سىز بىلمەيدىغان ئۆتمۈشتىكى بىر قىسىم ئىشلار! تارىختا ئېچىلمىغان سىرلار ئەمدى ئېچىلىۋاتامدۇ نېمە؟
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ،نۇرغۇنلىغان ھەقىقەتلەردە تارىخنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇشى سەۋەبىدىن بۇرۇلۇش يۈز بېرىدۇ، ياكى بولمىسا، تارىخنىڭ ئېقىن سۇلىرىغا غەرق بولۇپ كىشلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. بەزى ھېكايىلەر ئۇيدۇرۇلۇپ چىقىرىلغان بولۇپ، مەقسىتى بولسا ،تارىخى شەخسلەرگە ئاجايىپ غارايىپ تۈسلەرنى قوشۇشتىن ئىبارەت خالاس. ئەمما بەزى ھېكايىلەر، تارىخىي شەخسلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بەك زىچ بولۇشى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ راس ياكى يالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. تۆۋەندىكىلەر بولسا تارىختا كىشلەر تەرىپىدىن خاتا تەشۋىق قىلىنغان بىر قىسىم ھەيران قالارلىق ھېكايىلەر…
ئىتالىيىنىڭ ئارخىئولوگىيە مۇتەخەسسىلىرىنىڭ ئورتاق قارىشىچە، ماركوپولو ئاسىياغا كىلىپ باقمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جوڭگۇغا كېلىپ قىلغان ساياھىتى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئىكەن، بۇ ئويدۇرۇلمىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى بولسا ئۇنىڭ بىلەن قارا دېڭىز ئەتراپىدا ئۇچرىشىپ قالغان سودىگەر ئىكەن.
ئۇنىڭ ئاسىيا سەپىرى داۋامىدىكى مول ھېسسىيات ۋە تەسەۋۋۇرغا ئىگە ھېكايىلىرى كىشىگە خۇددى بۇنىڭ ئۇنىڭ ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن سەزگۈرەشتىسىدەك تەسىر بېرىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا، ئىنتايىن ئىنچىكە بولغان تارىخىي ئالىملارمۇ يالغان بىلەن راستقا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.
ناپولېئون بولسا مۇرەككەپ ئىدىيىۋى ھالەتكە ئىگە بىر كىشى . ناپولېئوننىڭ بويىنى پاكار دەپ قارىغانلىق ئەمىليەتتە خاتالاشقانلىق بولىدۇ. ناپالىيوننىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى 157 سانتىمېتىر بولۇپ، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيىنىڭ قەدىمقى ئۆلچەم تۈزۈمى ئاستىدا ئۆلچەپ چىقىلغان بولۇپ، ھازىرقى ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەيدىغان بولساق، ئۇنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى 167 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۇ ئاشۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بويى پاكار بولۇپ ھېسابلانمايدۇ.
بېنجامىن. فىرانكلىن بولسا ناھايىتى كۆپ شان شەرەپلەرگە ئىگە بولغان شەخس، ئۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئاتىسى، مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك شەخسى، دىپلومات.
ئىنتايىن ئۇتۇق قازانغان بىر ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، فىرانكلىن ھەقىقەتەن توكنى ئىشلىتىپ تەجرىبە ئىشلەپ باققان، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ بىرىنچى بولۇپ، توك بىلەن ماگنىتنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تەسۋىرلىگەن ۋە تەتقىق قىلغان كىشى ئەمەس. تۇنجى بولۇپ ماگنىتنى تەسۋىرلىگەن كىشى بولسا بۇنىڭدىن 2600 يىل بۇرۇنقى قەدىمقى يۇنان مىلېتوسلۇق تايلورس بولۇپ، ئۇ تۆمۈرنىڭ ماگېنېتىت تەرىپىدىن تارتىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەمما ئۇ بۇنى تۆمۈر ئىگە بولغان بىر خىل روھ دەپ قارىغان. ئەڭ بۇرۇن بۇ ھادىسىنى ئىلىم پەن ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش بولسا بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىل كىيىن يۈز بەرگەن. ۋىللىيام گىلبېرت، ئەنگىلىيىنىڭ 16- ئەسىردە ياشىغان ئالىمى، ۋىللىيام گالىلېينىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن ، توك بىلەن ماگنىتنىڭ پەيدا بولۇشنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى تۇرغۇزغان، ھەمدە يەر شارىنىڭ ماگىنىت مەيدانى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.
كولومبونىڭ يىراققا سەپەر قىلىشى ياۋرۇپا قىتئەسىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قاراپ كېڭەيگەنلىكىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ئىنسانلار تارىخىدىكى ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ھەربىي يۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. گەرچە كولومبونىڭ تۇنجى قېتىم يىراققا سەپەر قىلىشىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاشۇرۇپ كۆرسىتىلگەن تەرەپلىرى بولسىمۇ لېكىن، ئۇنىڭ ھېكايىسى ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ دۇنيانىڭ تەكشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېمە ھەيدىگۈچىلەر ، ئەگەر بىر نەچچە ھەپتە يول يۈرۈپ يەنىلا قۇرۇقلۇقنى كۆرەلمەيدىغان بولساق ئۇنداقتا، يەر شارىنىڭ يۈزىدىن چۈشۈپ كېتىمىز دەپ قارىغان. ئەمما ،ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولمىغان . ئەمەلىيەتتە كولومبونىڭ كېمە ھەيدىگۈچى خادىملىرى ئاللىقاچان يەر شارىنىڭ يومىلاق ئىكەنلىكىنى بىلگەن. بۇنداق بولۇپلا قالماي ،قەدىمدىن تارتىپ كېمە ھەيدىگۈچىلەرگە باشلامچىلىق قىلغۇچىلار يەر شارىنىڭ يومىلاق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ باشلامچىسى، نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئاتىسى، ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئەربابلارنىڭ بىرى ئېينشتېيننىڭ كىچىك ۋاقتىدا ماتېماتىكىسى راستىنلا ناچارمىدى؟
ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئېينىشتېيىن فىزىكا ئالىمى بولماي بىر ماتېماتىكا ئالىمى بولۇش ئۈستىدە ئويلىنىپ باققان.
