قانداق قىلغاندا توردىن چىرايلىق ئايكونلارنى تاپقىلى بولىدۇ؟ FindIcons ئايكون(ICON) ئىزدەش ماتورى
نۇرغۇن ھاللاردا بىز تور بېكەت لايىھەلەۋېتىپ، بىر قىسىم چىرايلىق ئايكون ئەندىزىلىرىگە مۇھتاج بولۇپ قالىمىز، بلوگ ياساش بولسۇن، تور بېكەت ياساش بولسۇن ۋە ياكى باشقا لايىھە ئىشلىرىدا بولسۇن، چوقۇم لازىمى بولىدۇ. بىراق بىز ئەسلىدىنلا بىر تۇغما لايىھەلىگۈچى ئەمەس، چىرايلىق ئايكونلارنى ياساپ چىقىشقا نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدىغىنى ھەممىمىزگە ئايان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە تورداشلار كىچىككىنە بىر ئايكون لايىھەلەش ئۈچۈن، ئۇنچە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىشنى ئەسلا خالىمايدۇ، شۇنداق بولغانىكەن، تورغا مۇراجىئەت قىلىشىمىز تۇرغانلا گەپ. ئۇنداقتا تورنىڭ قەيەرىدىن، قايسى تور بېكەتكە بېرىپ بىزگە لازىملىق ئايكونلار(ICON)نى تاپقىلى بولار؟
ئەمەلىيەتتە توردا بۇ خىلدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرىغان مەخسۇس تىپتىكى ئايكون ئىزدەش ماتورلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم، FindIcons ئايكون ئىزدەش ماتورى بولۇپ، سىز پەقەت ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزسىڭىزلا، FindIcons سىزگە لازىملىق ئايكونلارنى چىقىرىپ بېرىدۇ. نۆۋەتتە FindIcons دىن لاتىنچە ۋە خەنچە ھالقىلىق سۆزلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ئىزدىگىلى بولىدۇ، بۇ ئايكونلارنىڭ ياسىلىشى بىر قەدەر نەپس، سىغىمى كىچىك، سۈزۈك ۋە ھەرخىل فورماتلاردىكى نۇسخىسى بار بولۇپ، تور بېكەت لايىھەلەش ۋە ئامراق بلوگىڭىزنى بېزىشىڭىزگە چوقۇم ياردىمى تەگكۈسى!
FindIcons بېكەت مەنزىلى:
http://findicons.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تور بايلىقلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: ps,ئايكون,ئىزدەش,لايىھە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 460 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: findicons.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > بلوگدىن يازما كۆچۈرۈلگەندە ئەسلى مەنبە ئۇچۇرلىرى ئاپتوماتىك كۆچۈرۈلۈش ئىقتىدارى
- كېيىنكى يازما > كۆرۈش تۇيغۇسىنىڭ خاتالىشىشى – ئەستە تۇتۇڭ، كۆرگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى راست بولۇشى ناتايىن!!
ئىزدىسە تاپىقلى بولىدىكەندە ئەسلى
مەنمۇ بىرنى قالدۇرۇي: http://www.iconfinder.com/search/?q=blog