نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

Empty America – سان-فرانسىسكو شەھىرىنىڭ قۇپقۇرۇق ئادىمىزاتسىز ئالۋاستى شەھىرىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىنمۇ؟

Empty America بولسا بىر پلاننىڭ ئىسمى، Trash lab دىكى Roos Ching تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇ رېژىسور بولۇش سالاھىيتى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىنى ئادەمسىز قۇپقۇرۇق ھالەتكە ئايلاندۇرماقچى بولغان! ئاندىن ئاستىلىتىلغان كامېرا ئارقىلىق بۇلارنى سۈرەتكە ئېلىپ چىققان، سىزنىڭچە ئۇ قانداق قىلغاندۇ؟

jiujinshan

ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددى، پەقەت شۇ Photoshop، Premiere ۋە After Effect ئىشلەتكەن يېرى بار. يەنى سۈرەتكە ئېلىپ بولغان كۆرۈنۈشلەردىكى ئادەم ۋە ماشىنا، يەنە ئارتۇقچە نەرسىلەرنى ئۆچۈرىۋەتكەن. تۆۋەندە بۇ يۈرۈش فىلىملەرنىڭ بىرىنچى قىسمى: سان فرانسىسكونى كۆرۈپ باقايلى.

ئادىمىزاتسىز شەھەر:

فىلىمنى كىرىشتۈرۈش جەريانى:



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ۋاپاسىز 2012.11.25 , 01:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىرىنجى قىتىملىق دىۋان:grin:

  2. مېستىر01 2012.11.25 , 12:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :wink:چاۋاك .تەدبىركار ئەپەندى،تىخمۇ نادىر تىمىلارنى يۇللاۋاتىسىز جوما…..:mrgreen:

  3. تاماشىبىن 2012.11.25 , 14:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار، ئۇ چاغدا بەسەي ئەپەندىملەر بىلەن تىقما-تىقما قىلىپ توشتۇرىدۇ ئۇ يەرلەرنى. ئاندىن قوپۇپ ئاكىيۇ دېگەن ئادەم بۇرۇن مۇشۇ يەرنى بايقىغان دەپلا قويسا بولدى!

  4. كۆنچى 2012.11.25 , 14:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    adobe نىڭ دېتاللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ قويىدىكەنغۇ…

  5. jailbreakme 2012.11.25 , 15:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گەپ ئاۋۇ سىندا ئەمەس بەلكى تورخۇمارنىڭ تېلفۇن بېتىدا ئىكەن،سىنالغان تىلفۇن samsung i9100 rom samsung 4.1.2 6- ئاينىڭ رومى قاچىلانغان ۋاقتى تورخۇمارغا كىرىشتىن 10 مىنۇت ئىلگىرى، ئەگەر تەتبىركار ئەپەندى توي قىلغان بولسا بى نېرى ئەمما شاھابىتى بولغان شوخ يىگىت بولسا، بۇندىن كىيىن مەبىتى تورخۇمارنىڭ pc نۇسقىسىنى ئەمەس بەلكى mobile نۇسقىسىنى زىيارەت قىلغىدەك، گۈزەللىكىگە سىپتىلىغىغا گەپ كەتمىگىدەك زادى، تېخى روت ئالماي فونىت قاچىلىماي تۇرۇپلا، تورخۇمارغا كىرگەچ خەت ئازراق سەت تۇردۇ. يەنە بىرمەسىلە تىلفۇن بىتىنى سىيرىپ چوڭ-كىچىك قىلغىلى بولمىدى،قايلاپلا تۇردۇ بەزدەك.

  6. سالىھ بەگ 2012.11.25 , 21:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادەمسىز بولسا جاھان بىز ئويلىغاندەك بولماسمىكى . ئۆيدە بىر كۈن ئادەم بولمىسا توپا چاك 10 سانتا ئىگىزلەپ قالغان .:mrgreen:

  7. تەنخا 2012.11.26 , 00:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ……………! مەندەك يالغۇزلۇقنى خالايدىغانلارنىڭ ماكانىكەن بۇ:mrgreen:غەيۋەت شىكايەت يوق، ئۇرۇش جىدەل يوق، يۇقۇرى تۆۋەن يوق.ئىزىلىش خار لىنىش يوق ،ئىشقىلىپ جىمجىت بولسا نىم دىگەن ياخشى .
    بۇ مىنىڭ كۆز قار شىم خالاس:roll:

    • Forever 2012.11.27 , 10:46

      تەخەللۇسىڭىز بىلەن باش سۈرىتىڭىزنىڭ مەنىسىنى ئەمدى چۈشەنگەندەك قىلىمەن . :dizzy:

  8. ۋەيران 2012.11.26 , 01:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن مۇشۇنداق مەنزىرىنى بەك ياقتۇرىمەن،
    بۇنى كۆرۇپ 消失在第七街دىگەن فىلىم كۆز ئالدىمغا كەلدى،

    ئادەم كۆپ شاۋقۇن سۇرەن بار يەردىن ئادەم راسلا زىرىكىدىكەن،

  9. Mr.Eli 2012.11.26 , 20:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئىلگىرى مۇنداق كۈرنۈشتىكى خام-خىيالنى قالتىس سۈرەتتىم جۇمۇ ،مۇھەببىتىم بىلەن مەن، ھەم ئۈزەم ياخشى كۈرگەن ئادەملەر بىلەنلا قالسام،،،:mrgreen::mrgreen:

  10. Mr.Eli 2012.11.26 , 20:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنە مېھىرۋان ئاتا-ئاناممۇ بار:razz:

  11. Forever 2012.11.27 , 10:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغان ئىشكەن، كەسپى فوتو ئاپاراتتىن بىرنى ئالساملا چوقۇم سىناپ باقىمەن !

  12. ئايشەم تورى 2012.11.27 , 13:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىغ مىغ … :lol:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量