نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما كۆرۈش

بالىلىق دەۋرىمىزدىكى كلاسسىك ئويۇنلارنىڭ بىرى – كوچا زومىگىرى ئەڭ يېڭى نەشىرى

بالىلىق دەۋرىمىزدىكى كلاسسىك ئويۇنلارنىڭ بىرى - كوچا زومىگىرى ئەڭ يېڭى نەشىرى

ئويۇننىڭ قىستۇرما رەسىمىگە قاراپلا قايسى ئويۇن ئىكەنلىكىنى پەرەز قىپ بولدىڭىز ھەقىچان، توغرا! بۇ دەل بىز كىچىك چېغىمىزدا 街霸 دەپ ئاتىۋالىدىغان، 5-6 ئادەم ئۇتتۇرىۋەتكەننىڭ ئورنىغا چۈشۈپ نۆۋەت بىلەن ئوينايدىغان ئويۇن. بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىم بولسا، CAPCOM شىركىتىنىڭ پەخىرلىك ئەسىرى بولغان كوچا زومىگىرى(خەنچە نامى: 街头霸王4، ئېنگلىزچە نامى: Street Fighter) ئويۇنىنىڭ ئەڭ يېڭى 4-ئەۋلاد نۇسخىسى…

نۆۋەتتە ئويۇن ئەنئەنىۋى 2D لىك كۆرۈنمە يۈز ئاساسىدا ئەڭ يېڭى 3D لىك كۆرۈنمە يۈز سىزىش تېخنىكىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېڭىچە بىر خىل ئۈنۈمدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئويۇن مەيلى كۆرۈنمە يۈز جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئويۇندىكى پېرسوناژلار جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئويۇن تەگئۈنى جەھەتتە بولسۇن ۋە ياكى ئويۇننىڭ كىشىنى ھاياجانلاندۇرۇش دەرىجىسى جەھەتتە بولسۇن، قالتىس چىققان ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. تۆۋەندە ئويۇندىن بىر قىسىم قىستۇرمىلارنى كۆرەيلى:

بالىلىق دەۋرىمىزدىكى كلاسسىك ئويۇنلارنىڭ بىرى - كوچا زومىگىرى ئەڭ يېڭى نەشىرى

بالىلىق دەۋرىمىزدىكى كلاسسىك ئويۇنلارنىڭ بىرى - كوچا زومىگىرى ئەڭ يېڭى نەشىرى

بالىلىق دەۋرىمىزدىكى كلاسسىك ئويۇنلارنىڭ بىرى - كوچا زومىگىرى ئەڭ يېڭى نەشىرى

مەزكۇر ئويۇننى ئىچكى توردىكى ئىككى كومپيۇتېردا ئۆز-ئارا تورلاشتۇرۇپمۇ ئوينىغىلى بولىدۇ، تورلاشتۇرۇش سۈرئىتىمۇ ئىنتايىن تېز. ئەلۋەتتە ئويۇننىڭ تېخنىكىلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، كومپيۇتېر قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە بولغان تەلەپتىمۇ ئاز-تولا كۆتۈرۈلۈش بولغان.

قاتتىق دېتالغا بولغان تەلەپ:
سېستىما: Windows XP/Vista/7
ھېسابلىغۇچ: Intel Core 2 Duo 1.8Ghz ياكى AMD Athlon X2 64 2.4Ghz
ئىچكى ساقلىغۇچ: 1GB
قاتتىق دېسكا: 10G بوشلۇق بولۇشى كېرەك
سىنكارتا: 256MB NVIDIA 6600/256MB ATI X1600T
ئۈنكارتا: DirectX 9.0C نى قوللىشى كېرەك
تورلاشتۇرۇپ ئوينىغاندا تور سۈرئىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپ: 512Kbs ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى تور سۈرئەتتە بولۇشى كېرەك

قاچىلاش ئۇسۇلى:
1. چۈشۈرۈپ پرىستىن يايىمىز
2. setup.bat ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز
3. ئۈستەل يۈزىدىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق ئويۇننى باشلاپ كەتسەك بولدى

چۈشۈرۈش مەنزىلى:
كوچا زومىگىرى ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈش(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ) | مەنبەسى: torhumar.com

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 7 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ,
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 2,374 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 10-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: street-fighter-4.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. ئوت يۈرەك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىزنىڭ بىلوگىڭىزنىڭ يىڭىلىنىش سۈرئىتى ھەقىقەتەن تىزكەن جۇمۇ!
    مەن بىلوگقا قانداق تىما يىزىش كىرەكلىكىنى سىزدىن ئۆگىنىۋاتىمەن.مەنمۇ ئۇزۇنغا قالماي بىربىلوگ قورۇپ چىقىمەن ئىسمىنى نىمە قويۇش توغۇرلۇق ھازىرغىچە ئويلۇشۇپ بولالمايۋاتىمەن.
    مەن كۈندە بىلوگىڭىزدا بار.. :lol:

    • torhumar :

      قالتىسقۇ؟ سېپىمىزگە قوشۇلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن بۇرادەر! :cool:

  2. يۈكسەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن داۋاملىق ھېلىقى گېرمانىيىلىك ساقچى بولۇپ مۇشتىلاشتتىم. بولمىسا ھامان ئۇتتۇرۇپ قوياتتىم . 14 دىيۇملۇق ئىكرانىغا رەڭلىك قەغەز چاپلانغان تېلۋۇزۇردا موگو، رامبو، ئادىگۇت دېگەنلەرنى ئويناشنىڭ ھۇزۇرنى ھازىرقى باللار بىلمەيدۇ – دە ! :lol:

  3. uyghurbeg : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاكامنى ھەر دائىم ئۇتۇۋېلىپ تاياق يەيتىم،ھەي!…

  4. تۇرغۇنجان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامئەلەيكۇم!
    بۇ ئويۇندا ئىككى ئادەم قارمۇقارشى ئويناش ئۈچۈن قانداق قىلىدۇ؟ مەندە بىردانە قوللۇق بار(يەنە بىرى كۇنۇپكا تاختا)،لېكىن ئىچىدىكى 玩家对战玩家گە كىرگەندە پەقەت بىرلا ئادەم تاللىغىنى بولىدىكەن،ئىككى ئادەم مۇشلىشالمىدۇق… قانداق تەڭشەيدۇ؟ ياردەم قىلغان بولسىڭىز..

  5. مىسران : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ھەقىقى ئۆلمەس ئويۇن. ھازىر تېلېۋىزوردا تۇرۇپلا توردا ئوينايدىغان بوپ كەتتى. ئەمما سىزنىڭ مەنبەنى تورخۇمار تورى دېيىشىڭىز سەل غەلىتىلىك تۇرىدۇ….

  6. بايلىق بلوگى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئەسلى بىر كىچىك ئويۇنتىغۇ نىمانداق چوڭ بولۇپ كەتگەندۇ سىغىمىمۇ بەكلا چوڭ كەن

 汗