يولغا خىش باسىدىغان پرىنتېر؟؟؟ چەتئەللىكلەرنىڭ يولنى قانداق ئوڭشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ!
كىچىك ۋاقتىمىزدا، مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدىكى يولنى ئىشچىلارنىڭ دائىم دېگۈدەك رېمونتلاپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ تۇراتتىم. بىراق تاكى مەن ئالىي مەكتەپكە كەتكۈچە بۇ يوللار تېخىچە يېرىم رېمونت ھالىتىدە تۇرىۋەردى. گەرچە، بۇ بۇزۇق يول بىر قانچە ئادەمگە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلىگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنچىلىك جاپادا ھەم ئۇزۇندا پۈتىدىغان ئىش ئىكەنلىگىنى ئويلىغىنىمدا، ئىچىم بىر خىل بولۇپ قالاتتى…
ناۋادا، مۇشۇنداق يول ئوڭشايدىغان ئۈسكۈنىدىن بىرسى بولسا، بىراقلا ئوڭشىۋەتسە بولماسمۇ؟ قارىغاندا، بۇ خىيالىممۇ كاللىسى ئۆتكۈر ئەجنەبىيلەر تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ بولۇنغاندەك قىلىدۇ…
قارايدىغان بولساق، بۇلارنىڭ بۇ يولى بىزنىڭ مەھەللىدىكى يولدىن خېلىلا رەتلىك ۋە ئۆلچەملىك چىققاندەك قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ بىر قانچە ئادەملا كېتىدىغان ئىشكەن. ئىككى ئادەم ئالدى تەرەپتىن ياتقۇزىلىدىغان خىشلارنى تىزىپلا بەرسە، بۇ تەرەپتىن تاراسلىتىپ يول يۈزىگە خىش بېسىپ چىقىدىكەن، ھەقىقەتەن يولغا خىش باسىدىغان پرېنتېرنىڭ ئۆزىكەن!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: سىرلىق، قىزىقارلىق، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,140 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: road-printer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يېڭى يىلدا نېمە سوۋغا سېتىۋېلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟ iPhone ياكى چىرايلىق لايىھەلەنگەن ياندېسكا؟
- كېيىنكى يازما > ناخشا تېكىستىنى مۇنداق ئورۇنلاشتۇرسىمۇ بولىدىكەن، Hey Jude نىڭ ناخشا تېكىست دېئاگراممىسى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
rasim eqilmidi. ongxap koysingiz bolgudak. .
يولغا خىش باسىدىغان پرىنتېر؟؟؟
توۋا، تەرەققىيات بۇنداق بۇلىۋەرسە، ئاخىر زامانمۇ تېزلا يېتىپ كەلگىدەك….
ئەجەب رەتلىك باسىدىكىنا ؟!
بۇنداق ئۈسكۈنىدە خىش ياتقۇزسا بەل ئاغرىمىغىدەك.
ئىشلەمچىلىنىڭ كۈنى تىخمۇ تەسلىشىپ كەتكۈدەك!
ئارقىدىكى 压路机 بولسا ئالدىدىكى 打路机 كەندە
قالتىس ئويلاپ قويۇپتۇ-يا بۇخەقلەر!
چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن .
خىزمەتچىلەر تىزىپ بىرىۋاتقاندەك قىلامدۇ يا …. ماڭا شۇنداق كۈرۈندىمۇ
راس خىشمىدۇ يا، كاۋچۇكمىدۇ؟
سەھرالىقكا …. مەن ساندان مەسىلىسىنى ھەل قىپ قويدۇم . سىزنى ساقلاپ قالدىم …
مانا-مانا…كەلدىم
ئاپامغا دىمەي تۇراي
ئەمدى يول ياسايدىغان يەردە ئىشلىسىمۇ تىخنىكا كەتكۇدەك
ماۋۇ ماشنا ئىسمى جىسمىغا لايىق مۇنەۋەر كېسەكچى ئىكەن
ئاۋۇ ماشىنىنىڭ ئۈستىدىكى ئېنگىلىزچە خەتتە جۇڭگو دەپ تۇرامدۇ نېمە؟ جۇڭگودىن كىرگۈزمىگەندۇ ھە؟
ماۋۇنى بىزنىڭ سەھراغا ئېلىپ كەلسا بۇ ماشىننىڭ پۇلىنى بىر ئايدا تېپىپ بولغۇدەك تۇرىدۇ.
قالتىس