نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

مۈشۈك پوقى 1-نومۇر – ئىنتايىن ئېسىل ئىشلەنگەن CG قىسقا كارتون فىلىم!

مۈشۈك پوقى 1-نومۇر - ئىنتايىن ئېسىل ئىشلەنگەن CG قىسقا كارتون فىلىم!

بۇ بىر ئەسلى نامى CAT SHIT ONE بولغان كومېك رەسىمدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن قىسقا كارتون فىلىم بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر بىلەن لايىھەلەنگەن. ھېكايە ئارقا كۆرۈنۈشى ئوت ئۇچقۇنلىرى يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتتۇرا شەرقتىكى ئالاھىدە قىسىمدا تۇرۇشلۇق ئىككى توشقاننىڭ تېرورچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىش جەريانى تەسۋىرلەنگەن. ئىككى توشقاننىڭ پلانلىشى ئارقىسىدا «بومبا چۇۋىغۇچى ئەترەت» فىلىمىدىكى كۆرۈنۈشتىن قېلىشمىغۇدەك بىر مەيدان جەڭ يۈز بەرگەن…

فىلىمدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:

مۈشۈك پوقى 1-نومۇر - ئىنتايىن ئېسىل ئىشلەنگەن CG قىسقا كارتون فىلىم!

فىلىم 7-ئاينىڭ 17-كۈنى YouTube دا ھەقسىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تور دۇنياسىدا زور غۇل-غۇلا قوزغىغان، بىر نەچچە كۈندىلا چېكىلىشى نەچچە ئونمىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. پەقەت 24 مىنۇت قىلىپ ئىشلەنگەن بۇ قىسقا كارتون فىلىمدىكى جەڭ مەيدانى، بىزگە پۈتۈنلەي ھوللىيۋود ئۇسلۇبىنى ئەسلىتىدىغان بولۇپ، يۇقىرى تېخنىكىدا ئىشلەنگەن پۇزۇر كۆرۈنمە يۈز ھەقىقىي جەڭ مەيدانىدىن قىلچىلىك پەرقلەنمەيدۇ.

نۆۋەتتە مەزكۇر كارتون فىلىم ئاللىبۇرۇن خەتلىك فىلىم تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلىنىپمۇ بولدى، بەلكىم بىر قانچە كۈندىن كېيىن تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.

مۈشۈك پوقى 1-نومۇر - ئىنتايىن ئېسىل ئىشلەنگەن CG قىسقا كارتون فىلىم!

خەنچە خەتلىكىنى چۈشۈرۈش(迅雷 ياكى eMule ئارقىلىق چۈشۈرۈڭ) | 720P لىق سۈزۈك نۇسخىسى | ئىشلىگۈچى ئورگان تور بېكىتى | مەنبەسى: torhumar.com



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 8 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز:
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 07-ئاينىڭ 22-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: cat-shit-one.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. FinalFantasy : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ كىچىك بودەك توشقانچاقلارنىڭ يامانلىقىنى… شۇغىنىسى »مەجبۇرىيەت چاقىرىقى« دىكىگە ئوخشاش، «RPG!» دەپ ۋارقىرىمايدىكەن ھە… :mrgreen:

  2. تەخەللۇس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەللە.ئەرەپچە تىل.تۆگە……..

  3. ئادىل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ فىلىم سۈزۈك ۋە س گ تېىنىكىسى يۇقىرى ئىكەن.
    ئەپسۇسكى: تۆگىگە سەللە كىيدۈرۈپ ئىراق خەلقىنى مازاق قىپتۇ، شۇ سەۋەپتىن تازا ھوزۇر ئالالمىدىم…..

    • قەدىردان :

      تۆگە ئەمەس ئېشەككە ئوخشاپ تۇرامدۇ نىمە
      :roll:

    • قەدىردان :

      تۆگە ئەمەس ئېشەككە ئوخشاپ تۇرامدۇ نىمە :roll:

    • قەدىردان :

      نەرى ياخشىكەن؟ بۇ سېنىڭ قانداق چۈشۈنشىڭگە باغلىق ،سېنىڭچە ئاشۇ ياپۇن چوشقىسى سېنىڭ مىللىتىڭنى قىرۋەتسە بولدۇ ، شۇنداقمۇ مەرەز…

  4. بۆرە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قايسى تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلۋاتقاندۇ؟






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)