QQ2010 SP3.1 رەسمى نەشىرىنى چۈشۈرۈش | ئورتاق دوستلار سانىنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان
QQ2010 SP3.1 رەسمى نەشىرى ئېلان قىلىندى! بۇدا 腾讯 شىركىتى ئۆزىنىڭ غوللۇق مەھسۇلاتى QQ غا يەنە ئاز-تولا كىچىك ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزگەن، مەسىلەن، يېڭىچە QQ دەرىجە كۆرسەتكۈچى، دوستقا قوشۇش ئىلتىماسى تاپشۇرىۋالغاندا، قارشى تەرەپنىڭ بىزنىڭ QQ نومۇرىمىزنى قايسى ئۇسۇلدا تاپقانلىقى ۋە قارشى تەرەپ بىلەن ئورتاق QQ دوستىمىزنىڭ سانى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش ئىقتىدارلىرى قوشۇلغان.
بۇنىڭدىن باشقا QQ ئىگىلىگەن ئەخلەتلەرنى، مەسىلەن QQ ئىشلىتىش جەريانىدا يىغىلغان رەسىم، ئەخلەت ھۆججەتلەرنى تازىلاش ئارقىلىق قاتتىق دېسكا بوشلۇقىنى تېجەش قاتارلىق ئىقتىدارلار سەپلەنگەن، باشقا تەپسىلىي ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلىشقا بولىدۇ.
نۆۋەتتىكى QQ نى ئەڭ يېڭى QQ2010 SP3.1 رەسمى نەشىرىگە كۆتۈرۈش:
QQ2010 دىكى سول تەرەپ ئاستى بۇرجەكتىكى پىنگىۋېننى باسىمىز ھەمدە تىزىملىكتىن 帮助 نىڭ ئىچىدىن 在线升级 نى بېسىپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرسەك بولىدۇ ياكى تۆۋەندىكى چۈشۈرۈش ئادرېسىدىن بىۋاستە چۈشۈرۈپ قاچىلىساقمۇ بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
QQ2010 SP3.1 رەسمى نەشىرىنى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [QQ دۇنياسى]
- ھالقىلىق ســــۆز: QQ,ئالاقە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 610 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: qq2010.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > ئامېرىكا پرىزدېنتى باراك ئوباما(Barack obama) بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خاپا بولۇپ قالدى…
- كېيىنكى يازما > Win7 دىكى كامېرا – Windows 7 دە كامېرا(摄像头) ئايكونىنى كۆرسىتىش
تۆر ماڭا كەپتۇدە ئەمدى …
توۋا خۇدايىم، تۆرىدە ئولتۇرۇۋالامەن دەپ ساقلاپ تۇرۇپ كىرىسەم….. ھەي ھەي ، بولدىلا يەنىلا چوڭلادىن كەلسۇن.
بۇ بەلكىم يېڭىلىنىشنىڭ باشلىنىشى مۇمكىن ، 360 بىلەن بولغان كۆرەشتىن كىيىن تېڭشۈن ئۆزىنىڭ تېخىنىكىسىنىڭ ئاجىز كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدى
بارغانسىرى مۇكەممەللىشىپ بېرىۋاتىدا!
قىنى ئىشلىتىپ باقىلى بۇ sp3 لەرنىمۇ!
Chorome دا ئەجەب بىر قىسما كۆرۈنىدۇيا ماۋۇ؟ فونت ئۆزگىرىپ كەتمىگەندۇ ھە؟
http://www.imagecheese.com/gallery/t.png
نۆۋەتتە Chrome بىۋاستە فونت ياكى eot ئارقىلىق كۆرۈشنى قوللىمايدۇ، رەسىمگە قارىغاندا ئۇيغۇرچە فونتنى UKIJ TUZ TOM دىن تارتىپ ئىشلەتكەن ئوخشايدۇ.