كۆرۈنمە يۈزى ئىنتايىن ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى ئويۇن – Shank
EA تارقاتقان مەزكۇر ئويۇندىكى ۋەقەلىك بولسا، باش پېرسوناژ Shank نىڭ قىز دوستى باشقىلار تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرىلىدۇ ۋە جەسىتى كۆيدۈرىۋېتىلىدۇ، شۇندىن ئېتىبارەن Shank قىساس ئېلىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ، ۋۇجۇدىنى ئۆچمەنلىك ۋە ئىنتىقام چىرمىۋالغان Shank قىز دوستىنىڭ قىساسىنى ئالالارمۇ؟ دۈشمەنلىرىدىن غالىپ كېلەلەرمۇ؟ ئەلۋەتتە بۇنى ئوينىغۇچى بولغان بىز بەلگىلەيمىز، ئۇنداقتا Shank نىڭ قىساسىنى بىللە ئېلىشىپ بەرمەيمىزمۇ؟
Klei Entertainment خىزمەتخانىسى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ۋە EA تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئەڭ يېڭى ئويۇن Shank بولسا، پۈتۈنلەي يېڭىچە كومىك شەكلىدىكى كۆرۈنمە يۈزگە ئىگە ۋە ئۆزگىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەقەلىك ئاساسىدا راۋاجلىنىدىغان، ھەرىكەت تىپىگە تەۋە بىر تۈرلۈك ئويۇن، ئويۇندا بىز Shank تىن ئىبارەت باش پېرسوناژنى كونترول قىلىش ئارقىلىق خىلمۇ-خىلمۇ دۈشمەنلەر ۋە چوڭ Boss لار بىلەن جەڭگە چۈشىمىز. ئويۇندا Shank كە توكلۇق ھەرە، تاپانچا، خەنجەر قاتارلىق نۇرغۇن ئېغىر تىپتىكى جان ئالغۇچى قوراللار سەپلەپ بېرىلگەن بولۇپ، ئويۇننىڭ ئادەمگە بولغان زوقى ۋە ھاياجانى ئىنتايىن يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ…
ئويۇننىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلىۋى:
OS: Windows XP/Vista/Windows 7
Processor: Intel Pentium 4 (or equivalent) running at 1.7 GHz or greater
Memory: 1 GB of ram, 1.5 GB (Vista and Windows 7)
Hard Disk Space: at least 2 GB of free HD space
Video Card: ATI Radeon X1800 GTO 256MB and the Nvidia GeForce 6800 Ultra 256MB cards
DirectX®: DirectX9 Jun 2010
قاچىلاش باسقۇچلىرى:
1. پرىستېن يېشىمىز
2. setub.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلاش مەشغۇلاتىنى ئاكتىپلايمىز
3. يېشىش يامىقىنى ئويۇن قاچىلانغان ھۆججەت قىسقۇچتىكى bin مۇندەرىجىسى ئىچىگە قاپلاپ بېرىمىز
4. ئېكراندىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق ئويۇننى باشلايمىز، ئوينىغاندا قىيىنلىق دەرىجىسىنى چوقۇم Normal قىلىپ تاللاڭ، بولمىسا ئويۇننى ھەر قېتىم ئوينىغاندا باشتىن ئويناشقا توغرا كېلىدۇ
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشىرىسىز):
Shank نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com | يېشىش يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن، كومىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,567 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى
- يازما مەنزىلى: shank.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كىچىك Flash ئويۇن – يا ئوقى ئارقىلىق ئۆلۈم ئالدىدىكى كىشىلەرنى قۇتقۇزىۋېلىش
- كېيىنكى يازما > كلاسسىك ئويۇن: ئىتتىپاقداش پىدائىيلار(Commandos 2) خەنچە نەشىرى | 盟军敢死队:勇往直前
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
- [ئويۇن] مەكس: قېرىنداشنىڭ قاغىشى
- مارىيو ئويۇنىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تۈگىتىش رېكورتى يەنە يېڭىلىنىپتۇ
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 11: يۇقىرى دەرىجىلىك جەڭ» نىڭ تۇنجى تەشۋىق فىلىمى ئاشكارىلاندى
- Blizzard نىڭ Dota تىپىدىكى ھەقسىز ئويۇنى: Heroes of the Storm
يىڭى ئويۇنكەندە بۇ… ئوينىماي بولمايدۇ چۈشۈرۈشكە باشلىدىم ئەمسە.
css بىلەن تونۇش قاندىن كېيىن ئۇيۇن ئوينىماس بولۇپ كەتتىم جۇمۇ…
خەپ …. سىنكارتام تۆۋەن كىلىپ قالغىدەك…
بولمىسا ھەقىقەتەن ئېسىلدەك قىلىدۇ بۇ ئويۇن .
سىنكارتىغا بولغان تەلەپ ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ناۋادا 2007-يىلىدىن كېيىن سېتىۋالغان PC بولسا ئىككىلەنمەي چۈشۈرۈپ قاچىلاۋېرىڭ.
مېنىڭ ئەتتىگەنكى ئېنكاسلىرىم قېنى ؟ يۇيىۋەتتىڭىزمۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ؟ تور بېكىتىم چاتاق ئەمەستۇ ؟
ۋېرۇس دىگەن ئىسمىڭىز سىپەملىنىپ قالغان گەپ!
ئىسىل ئويۇن ئىكەن لىكىن ماۋۇ Boss لارنى ئۆلتىرمەك ھەجەپ تەسكىنا…
مەن ئويناۋاتىمەن، بىر نەچچە ئۆتكەل تۈگىدى، جىلە بولغاندا خۇمار باسىدىغان ئوبدان ئويۇنكەن بۇ، ھا ھا ھا
نىمانداق ئاز ئويۇن بۇ،7 سائەت ئۆتمەيلا تۈگەپ قالدىغۇ؟
بۇ ئويۇننى ئىشلەش ئۈچۈن نەچچە ئاي ۋاقىت كەتكەن بولغىتى،
مەن 7 سائەتتىلا تۈگىتۋەتتىم.
مەنمۇ ئويناپ باقاي ئەمىسە
ياخشى ئۇيۇندەك قىلىدۇ چۈشۈرۈپ بىر ئويناپ كۆرەي
win7 دە ئېچىلمىدى. DirectX نىڭ بىر نىمىسى كام دەيدۇ. لىكىن DirectX قاچىلىدىم بولمىسا…
ئويۇن قاچىلىغاندا DirectX نى ئاپتوماتىك يېڭىلاپ بېرەتتى، بەك بولمىسا ئەڭ يېڭى نەشىردىكى DirectX نى قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ ياكى ئويۇننى قايتىدىن تورغا ئۇلانغان ھالەتتە قاچىلاپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نوچى ئويۇنكەن مەن ئۆتۈپ بولالماي ئاخىرى قان بومبا تۈگىمەس قىلىپ ئويناپ تۈگەتتىم
تىزگىنەك بىلەن ئوينايدىغان ئويۇن تاپالماي يۈرگەن،ھەجەپ ئۇچراپ قالدى،رەھمەت.