بلوگدىن يازما كۆچۈرۈلگەندە ئەسلى مەنبە ئۇچۇرلىرى ئاپتوماتىك كۆچۈرۈلۈش ئىقتىدارى
گەرچە توردىكى كۆچۈرمىكەشلىك ھەققىدە خېلى كۆپ يازمىلار يېزىلغان بولسىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم «يازما ئوغرىلىرى» يازما كۆچۈرگەندە ئەسلى مەنبە ئۇچۇرىنى قوشۇشنى خالىمايۋاتىدۇ ياكى مەنبەنى چىقىرىۋېتىپ ئاندىن كۆچۈرىۋاتىدۇ، شۇ سەۋەپتىن بىر قىسىم ئىجادى يازما ئاپتورلىرى گاڭگىراپ قالىدىغان، ئۆزىنىڭ ئەمگىكىنى قانداق قوغداشنى بىلەلمەيۋاتقان ئەھۋال مەۋجۇد. گەرچە بۇ خىل ئەھۋالنى %100 توسۇپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، بىراق بىر قىسىم كىچىك تېخنىكىلار بىلەن بۇ مەسىلىنى مەلۇم دەرىجىدە ھەل قىلىش مۇمكىن.
ئىلگىرىكى بۇ تېخنىكىنى يۈكسەل بلوگىغا ئىشلىتىپ كۆرگەن ۋە خېلى يامان ئەمەس ئۈنۈمگىمۇ ئېرىشكەن ئىدۇق، بىراق ئۇ چاغدا پەقەت PJBlog ئۈستىدىلا سىناپ كۆرگەن، بۇ يەردە مەن WordPress تىكى ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قوياي.
WordPress كە بۇ خىل ئىقتىدارنى قوشۇش ئۈچۈن، ئۇسلۇب مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى single.php نى ئاچىمىز ۋە مۇۋاپىق ئورۇنغا تۆۋەندىكى كودنى قىستۇرىۋەتسەكلا بولدى.
PJBlog دا يازما ئادرېسىنى ئاپتوماتىك كۆچۈرۈلىدىغان قىلىش ئۈچۈن، Template/static.htm نى ئېچىپ مۇۋاپىق ئورۇنغا تۆۋەندىكى كودنى قىستۇرساقلا بولدى.
2010.09.12 بلوگباستا ئىشلەيدىغان كود قوشۇلدى، uyghurbeg نىڭ تەمىنلىگەن كودىغا تەشەككۈر.
بۇنداق بولغاندا، باشقىلار يازمىنى كۆچۈرگەن چاغدا، سېستىما ئاپتوماتىك ھالدا مەزمۇنغا ئەسلى يازما ئادرېسى ئۇچۇرلىرىنى قوشۇپ قويىدۇ، ناۋادا كۆچۈرگۈچى بۇ ئۇچۇرلارنىمۇ ئۆچۈرىۋەتسە، ئۇنداقتا ئۇ كىشىنىڭ پەزىلىتىگە ئىنساپ تىلىمەكتىن باشقا ئامال يوق.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [Blog ساۋاتلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: بلوگ,كود,كۆچۈرۈش,يازما
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 180 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: article-added-copyright.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > 36 دانە تاللانغان ئېنگلىزچە ناخشا – بىر قىسىم خەنچە ناخشىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسى
- كېيىنكى يازما > قانداق قىلغاندا توردىن چىرايلىق ئايكونلارنى تاپقىلى بولىدۇ؟ FindIcons ئايكون(ICON) ئىزدەش ماتورى
بلوگبۇسدا قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى كودنى يېڭىدىن بۆلىكى قۇرۇپ ئىچىگە قويۇپ قويساق بولىدۇ:
document.body.oncopy = function () {
setTimeout( function () {
var text = clipboardData.getData(”text“);
if (text) {
text = text + ”\r\n بۇ يازما پالانى-پۇستانى تور تۇرايىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : ”+location.href; clipboardData.setData(”text“, text);
}
}, 100 )
}
بولىدىغان گەپ