قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان نادىر ئويۇن – ئۆسۈملۈك-مۇردا ئۇرۇشى يىللىق ئەڭ يېڭى نەشىرى
ئۆسۈملۈك ۋە جەسەت ئۇرۇشى – خەنچە نامى 植物大战僵尸 ئويۇنى بولسا ئالدىنقى يىلىدىكى ئەڭ مودا ئويۇنلارنىڭ بىرى. ئوماق لايىھەلەنگەن ئۆسۈملۈك ۋە جەسەتلەر، توختىماستىن يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان جەڭ مەيدانى مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى بالىلار بولسۇن، مەيلى ئوغۇل ياكى قىزلار بولسۇن، ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇپ ئوينىشىغا ئېرىشتى. بۇداقىسى PopCap چىقارغان ئەڭ يېڭى «ئۆسۈملۈك جەسەت ئۇرۇشى يىللىق نەشىرى» بولۇپ ، دىسكو ئوينىيالايدىغان مۇردا قوشۇلغاندىن باشقا، يەنە 20 خىلدىن ئارتۇق مەيدان، «ئۆزگىرىشچان جەسەت» ھالىتى قاتارلىقلار قوشۇلغان، ئوينىغۇچىلار ئويۇندا پۈتۈنلەي ئۆز ئېھتىياجى بويىچە خالىغان بىر خىل ھالەتتىكى مۇردا شەكلىنى لايىھەلەپ چىقالايدۇ ۋە بۇ لايىھەنى Facebook، Twitter قاتارلىق تور بېكەتلەردە باش سۈرەت قىلىپ ئىشلىتەلەيدۇ.
بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسلانغاندا Windows 7 دە ئويۇننى نورمال ئىجرا قىلالمىغان، بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئۇسۇلنى سىناپ كۆرۈپ بېقىڭ:
1. ئويۇن قاچىلانغان ھۆججەت قىسقۇچتىكى PVZ پروگراممىسىنىڭ تاللاپ مائۇسنى ئوڭ چېكىپ خاسلىق(属性) نى تاللاپ، ئۇنى ماسلىشىشچانلىق(兼容性) نى تاللاپ، XP SP3 ھالىتىگە ئۆزگەرتىپ قويساقلا بولىدۇ، ئاندىن ئاستى تەرەپتىكى 始终以管理员模式运行 نى تاللاپ قويۇپ جەزملەشتۈرسەكلا كۇپايە.
2. بىۋاستە C:\ProgramData\PopCap Games ھۆججەت قىسقۇچىنى ئۆچۈرىۋەتسەكلا بولدى، بۇنداق بولغاندا 1-خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش ھاجەتسىز. بۇ ئاساسلىقى بۇرۇنقى ئارخىپ ھۆججىتى بىلەن يېڭى قۇرۇلغان ئارخىپ ھۆججىتى توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان مەسىلە.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:(迅雷دا چۈشۈرۈڭ)
ئۆسۈملۈك ۋە مۇردا ئۇرۇشى يىللىق نەشىرىنى چۈشۈرۈش | مەنبەسى: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,211 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: plants-vs-zombies-year-edition.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Tviglo دىن يەنە بىر قانچە ئەسەر – Contra VS Tetris
- كېيىنكى يازما > كلاسسىك ئويۇن – قېتىشما ئوق بېشى(合金弹头) ئويۇنىنىڭ 1 دىن 6 گىچە بارلىق نەشىر توپلىمى!
مەنمۇ ھېلىھەم ئويناۋاتىمەن بۇ كاساپەتنى…
پەچەت ئويۇندە ….يىڭى نەشىرىنى چۈشۈرۋالاي…….
پەيزى جۇمۇ بۇ كاساپەت . زىرىكمەيدۇ كىشى…
بۇ كاسا پەت چۈشمىدى غۇ
بۇ كاساپەت پەت چۈشمىدى غۇ
迅雷 ئىشلىتىپ چۈشۈرۈپ بېقىڭ
بوپكۇيدىغان ئويۇندە …. ھازىرقىچە 2009 دىكىنى ئويناۋاتىمەن .
بۇ ئويۇننى ئويناۋىتىپ ،خىيالىمدا ئاجايىپ بىر شېرىنئارزۇلاردا بولۇپ كەتكەن ئىدىم. كىلەچكتە ئۇيغۇر ئەپسانە -رىۋايەتلىرىنى ئارقا كۆرۆنۇش قىلغان مۇشۇنداق جەلىپكار ئويۇنلار بارلىققا كەلسە دەپ..
كاساپەتنىڭ ناخشىسىنى سەت ياختۇراتتىم.
كىم تاپالاۇدۇ شۇنى…….
بەك ياقتۇراتتم لىكىن چۈشمىدى
بۇ ئويۇن ئادەمنىڭ بەكمۇ ۋاقتىنى ئالىدۇ.
مەن بۇرۇنقى نەشىرىنى ئويناپ تۈگىتىپ بولغان بۇنى ئپيناپ باقماپتىكەنمەن بۇنىمۇ بىر ئويناپ باقاي قىنى