نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما كۆرۈش

LEGO Life of Geroge – مەۋھۈملۈك بىلەن رېئاللىق بىرلەشتۈرۈلگەن ھەقىقىي مەنىدىكى ئويۇنچۇق!

lego-life-of-george

بىردانە تاختا كومپيۇتېر/زېرەك يان تېلېفونغا بىر نەچچە App ئويۇن قوشۇلسا، كېيىنكى ئەۋلاد ئويۇنلارنىڭ ئۇسۇلى قارىماققا بىزنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇرۇشقا يۈزلىنىدىغان ئوخشايدۇ. ئويۇنچۇق مەۋھۈم مۇھىتتىن ئايرىلسا، ھەقىقەتەن ئىلگىرىلەش بولارمۇ؟ ناتايىن…

ئويۇنچۇق دېگىنىمىز، دوراش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئەقلىي-ئىقتىدارنى ئاچىدىغان، تەن ھەرىكىتىنىڭ جانلىق بولۇشىنى كۈچەيتىدىغان، بالىلارنىڭ خۇشال قىلىش ئۈچۈن ياسالغان مەخسۇس نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئېنىقلىمىدىن قارىغاندا، تاختا كومپيۇتېر/زېرەك يان تېلېفوننىڭ ئۈنۈمى بىر ئاز بىر تەرەپلىمە بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى پەقەت قول بارماقلىرىنى سىيرىشنى مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق مەقسەتكە يېتىش خېلىلا تەس. بۇمۇ نېمە ئۈچۈن ئەنئەنىۋى ئويۇنچۇق بازىرىنىڭ تېخىچە مەۋھۇم ئويۇنچۇق بازىرىنىڭ چىرىتىش تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىق سەۋەبىنىڭ بىرى، ئاشۇ سىيلاپ تۇتۇپ ئوينىغىلى بولىدىغان ئويۇنچۇقلار كەلگۈسىدە بەلكىم داۋاملىق نۇر چېچىشى مۇمكىن.

ئەمما بۇ دېگەنلىك، ھەرگىزمۇ ئەنئەنىۋى ئويۇنچۇقلار بىلەن مەۋھۇم ئويۇنچۇقلارنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىۋېتىش دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى مەۋھۇم ئويۇنچۇقلارنىڭ كۆلىمى ھازىر بارغانسىرى كېڭىيىۋاتىدۇ، بۇ بەلكىم ئېھتىمال ئويۇنچۇق بازىرىدىكى كېيىنكى بىر سودا بازىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇدا، LEGO بىزگە ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئويۇنچۇق LEGO Life of Geroge(تۆۋەندە LEGO Life دەپ ئاتىلىدۇ) بىزگە نۇرغۇن يېڭىچە ئىلھام ئاتا قىلىشى مۇمكىن.

LEGO Life ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان

1. بىر دانە ھەقىقىي ئويۇنچۇق ئارقىلىق ھەرخىل شەكىللەر قۇراشتۇرىلىدۇ.

2. بىر دانە ئەپ(App) ئارقىلىق، ئورۇنلىماقچى بولغان ۋەزىپە كۆرسىتىلىدۇ ۋە پۈتكەن شەكىل سۈرەتكە تارتىلىدۇ.

LEGO Life نى ئويناش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك

1. ئاۋال ئەپ(App) نى قوزغىتىپ، ئويۇننى باشلايمىز ھەمدە بىر دانە مودېلنىڭ ئەندىزىسىنى قۇرۇۋالىمىز.

2. LEGO ئارقىلىق تەلەپ بويىچە مودېلنى قۇراشتۇرۇشنى باشلايمىز.

3. مودېل قۇراشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن سۈرەتكە تارتىمىز، ئەپ بولسا تاماملىنىش دەرىجىسىنى تونۇپ بېرىدۇ ھەمدە كەتكەن ۋاقىتقا ئاساسەن جۇغلانما نومۇر بېرىدۇ.

4. كېيىنكى بىر مەيدانغا ئۆتۈپ ئوخشىمىغان مودېللارنى قۇراشتۇرىمىز.

LEGO Life مەۋھۇملۇق ۋە رېئاللىقتىكى ئىككى خىل ئويۇننى ياخشى بىرىكتۈرگەچكە، كەسپىي ساھەدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. يەنى، ۋەزىپە قۇرۇلمىسى بالىلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى قوزغاشقا ياردەم بېرىدۇ، ۋاقىت ھېسابلاش قۇرۇلمىسى بولسا ئوينىغۇچىنى ئويۇنغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرگۈزىدۇ، ئەڭ مۇھىم يېرى شۇكى، بارلىق جەريان ئېكراننى سىيرىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى رېئاللىقتىكى ھەقىقىي ئويۇنچۇقنى ئويناش قائىدىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مەۋھۇملۇق ۋە رېئاللىق بىرىكتۈرۈلگەن ئويۇنچۇقلارنىڭ ئوينىلىشچانلىقى تېخىمۇ ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ يەنە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تەربىيەسىدىكى بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پەقەت مەنىۋى خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان ئويۇن يۇمشاق دېتاللىرىغا قارىغاندا، بۇ خىلدىكى بالىلارنىڭ بەدەن ھەرىكىتىنى چېنىقتۇرىدىغان ئويۇنچۇقلار تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىشى مۇمكىن.

PS: مەزكۇر Life of George ناملىق ئەپ AppStore دا ھەقسىز، قىززىققانلار ئىزدەپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 4 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز: