كەينىڭىزدىن ئەگىشىپلا يۈرۈيدىغان مۇنداق سافا بولسا ھەرگىز ھېرىپ قالمايسىز!
بۇ بىر ماشىنا ئادەم شەكلىدىكى سافا بولۇپ، ناۋادا سىز بۇ سافانى شەكىل ئۆزگەرتەلەيدۇ دەپ قارىغان بولسىڭىز خاتالىشىسىز، بىراق بۇ سافا شەكىل ئۆزگەرتىشتىنمۇ قالتىس ئىشلارنى قىلالايدۇ، قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ سافانىڭ كارامىتىنى كۆرۈپ باقايلى.
بۇ يەردىكى سافا كۈتۈپخانىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالاھىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، RFID بەلگىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ماس كارتىسىغا ئۇچۇر چاپلىنىدۇ، ناۋادا كارتا سافانىڭ بەلگىلەنگەن سېزىمچان رايونىغا سۈركىلىپ ئاكتىپلانسا(ئادەتتە بىز بانكا كارتىسىنى سۈركەپ مال سېتىۋالغانغا ئوخشاش)، سافا ئۆزلىكىدىن قوزغىلىپ ھەرىكەتكە كېلىشكە باشلايدۇ. سىز كۈتۈپخانىدا ئۆزىڭىزگە ماس كىتابنى ئىزدىمەكچى بولۇپ، ھەرقايسى كىتاب جازىلىرىنى ئايلانغان چېغىڭىزدا بۇ سافا سىزنىڭ كەينىڭىزدىن ئەگىشىپلا ماڭىدۇ، تاكى سىز ئۆزىڭىزگە لازىملىق كىتابنى تېپىپ بىر ئورۇندا توختىغان چاغدا ئۇمۇ سىزگە ئەگىشىپ شۇ جايىدىلا توختايدۇ، بۇ چاغدا سىز سافاغا ئولتۇرۇپ بىر تەرەپتىن كىتاب ئوقۇغاچ بىر تەرەپتىن ھوزۇرلانسىڭىز بولىدۇ. سىز كىتاۋىڭىزنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، پەقەت چىقىش ئىشىكى تەرەپكە ماڭسىڭىزلا بولدى، ئىشىككە يېقىن جايدا بىر گورزېنتال نۇر سىزىقى بولىدۇ، سافا بۇ سىزىققا يېقىنلاشقان چاغدا ئاپتوماتىك سىگنال قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۆزلىكىدىن سىز ئۇنى يېتىلەپ ماڭغان جايغا قايتىپ ئۆزىگە داۋاملىق توك تولۇقلايدۇ.
تۆۋەندىكى سىننى كۆرۈش ئارقىلىق بۇ سافانىڭ كارامىتىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلالىشىڭىز مۇمكىن، 10 نەچچە سافا بىر-بىرىنى قىستىماي تۇرۇپ ئۆچىرەت بويىچە مېڭىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: سافا، كۈتۈپخانا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,318 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 07-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: come-on-sofa.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > پۇل تاشلىغاندىلا ئاندىن توختاتقىلى بولىدىغان قوڭغۇراقلىق سائەت
- كېيىنكى يازما > بىر نەچچە خىل ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن ساپما كەش
- پەقەت ئالاھىدە كۆزەينەك تاقىغاندىلا مەزمۇنىنى كۆرگىلى بولىدىغان مەخپىيەتلىكنى قوغدايدىغان ئۆزگىچە ئېكران!
- ئەمەلىيەتتە ھېيتلىق پېچىنە-پرەنىكلەرنى Photoshop تىمۇ پىشۇرغىلى بولىدىكەن...
- يىل ئاخىرىدىكى گىگانت ئەسەر، «ھۆكۈمران ئۈزۈك» نىڭ قىسسىلىرىدىن بىرى بولغان «خوببىتلار» فىلىمىنىڭ تەشۋىق فىلىمى!
- Google Chrome - گۇگېلدىن كەلگەن دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز دەپ قارىلىۋاتقان تور كۆرگۈ!
- ئىككى Volvo نىڭ ئارىسىدا تۇرۇش دېگەن نىمە ئۇ؟! ئاكاڭ قارىغاي ئىككى ئايروپىلاننىڭ ئارىسىدا ئوينايدۇ!!
- ھېيتلىق تارقاتتۇق، كارىدورغا چىقىڭلار باللا!
- سىرلىق كىچىك سېھرىگەرلىك - مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان شاكىلات؟ بۇنىڭدىكى مەخپىيەتلىكنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟
- IE نىڭ يېڭى ئېلانى: ئاشۇ يىللاردىكى بىز كەمسىتكەن تور كۆرگۈ...
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- 15 دانە ئىنتايىن نەپس لايىھەلەنگەن Android پروگراممىلىرى ئايكون توپلىمى
نوچى ساپاكەن
سافالارنىڭ غوجىسى ئىكەن
ۋۇي نېمە بوپ كەتتى بۇ !!! كېيىن بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ھاجەتخانا ،بوسا ئۆيلىرىمىزمۇ كەينىمىزدىن ئەگىشىپ ماڭغۇدەكقۇ….. بۇ كۈنلەرگىمۇ ئاز قاپتۇ-دە ……
بۇمۇ بارلىققا كەپ بوپتۇ . يەنە نېمە ئىشلار قالغاندۇ
ئۇستىگە چىقىپ بولغاندىن كىيىنمۇ ماڭالىسا ھەقىقەتەن ياخشىدى !