نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > windows > يازما مەزمۇنى

Windows 8 كە يېڭىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلۇپ جەمئىي 109 خىل تىلنى قوللايدىكەن

windows8

Windows8 نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىغا ئەگىشىپ، windows8 توغرىسىدىكى يېڭى خەۋەرلەرمۇ ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ. بۈگۈن مىكروسوفت Building Windows 8 بلوگىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە دېيىشىچە، Windows8 كە تېخىمۇ كۆپ تىلنى قوللايدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ سۆيۈملۈك ئۇيغۇر تىلىمىزمۇ بار ئىكەن…

Windows8 تە Windows7 گە قارىغاندا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 خىل يېڭىچە تىل قوشۇلغان بولۇپ، جەمئىي 109 خىل تىلنى قوللايدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ جەھەتتە مىكروسوفتنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى Apple قاتارلىق باشقا شىركەتلەردىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن.

10011001761165915

ئۇنىڭدىن باشقا تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، Windows8 تە تىل باشقۇرۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ئىلگىرى Windows8 پروگرامما ئاچقۇچىلار نەشىرى ئېلان قىلىنغان چاغدىلا، كۆپچىلىك كۆرۈنمە يۈزدىكى تىل، كىرگۈزگۈچ قاتارلىق تىل-يېزىققا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلارنىڭ كونترول تاختىسىدىكى «تىل» دېگەن كۆرۈنمە يۈزگە يىغىنچاقلىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان ئىدى.

ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ ئۆز بلوگىدا ئاشكارىلىشىچە، Windows8 تە يېزىقىمىزغا دائىر يېڭىلىقلار خېلى بولۇپ، Windows8 Beta نەشىرى مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ۋەتەن 2012.02.22 , 20:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قالتىس خۇش خەۋەر

  2. ئەرك 2012.02.22 , 20:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەڭ مۇھىمى win8 تىكى ئۇيغۇرچە فونت ياخشى چىقسا بۇلاتتى

  3. ۋىروس 2012.02.22 , 20:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسلىغۇ ئۆزىمىزنىڭ فونتىنى ئۆزىمىزگە ياساتقان بولسا ياخشى بولاتتى …. ئەرەپلەر لەغمەندەك قىلىپ قويىدىكەن .

  4. روسلان 2012.02.22 , 20:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇرچە چىقسا ئاپاممۇ كوپىيۇتىر تالىشىپ تۇرۋالامۇ ئەمدى:mrgreen:

  5. پەنجىر 2012.02.22 , 21:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ . كۆڭۈلدىكىدەك خەۋەر بۇپتۇ !:mrgreen:

  6. ئەززام 2012.02.22 , 21:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ ئىسىل ئىش بوپتۇ .

  7. ئەركە 2012.02.22 , 21:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستىنلا بەك ياخشى خەۋەر بوپتۇ ماۋۇ… يەنىلا ئۇيغۇرتىلىنى تېگىدىن قوللاش دىگەن باشقا گەپ جۇمۇ..!:???:

  8. بۆرە 2012.02.22 , 22:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى ئىش بوپتۇ… قاچان تارقىتار بۇ نۇسقىنى

  9. ئۇدۇن 2012.02.22 , 23:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىزراق چىقسا بولاتتى:cool:

  10. تاماشىبىن 2012.02.22 , 23:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ مەن ئۈچۈن تور ساھاسىدە ئوقۇغان ئەڭ ياخشى، ئەڭ سۈيۈملۈك خەۋەر بولدى

  11. ئۇيغۇربەگ 2012.02.23 , 01:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چىققاندا بىر كۆرۈپ باقايلى ھە…

  12. تورخۇمار 2012.02.23 , 02:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، 29-چېسلا ئېلان قىلىنىدىغان Beta نۇسخىسى تېخى ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە قوشۇلغان يېڭىچە خەت نۇسخىسى قاتارلىق يېڭىلىقلار بار ئىكەن. ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بەلكىم يىل ئاخىرىسىدا ئېلان قىلىنىدىغان رەسمى نۇسخىسى ياكى RTM نۇسخىسى بىلەن قوشۇلۇپ ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.

    • ئۇيغۇربەگ 2012.02.23 , 18:53

      ھىم…چۈجىنى كۈزدە سانا دەپتىكەن، ماۋۇ سېستىمىنىڭ ھەقىقىي نەشىرى بىر ئېلان قىلىنسۇن، سىناپ باقىلى، راست بولسا شۇ ھامان ھەقلىقنى سېتىۋېلىپ قوللاشقا رازىمەن!!