ئۇنداقتا بۇ ھېكايە نەدىن كەلگەن؟ بۇ خىل خاتا كۆز قاراشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى بولسا، ئېينىشتېيىن مەكتەپتە ئوقۇغان مەزگىلدىكى دەرىجىگە باھالاش تۈزۈمى ئىدى.
ئېينىشتېيىن مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتتىكى دەرىجىگە باھالاش تۈزۈمىدە ئوقۇغۇچىلارنى بىردىن ئالتىگىچە ئالتە دەرىجىگە بۆلىدىغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكۈچى بىرىنچى دەرىجە، ئەڭ تۆۋەن نومۇرغا ئېرىشكۈچى ئالتىنچى دەرىجە دەپ قارىلىدىكەن .ئەمما ئېينىشتېيىن مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كىيىن ،بۇ تۈزۈم بۇنىڭ ئەكسىچە قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، بۇ ئۆزگەرتىش نەتىجىسىدە ، ئېينىشتېيىن ماتېماتىكا نەتىجىسى ياخشى ئەمەس دەپ قارىلىپ كەلگەن.
موزات راستىنلا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنمۇ؟
موزات بىلەن سەلېرى ئوخشاش بىر زاماندا ياشىغان كومپوزىتۇر ھەم ئۆز ئارا رىقابەتلەشكۈچىلەر بولۇپ، ھازىرقى ماتىرياللاردا دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى خۇددى ئوت بىلەن سۇدەك ئىدى. گەرچە موزات ئىلگىرى سەلېرىغا قارشى چىققان بولسىمۇ، لېكىن سەلېرىنىڭ موزاتنىڭ مۇزىكا ئىدىيىسىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەر بار. سەلېرىنىڭ مۇزاتنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئاقما گەپلەرنى بەلكىم سەلېرى ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى مۇزات ئالەمدىن ئۆتۈپ ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كىيىن ياشىنىپ، بەدىنى ئاجىزلاشقان سەلېرى 1823- يىلىغا كەلگەندە، مۇزاتنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. سەلېرىنىڭ بىر دوستى ئىچكى كېسەللەر دوختۇرى تەكلىپ قىلىپ مۇزاتنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ بۇ جىنايىتىنى يۇغان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۆتمۈش، تارىخ، سىرلىق، مەخپىيەتلىك، ھېكايە
- يازمــا مەنبەســى: [ مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى ]
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,569 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 02-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-secret-history.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالما شىركىتى قانداق قىلىپ iPad توغرىسىدىكى مەخپىيەتلىكلەرنى بۇنچە چىڭ ساقلىيالىغان؟
- كېيىنكى يازما > «تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى» بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- مۇزدەك بىلىملەر: نېمىشقا مائۇسنىڭ كۆرسەتكۈچ سترېلكىسى يانتۇ بولىدۇ؟
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- كىشى ئويلاپ باقمىغان ئاجايىپ قىزىقارلىق تەجرىبىلەر
- سىرلىق تىك-تاك پىچاق زادى قانداق ئىش؟ تىك-تاك پىچاقچىلار يەنە نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراشتۇ؟
- سەرگەردان بوۋاينىڭ «ئاقسۆڭەك باي» غا ئايلىنىشى
- سىرلىق كىچىك سېھرىگەرلىك – مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان شاكىلات؟ بۇنىڭدىكى مەخپىيەتلىكنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟
- ئەينى يىللاردىكى كارتون فىلىملەرنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
- غەربكە ساياھەتتىكى ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلەر
- [پارول] نوم ئالغىلى بارغانلار (غەرپكە يەنە بىر ساياھەت)
ئوھ . . .
ئوھ دەپ موھ ئولتۇرۇپسىزدە
دىۋاننى ئېلىپ قاپتىمەنيا…ساقلىغىنىم بىكارت كەتمەپتۇ
كېچىكىپ قاپلا
مابالىنىڭ ئىشىنى ئالدىمدا چىقىپتۇغۇ
مىنىڭچە موزات كىلىشكەنكەن …
«ئەگەربىلمەيدىغانلىرىمنى دۆۋىلەپ ئۈستىگە چىقسام ، بىشىم ئاسمانغا تاقىشار ئىكەن» دەپتىكەن بىردانىشمەن. بەلكىم ، بىركۈنلىرى بۇ ئۇچۇرلارمۇ ئۆزگىرىشى مۇمكىن.
يوللىغۇچىغا رەھمەت!
دىۋان
تېچلىقتۇ؟
nafailon rastla pakarke, mendin pakarke راستلا
ھەجەپ ئىشلار-ھە ؟!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،
كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
….
سىرلار يەنە نۇرغۇنغۇ ، جاھاندا .
ئېينىشتىيىننىڭ قىزىقكەن
بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن سىرلار بار