پەقەت ئالاھىدە كۆزەينەك تاقىغاندىلا مەزمۇنىنى كۆرگىلى بولىدىغان مەخپىيەتلىكنى قوغدايدىغان ئۆزگىچە ئېكران!
قانداق قىلغاندا ئېكراننى پەقەت ئۆزىمىز بىرلا ئادەم كۆرەلەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ؟ بىر دانە پوپايكا توقۇپ بېشىمىز بىلەن ئېكراننى قوشۇپ چۈمكىسەكچۇ؟ بۇ ئەلۋەتتە قاملاشمىغانلا بىر ئىش…
dimovi ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى ئارتۇقچە سۇيۇق كرىستاللىق ئېكراننى چۇۋۇپ ئېلىپ، ئازراق ئۆزگەرتىش قىلىپ قايتا قۇراشتۇرۇپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن پەقەت ئۆزىلا كۆرەلەيدىغان شەخسى مەخپىيەتلىكنى قوغدايدىغان ئېكراندىن بىرسى دۇنياغا كەلگەن.
تۆۋەندە تەپسىلىي ياسىلىش جەريانىنى كۆرۈپ باقايلى:
بىراق بۇ نەرسىنى ئىشلەتكەندە سەل دىققەت قىلىپ ئىشلەتكەن ياخشىكەن، ناۋادا بىرەر كومىدىيەلىك كىنو كۆرۈپ قالسىڭىز، ئۆزىڭىز يالغۇز ئاپپاق ئېكرانغا قاراپ ئولتۇرۇپ توختىماي كۈلسىڭىز، ئېنىقكى يېرىم سائەت ئىچىدە ئۆزىڭىزنى 4-دوختۇرخانىدا كۆرىسىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: diy,قالتىس,لايىھە,يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: diy-private-display.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > LEGO Life of Geroge – مەۋھۈملۈك بىلەن رېئاللىق بىرلەشتۈرۈلگەن ھەقىقىي مەنىدىكى ئويۇنچۇق!
- كېيىنكى يازما > Google بىكار بولسىلا ئىشخانا بېزەيدىغان ئوخشايدۇ، Google نىڭ يېڭى بېزىگەن ئىشخانىسىنى كۆرۈپ كېلەيلى!!
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
مىنىڭچە ، بۇنىڭ بەك زۆرۆريىتى يوق .
مەسلەن ئالايلۇق ، كۆزەينەك تاقاپ ئېكرنغا قاراش ، ئېكراندىكىنى پەقەت كۆز ئەينەك بىلەنلا كۆرەلەيدىكەن، ئەگەر ئالاھىدە مەخپىيەتلىك دەپ قارالسىمۇ. باشقىلار ئېكراننى ئالماشتۇرسىلا . مەخپىيەتنىڭ ئانا-مانىسىنى كۆرسىتىدۇ ، يەنىلا شۇ كومپىيۇتىر بىيوسقا ياكى سېستىمغا شىفىر سالغان سەل قولاي ، ئەلۋەتتە بۇ يىتتىمۇ بۇ خىل كەشپىياتنى دەپ بىر ئېكرانىنىڭ بېشىغا چىقىپتۇ .
كۆڭلىگە يارىشا ماختاپ قويغۇلۇق!
بۇ راسلا ياخشىكەن،بەزىدە ئىشخانىدا خېرىدار ياكى باشقا شىركەتتىكى رىقابەتچىلەر بار چاغدا بەكلا ئەسقاتقۇدەككەن،بۇنى قەيەردىن سېتىۋالغىلى بولىدىكەن؟ ياساشنى ئۈگۈتۈپ قويسا تېخىمۇ نوچى بولاتتى دە
ئاداش كۆرمىدىنىڭلا مۇ ئىكراننى چۇۋۇپ يېرمىنى كومپىيوتېرگە يېرمىنى كۆزئەينەككە ئۇرۇنلاشتۇتۇپتۇ ،لىكىنزە كۆزگەچاتاق جىمۇ
ياساش بەك ئاسان تۇرمامدۇ ئېكرانى چۇۋۇپ بىرىنچى پەردىسىنى سۇيۇ ۋېتىپ جايىغا سالىسىز ئەسكى كۆز ئەينەكتىن بىرنى تاپىسىز ئاندىن ئەينىكىگە سۇيۇۋالغان پەردىسىنى چاپلايسىز
مەن يەنە بىر بىرنى ئويلىدىم كۆز ئەينەكتىن 2نى ياسىسا بولغۇدەك ئايالى بىلەن كۆرسە
كەمچىلىكى كىشىلەر ساراڭ دىگىدەك ئەمەسمۇ
بۇنى مەن ئۆگۈتۈپ قوياي بەك ئاسان ئەسلى بۇ ئىشنى مەن يانفۇنغا سىناق قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئۇنىڭغىمۇ ئىككى يىلچە بولدى ، لىكىن ۋاقتىم چىقماي شۇ بىر نەرسە قىلىپ بولالمىغان ،مەن باشقىلارنىڭ قىلغىنىنى ئۆزەمنىڭ قىلۋالغىنىم يوق ،راسىت گەپ . ئەگەر سىناپ باقماقچى بولساڭلار كومپىيوتېرنىڭ ئېكرانىنى قىلماي يانفۇننىڭ ئېكرانىنى قىلساڭلارمۇ بولىدۇ ئادەتتىكى رەڭلىك يانفۇننىڭ ئېكرانىنى قىلساڭلار مۇۋاپىق بولىدۇ ،مەنمۇ شۇ يانفۇنغا سىناق قىلىشنى ئويلىغان لىكىن قىلىپ بولۇپتۇ ئەمەسمۇ ………..
مانداق كارامەتلەرمۇ بار دەيلى ئەمدى. بىرىپ ئۆيدىكى تېلىۋۇزۇرنى بىر سىناپ باقمىسام، خەپ!