نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

ناخشىغا ئېغىزىنى كەلتۈرۈش دېگەن نېمە ئۇ؟! چەتئەللىكلەر چىراي ئىپادىسى ئارقىلىق مۇزىكا چالىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ ھازىر…

ناخشا كېچىلىكلىرىدە ياكى چولپانلارنىڭ پلاستىنكىلىرىدا دائىم ناخشىغا ئاغزىنىڭ شەكلىنى ئۇدۇل كەلتۈرۈپ ساختا ناخشا توۋلايدىغان ئىشلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، ئەمما ھازىر چەتئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە، بۇ ئاللىقاچان ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بىر خىل نومۇسسىزلىق ھېسابلىنىدىكەن.

چىراي ئىپادىسى ئارقىلىق مۇزىكا چېلىش

بۇ شادىمان چەتئەللىكلەر يېقىندا يەنە جىم ئولتۇرالماي، چىراي ئىپادىسى ئارقىلىق مۇزىكا چېلىش دەيدىغان بىر ئۇقۇمنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئوخشايدۇ، ئەجىبا بۇلار يۈز مۇسكۇلىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەمدىغاندۇ؟



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئېقىن 2012.11.27 , 18:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :dizzy: مۇشۇ ئىش قاپتىكەن….

    • ئېقىن 2012.11.27 , 18:35

      :mrgreen: لېكىن دەھشەت ھەجىۋىيكەن ،ئوتتۇرىدا ئىچىمنى دەھشەت سېيرىۋەتتى ، :???::???:

  2. Forever 2012.11.27 , 18:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇنى دىيارىمىزدىكى ناخشىچىلار كۆرۈپ قالمىسۇن جۇمۇ ….
    ئادەتتە سەھنىدە ئېيتىلغان ناخشىلارنىڭ MTV سىنى پەقەت كۆرمەيمەن ، خۇددى ئادەمنى مەسخىرە قىلۋاتقاندا ، ئاشۇنداق ساختىپەزلىكنى قىلىپ خەلقنى ئالداۋاتقان ناخشىچىلارنىڭ ئازراقمۇ يۈزى قىزارمامدىغاندۇ دەيمەن .
    ئىشقىلىپ گەپ قىلسا گەپ جىق ، ئەڭ ياخشىسى ئۇ ئىشلارغا باش قاتۇرۇپ كەتكۈچە مۇنداق يۇمۇر فىلىملارنى كۆرۈپ ھاردۇقىمىزنى چىقىرىپ كۈلۈپ يۈرگەنگە يەتمەيدۇ ….
    ما فىلىمدىكى ئاداشنىڭ چىرايىمۇ ئالامەت يۇمۇركەن :mrgreen:

  3. نۇرنىجات 2012.11.27 , 19:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇرۇن ئېسىمنى بىلسەم،مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان بىر سىننى كۆرگەنتىم.ئەمما ئۇ ئانچە ئۇزۇن ئەمەس!چىرايىنى مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ چىراي ئىپادىسىنى ئۆزگەرتىدىغان.

  4. شىنجاڭ دىتاللار بىلوگى 2012.11.27 , 19:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ھەجىۋىيكەن ھا ھا ھا!

  5. ئايشەم تورى 2012.11.27 , 21:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋەھشى گۇيكەنغۇ ، پۈتۈن مۇزىكا مۇشۇ گۇينىڭ چىرايىدىن چىققاندەك بىلىنىپ كەتتى ، 3D كارتوندەك ھەجىۋىي گۇيكەنبۇ … :evil:

  6. سالىھ بەگ 2012.11.27 , 23:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىز تەرەپكە يىتىپ كىلىشى مۇمكىن ئۇزاققا قالماي

  7. كۆنچى 2012.11.27 , 23:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ جەھەتتىمۇ بولسا تالانتى باركەن.چەتئەللىكتىن بىرەرسى يۇقرى مائاش بىلەن ئىشلىتىشى مومكىن…:mrgreen:

  8. تاماشىبىن 2012.11.28 , 18:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىسكىرىپكىنى ئەسلى شىمپەنزىنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن ئىلھام ئېلىپ ياسىغانىكەن……

  9. تىـكەن 2012.11.29 , 03:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ نىمىتى ماۋۇ ساغرىسىدا چالدىكەن
    http://v.youku.com/v_show/id_XNDQ0Njc3NDgw.html

  10. روسلان 2012.11.29 , 22:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۈزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى كۈلىۋېرىپ ھى ھى ھى

  11. سەھرالىق 2012.12.04 , 22:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ساراڭكەن ئاۋۇ:mrgreen:

  12. ئۇيغۇرباي 2012.12.07 , 00:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاھاھا…. چىرايىمۇ ئاجايىپ ھەجىۋىي ئىكەن .ئۇنى كۆرىۋېتىپ مىنىڭ چىرايىممۇ كۇرمىڭ قېتىم ئۆزگىرىپ بولدى ….:mrgreen:

  13. ھاپاپاپاپاپاپاپاپاپاپاپ 2012.12.09 , 23:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارغا بەك ئوخشامدۇ قانداق .. .؟

  14. شامال 2012.12.17 , 13:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىلگىرى ئىككى ياپون يىگىتنىڭ مۇشۇنىڭدەك ھەجۋىي ھەرىكەت بىلەن مۇزىكىغا ماسلاشقان فىلىمىنى كۆرگەنتىم. لېكىن ئۇلار ماۋۇ كىشىنىڭ قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بېرەلمىگىدەك!:mrgreen:
    قېنى ! مۇزىكا سېزىمى كۈچلۈك قىزلاردىن بىرەرسىڭلار كېلىپ ھەرىكىتىڭلار بىلەن تورخۇمارنى قىزىتىۋەتمەمسىلەر ! ھا ھا…

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量