەيدىغان پايدا قىممىتىنى كۆڭلىدە سەل تۆۋەنرەك مۆلچەرلەشكە باشلىغان. دەل مۇشۇ چاغدا 腾讯 شىركىتى بۇ ئىشقا قول سالغان، بۇدا 腾讯 شىركىتى ناھايىتى زور بىر پايدىغا ئېرىشكەن. يەنى 腾讯 شىركىتى بۇدا چەتئەلدىكى بۇ تورنام سودىسى قىلىدىغان تور بېكەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بىۋاستىلا روبېرتنىڭ ئۆزىنى ئىزدىگەن، بىراق 2 مىليون دوللارلىق باھا يەنىلا 马化腾 نى بىئارام قىلىپ قويغان. بۇ چاغدا 腾讯 شىركىتىدىكى 网大为 روبېرتقا بىر پارچە ئېلخەت يوللىغان ۋە ئېلخەت مەزمۇنىدا، ئۆزىنىڭ بىر شەخسى تور بېكەت قۇرماقچى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ تورنامنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى، روبېرتنىڭ بۇ تور نامنى ساتقۇسى بار-يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئارقىدىن 网大为 روبېرتنىڭ بۇ ئىشقا قوشۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر پارچە ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالغان. ئارقىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا باھا مەسىلىسىنى كېڭىشكەن، خېلى ئۇزۇن ساقلىغان بولسىمۇ، qq.com دىن ئىبارەت بۇ تورنامنى قولدىن چىقىرالمىغان روبېرت، بۇدا باھانى خېلى تۆۋەنلەتكەن ۋە 腾讯 شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ھەيران قالغۇدەك بىر باھانى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەڭ ئاخىرقى باھا 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىلىپ بېكىتىلگەن، ئادۋوكات ھەققى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ، بۇ ئىشقا جەمئىي 110 مىڭ دوللار خەجلەنگەن.

شۇنىڭ بىلەن 2003-يىلى 3-ئايدا، 腾讯 شىركىتى ئاخىرى چوڭ بىر ئولجىنى قولغا چۈشۈرگەن، پەقەت 110 مىڭ دوللارلىق ئەرزان سەرپىيات بىلەنلا، QQ.COM دىن ئىبارەت بۇ تور نامنى قولغا چۈشۈرگەن.

بىر قاتار تورنام دەۋالىرى جەريانىدا، 腾讯 بۇدا qq.com دىن ئىبارەت تورنامىنى ئاخىرى قولغا چۈشۈرۈپ، پۇت دەسسەپ تۇرغۇدەك بىر جايغا ئىگە بولغان. ئاز جاپا تارتمىغان 马化腾 شۇنىڭدىن باشلاپ ئوخشاش خاتالىقنى قايتا سادىر قىلماسلىققا نىيەت قىلغان، ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇ بۇ ئىشتىن كېيىن قانۇننى قورال قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقلى-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋالغان.

via william | مەنبە: torhumar.com

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 6 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. مۇرادىل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇڭا ماۋۇ باللارنىڭ ئادەتتىكى تور ناملىرىنىمۇ 10000 دەپ باھا قۇيۋېلىشى بىكار ئەمەسكەندە..

  2. uyghurbeg : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىزنىڭ ياتاقدىن بۇ شىركەتنىڭ بىناسىنى كۆرگىلى بولىدۇ،ياستۇقنى قىرلاپ يېتىشىپ،ياتاقداش خەنلەربىلەن نەچچە يىلدىن كىيىن شۇ يەردە خىزمەتداش بولۇپ قالساق دىيىشىپ كېتىمىز…

  3. uyghurbeg : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمما بۇ كاساپەتنىڭ ‹‹ئوخشىتىپ››ياساش ئىقتىدارىغا ھىچكىم تەڭ كېلەلەمەيدۇدە!

  4. دولقۇن731 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گىرمانىيدە ئوقۇپ گېرمانلارنىڭ پاراڭلىشىش قورالىنى جۇڭگۇغا ئېلىپ كېلىپ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپلا مانا ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇقتا جۇڭگۇلۇقنىڭ پۇلىنى تېپىپ ئۆزىنى چەتئەللىك بايلار بىلەن سېلىشتۇردىغان بايۋەتچى ئۇ – ما خۇا تېڭ دىگەن .

  5. كۇنۇپكا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن كيۇ كيۇ نومۇرۇمنى ئىلتىماس قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئىسمى tencent ئىدى.

  6. نامسىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەچچە مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان دەپ ئاڭلىغانتىم .يالغانكەندە ،ئاۋۇ چەتئەللىكنى يالغان گەپ بىلەنلا باپلىۋېتىپتۇ.

 汗