پۇل تاشلىغاندىلا ئاندىن توختاتقىلى بولىدىغان قوڭغۇراقلىق سائەت
بۇ قوڭغۇراقلىق سائەت ياپوننىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى 500 سوم ئەتراپىدا، باھاسى سەل قىممەترەك، لازىملىق تورداشلار بولسا توردىن ئاختۇرۇپ باقسا بولىدۇ، تاۋباۋدا ئەسلى نۇسخىسى ياكى تەقلىدى نۇسخىلىرى بولۇشى مۇمكىن.
ئادەتتە كۆپىنچەيلەن ئەتتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغاندا مەخسۇس قوڭغۇراقلىق سائەتنى ۋاقىت بەلگىلەپ قويۇش ئارقىلىق ئەتىگىنى سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. BANCLOCK ناملىق بۇ قوڭغۇراقلىق سائەت قارىماققا ئادەتتىكى قوڭغۇراقلىق سائەت بولسىمۇ، بىراق باشقا قوڭغۇراقلىق سائەتلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ سائەت ۋاقىت توشقاندىن كېيىن سايراشنى باشلىغاندا، سىز توختىتىدىغان ھېچقانداق كۇنۇپكا تاپالمايسىز، بۇنى توختىتىشنىڭ بىردىنبىر ئامالى، سايراشقا باشلىغاندا ئۈستى تەرەپتىكى ئېغىزدىن بىر دانە تەڭگە تاشلاپ قويسىڭىزلا، ئۇ يۇۋاشلىق بىلەن سايراشتىن توختايدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇ سىزنىڭ ھەم ئەتىگەن سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەندۈرەلەيدۇ، ھەم سىز ئۈچۈن بىر قىسىم ئارتۇقچە پۇل يىغىپ بېرەلەيدۇ، بىر ھەپتىگە قالمايلا بىلىپ-بىلمەي بىرمۇنچە پۇل يىغىلىپ قالغانلىقىنى بايقىيالايسىز. ناۋادا سىز ئالدىنئالا تەڭگە پۇل تەييارلاشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، ئەڭ ياخشى چىداپ تۇرۇڭ، ئۇ 5 مىنۇت توختىماي سايرىغاندىن كېيىن ئاندىن توختايدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: پۇل يىغىش، سائەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 3,451 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 07-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: for-money-clock.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما >
- كېيىنكى يازما > كەينىڭىزدىن ئەگىشىپلا يۈرۈيدىغان مۇنداق سافا بولسا ھەرگىز ھېرىپ قالمايسىز!
بىرنى ئالسام كۇندە تاشلىسام مىڭ يۈەن بولسا بۇنىڭغا تەدبىركار ئەپەندىمگە دەپ توربەت ياساتسام ئو نىمە دىگەن پەيزى
ھەراس پۇلنى ئالغىلى بۇلامدۇ ياقمۇ
ئەڭ ياخشى ئامال:
تەڭگە پۇلنىڭ گىرۋىكى تەرەپتىن بىر تۆشۈك ئېچىپ، ئۇ يەردىن ئىنچىكە بىر سىمنى ئۆتكۈزۈپ، باغلاپ قويىسىز، سىمنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى سائەتنىڭ يېنىغا باغلاپ قويىسىز، سايراشتىن توختاتماقچى بولسىڭىز ھېلىقى تەڭگىنى سائەتنىڭ ئىچگە تاشلايسىز، سايراشتىن توختىغاندىن سىمنى تارتىپ تەڭگىنى سائەتتىن تارتىپ چىقىرىۋالىسىز…
ۋا بۇمۇ ياخشى ئامالكەن ،بىراق ھەر كۈنى تەڭگە ئىزدەپلا يۈرگىدەكمىزدە ؟ قەغەز پۇل سالىدىغىنى يوقما ؟؟؟