  13. تىكەن 2012.02.23 , 03:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گايتىسكامدىن باشقىسى كۆڭۈل بۆلمىدى ئۇيغۇرغا جۇمۇ!
    قەشقەرگە كەلگەن بولسا ھېيىگاھنىڭ ئالدىدىن لەغمەن ئېلىپ بېرەتتىم ئۇنىڭغا!
    جوبىسقۇ ئۆلىۋالدى ئۇيغۇرچىنى قىلىپ بولالماي!
    گوگىل بولسا ئە نى ئۇلاپ قويۇپ كۆرۈنمەس قىپ قويدى!
    ئىشقىلىپ يەنىلا مىكروسوفىتنى قوللايمەن، ئالما، ھېلىقى كۆكۈرۈپ قالغان ماشىنا ئادەم دىگەنلەر ئادەمگە جاپالا سالغان!~~~~

    • ئۇيغۇربەگ 2012.02.23 , 18:54

      مەن ئالمىنىڭ تېلىفونىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، ھېچقانداق جاپاسىنى كۆرمىدىمغۇ؟:?:

    • ئۇيغۇرتېكىن 2012.02.23 , 22:53

      مەن جوبىزنى ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بىلەن ئۆلدى دەپ كۆرگەنتىم، تىكەن دېگەن بۇرادەر «ئۇيغۇرچىنى قىلىپ بولالماي ئۆلۈۋالدى» دەپتۇ. :lol:مۇنداق ئىنكاسلار ئادەمنى سەل بىزار قىلىپ قويىدۇ. زورلاپ ئىنكاس يازغاندەك …

  14. ئاجايىپ 2012.02.23 , 12:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالما كومپيۇتېر ئىشلىتىپ بېقىڭ، سېستىمىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بار تېگىدىن؛ تېلىفۇنىنى ئىشلىتىپ بېقىڭ. فونىت قاچىلىمايمۇ ئۇيغۇرچە شۇنداق ئۆلچەملىك ئۇلىنىپ توغرا چىقىدۇ. ھازىرغىچە ئۇيغۇرچىنى ئەڭ ياخشى قوللايدىغىنى يەنىلا ئالمىنىڭ مەھسۇلاتلىرى. بۇ قېتىم مىكروسوفىتمۇ قوللاشنى كۈچەيتىپتۇ.

  15. تۇرۇك 2012.02.23 , 14:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قالتىس خەۋەركەن

  16. بىكارچى 2012.02.23 , 15:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    90-يىللاردا گايتىس شىنجاڭغا بازار ئاچقىلى كەپتىكەن. شۇ چاغدا ئۇنىڭغا لەغمەننى جىق ئېلىپ بىرىپتىكەنمىز. ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىپتىكەن. بولمىسا ئۇيغۇرچە ئاللىبۇرۇن 98 دە ياكى 2000 دىن باشلاپ كىرىپ بولغان بۇلاتتىكەنتۇق.

    • ۋەتەن 2012.02.23 , 21:21

      توغرا، ئېسىمدە قېلىشىچە؛ مەن خىلى بۇرۇن بىر ژورنالنىڭ ئىچكى مۇقاۋىسىدا كۆرگەن ئۇنىڭ رايۇنىمىزدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى ھەققىدىكى بىر خەۋەرنى . ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى داڭلىق بىرئايال كارخانىچى ر. قادىر بىلەن ھەمدەستىخان بولغانلىقى خەۋەر قىپتىكەن.

  17. ئابوۋاي 2012.02.24 , 11:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ خىلدىكى خەۋەرلەرنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغاندەك قىلىمەن.ئىلاھىم بۇقېتىمقىسى راس بولغاي .ئامىن.

  18. ئوغلان 2012.02.24 , 12:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ياخشى خەۋەركەن:mrgreen:

  19. سۇمۇرۇغ 2012.02.24 , 15:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ گەپچە بىر كۇنۇپكا بىلەنلا سېستىمىنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە قىلىۋالىمىز دىگەن گەپما بۇ؟ نەدىن تەڭشەيمىز ئۇنداق يېرىنى؟

  20. پاسىبان 2012.02.25 , 05:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەگەر كۆڭۈلدىكىدەكلا بولسا ھەقلىق سېستىما ئىشلىتىشكە رازىمەن. (ماۋۇ گەپنى چەتئەللىكلەر ئاڭلىسا مىڭ يىل كۈلىدۇ-دە!)

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量