نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > كىنو-فىلىملەر > يازما كۆرۈش

Pixar دىن يەنە بىر سوۋغا – زوراۋان بۇلۇت ۋە بالا توشۇغۇچى لەيلەك قۇش(Partly Cloudy)

Pixar دىن يەنە بىر سوۋغا - زوراۋان بۇلۇت ۋە بوۋاق توشۇغۇچى لەيلەك قۇش(Partly Cloudy)

بۇ بولسا، Pixar نىڭ 2009-يىلى ئىشلىگەن، «ئۇچار ئۆي ساياھەت خاتىرىسى» فىلىمىنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىغا قوشۇپ ئىشلەنگەن بىر تۈرلۈك ئىنتايىن نادىر 3D قىسقا كارتون فىلىم. فىلىم ۋەقەلىكى يۈكسەك كومىدىيە ۋە ئاجايىپ تەسەۋۋۇر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن، بىر كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك تەۋسىيە دەرىجىلىك كارتونلارنىڭ بىرى…

غەرب رىۋايەتلىرىدە تەسۋىرلىنىدىغان بىر خىل قۇش بولۇپ، بۇ قۇشنىڭ نامى «لەيلەك(ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىدىن ئېلىندى)» دەپ ئاتىلىدىكەن ھەمدە بۇ قۇشلار مەخسۇس بالىلارنى توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. ئەمما لەيلەك قۇش توشۇيدىغان بۇ بالىلار زادى قەيەردىن كېلىدىغاندۇ؟ ئەسلىدە، ئاسماندىكى بۇلۇت قاتلىمى ئارىسىدىكى بىر قىسىم بۇلۇتلار، بۇ بالىلارنىڭ ھاياتلىقىنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھاياتلىق بەرپا قىلغۇچى بۇلۇتلار ئارىسىدا، بىر دانە ناھايىتى پەرىشان بۇلۇت بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ”Gus“ ئىكەن. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، ئۇ داۋاملىق بىر قەدەر «كەپسىز ۋە زوراۋان» بالىلارنى ياساپ قويىدىكەن، مەسىلەن تىمساق بالىسى، كىچىك قوشقار ۋە كىرپە بالىسى قاتارلىق قورقۇنچلۇق مەخلۇقلار دەل مۇشۇ ”Gus“ تەرىپىدىن ياسىلىپ چىقىلىدىكەن، ئۇنىڭ ھەمرايى Peck بولسا، Gus نىڭ بۇ «نادىر ئەسەرلىرى»نى ئىنسانلار ئارىسىغا توشۇشقا مەسئۇل لەيلەك قۇش ئىكەن. ئەمما Gus نىڭ «ئىجادىيەتلىرى»نىڭ بارغانسىرى تەلۋىلىشىگە ئەگىشىپ، Peck نىڭ بۇ «خەتەرلىك بۇيۇملار»نى توشۇش ۋەزىپىسى بارغانسىرى قىيىنلىشىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى پۈتۈن بەدىنى يارا ۋە جاراھەت بېسىپ كەتكەن Peck ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندە، Gus ئۇنىڭغا يەنە بىردانە ئاكۇلا بالىسىنى چىقىرىپ بېرىپتۇ، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن Peck بولسا، بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ئالدى كەينىگە قارىماي بەدەر قېچىپتۇ، يالغۇزلۇق باسقان Gus بولسا كۆڭلى يەنە پەرىشان بولۇپ يىغلاشقا باشلاپتۇ…



مەزكۇر فىلىمنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈزۈك نۇسخىسىنى ساقلىۋېلىشنى خالايدىغان، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىم ھەۋەسكارلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەن بۇ يەردە يەنە Partly Cloudy نىڭ 720P لىق BDRip نۇسخىسىنى قالدۇرۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم، لازىم بولغانلار چۈشىرىۋالساڭلار بولىدۇ.

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷دا چۈشۈرۈڭ):
720P لىق سۈزۈك نۇسخىسى | مەنبەسى: torhumar.com

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 2 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ,,
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 864 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 05-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: partly-cloudy.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. FinalFantasy : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر چاغدا كۆرۈپتىكەنمەن، لېكىن قايتا بىر كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم تەسىرلەندىم… Pixar نىڭ مۇشۇ يېرىنى دەيمىزدە… :mrgreen:

    • torhumar :

      شۇنى بىر دەڭە :smile:
      PS: بۇ كەچتە سىزنى كۆرۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس جۇمۇ

 汗