نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

تەلۋىلەشكەن دېھقانچىلىق مەيدانى1(farmfrenzy) | يانفون ۋە PC دە ئوخشاشلا ئوينىيالايسىز!

بىكار قالغان چاغدا ئوينايدىغان ئويۇن - تەلۋىلەشكەن دېھقانچىلىق مەيدانى1(farmfrenzy)

تەلۋىلەشكەن دېھقانچىلىق مەيدانى(farmfrenzy) بولسا، بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى ئويۇن بولۇپ، بەلكىم خېلى كۆپ تورداشلار ئويناپ باققان بولۇشى، ئويناۋاتقان بولۇشى ۋە ياكى يەنىلا بىر قىسىم تورداشلار ئويناپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئويۇننىڭ مۇۋازىنەت دەرىجىسى ئىنتايىن مۇۋاپىق تەڭشەلگەن، بىر ئۆتكەلدىكى بېرىلگەن ۋەزىپىنى تۈگەتمەي تۇرۇپ، يەنە بىر ئۆتكەلگە ئۆتەلمەيسىز، بىكار قالغان چاغدا، ئىچىڭىز پۇشقان چاغدا ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان، ئادەمنى زېرىكتۈرمەيدىغان ئويۇننىڭ بىرى، ئەڭ مۇھىمى بۇ ئويۇننى يانفوندىمۇ ئوخشاشلا ئوينىغىلى بولىدۇ!!!

ئويۇندا سىزگە بېرىلگەن دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە بىر قىسىم باقمىچىلىق ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق ھەرخىل ھايۋاناتلار، مەسىلەن كالا، قوي، توخۇ دېگەندەكلەرنى باقىسىز ۋە بۇ ھايۋانلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا قوي يۇڭى، كالا گۆشى، توخۇ تۇخۇمى دېگەندەك مەھسۇلاتلارنى يىغىۋالىسىز، بۇ مەھسۇلاتلارنى سىز بىۋاستە سېتىۋەتسىڭىزمۇ، ياكى بۇ مەھسۇلاتلارنى يەنىمۇ پىششىقلاپ ئىشلەپ، سۈت پاراشوكى، پوپايكا دېگەندەك مەھسۇلاتلارنى چىقىرىپ تېخىمۇ يۇقىرى باھادا سېتىپ پايدا ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ، پۇلىڭىز كۆپەيگەنسىرى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئەسلىھەلەرنى كۆپلەپ سېتىۋالالايسىز، دەرىجىسىنى كۆتۈرىۋالالايسىز…ئەلۋەتتە ئىش بۇنىڭ بىلەن ئىش تۈگىگىنى يوق، بەزىدە قورسىقى ئېچىپ غالجىرلاشقان ئېيىقلار دېھقانچىلىق مەيدانىڭىزغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشى، قوي-كالىلىرىڭىزنى يەپ قويۇشى، ھەتتا توخۇلىرىڭىزنى قورقۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا سىزدە چوقۇم يۈكسەك دەرىجىدىكى ھوشيارلىق ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بولۇشى كېرەك.
كىشىنى خوش قىلىدىغىنى، نۆۋەتتە بۇ ئويۇننىڭ PC(كومپيۇتېر) نەشىرىدىن باشقا يەنە يانفون نەشىرىمۇ تەمىنلەنگەن، سىزدە پەقەت بىر دانە Symbian S60v5 تىپىدىكى سەزمە ئېكرانلىق يانفون بولسىلا، يانفونىڭىزدىمۇ بۇ ئويۇننىڭ پەيزىنى سۈرەلەيسىز، كوچىلاردا، ئاپتوبۇسلاردا، كۈتۈپخانىدا ۋە ياكى ھاجەتخانىدا بولسۇن، قوي-كالىلىرىڭىز يەنىلا سىزگە ھەمرا بولىدۇ. تەييارلاندىڭىزمۇ؟ قېنى ئەمىسە ئويۇنغا مەرھەمەت!

ئويۇن نامى: تەلۋىلەشكەن دېھقانچىلىق مەيدانى(1-ئەۋلاد)
ئېنگلىزچە نامى: Farm Frenzy
PC نەشىرى ئويۇن سىغىمى: 20MB
يانفون نەشىرى ئويۇن سىغىمى: 750KB
پرىستېن يېشىش پارولى: www.torhumar.com

يانفون نەشىرى NOKIA نىڭ S60v5 نەشىرىدىكى بارلىق سەزمە ئېكرانلىق يانفونلارغا، مەسىلەن NOKIA 5800,5800i,5230,X6,N97,N97mini,5233,5530 قاتارلىق يانفونلىرىدا ئوخشاش نورمال ئىشلەيدۇ!

ئەسكەرتىش: يانفون نەشىرى rar شەكىلدىكى بولاق بولۇپ، چۈشۈرۈپ يايغاندىن كېيىن، ئىچىدىن كېڭەيتىلگەن نامى jar بولغان ھۆججەت چىقىدۇ، مۇشۇ ھۆججەتنى يانفون سىغىمكارتىسى(存储卡) غا كۆچۈرۈپ ئېلىپ، يانفوندا قاچىلاش ئېلىپ بارساق بولدى.

چۈشۈرۈش مەنزىللىرى:
تەلۋىلەشكەن دېھقانچىلىق مەيدانى | مەنبەسى: torhumar.com | يانفون نەشىرى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
  • ھالقىلىق ســــۆز:
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,088 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 16-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: farm-frenzy-1.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. پەرۋاز 2010.09.08 , 02:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت ، تېلفۇنۇمغا قاچىلىۋالدىم .

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量