11-قەۋەتتىن سەكرىگەن چېغىمدا، ئاندىن تۇرمۇشنىڭ نەقەدەر گۈزەللىگىنى ھېس قىلدىم…
ئادەمنىڭ ئۆمرى تولىمۇ قىسقا بولىدۇ، بىراق، مۇشۇ قىسقىنا ھاياتتا يولۇققان مۈشكۈلاتلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتۇرۇش يولىنى تاللايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. تۆۋەندە، مەلۇم بىرەيلەننىڭ 11-قەۋەتتىن سەكرىگەندىن كېيىنكى قىسغىنا نەچچە مىنۇت ئىچىدە كۆرگەن ۋە كاللىسىدا چاقناپ ئۆتكەن ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈش ھېسىياتى ئىپادىلەنگەن كومىكلارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى…
تۇرمۇشۇم شۇنداق مەنىسىز، بۇدۇنيادا ياشىشىمنىڭ ئەھمىيىتى يوقتەكلا ھېس قىلىمەن. باشقىلارنىڭ ئاشۇ خاتىرجەم غەم-ئەندىشىسىز يۈرگىنىنى كۆرسەم، ئۆزۈمنىڭ بۇ دۇنيادا نەقەدەر بىر تەلەيسىز ئىنسان ئىكەنلىگىمنى ھېس قىلىپ، ئازاپتىن بوغۇلۇپ كېتىمەن. شۇڭا ئەڭ ئاخىرى، ئۆزۈم تۇرىۋاتقان بىنانىڭ چوققىسىدىن سەكرەپ ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارىغا كەلدىم…
ئۆزۈمنى پەسكە ئاتتىم، 10-قەۋەتكە كەلگەندە دەرىزىدىن يېڭى توي قىلىپ كۆچۈپ كەلگەن ئامراق ئەر-خوتۇنلارنىڭ سوقۇشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم
9-قەۋەتكە كەلگەندە، مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئەڭ قەيسەر NANA خانىمنىڭ يالغۇز يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم
8-قەۋەتتە، يامېي خانقىز يولدىشى بىلەن بىرگە ياتقان ئاشنىسىغا قاراپ تۇراتتى…
7-قەۋەتكە كەلگەندە، دەننىينىڭ خامۇشلۇق كېسىلى دورىسى ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم
6-قەۋەتتىكى ئىشسىز تام بولسا، تېخىچە گېزىتتىن يېڭى خىزمەت ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەپ ئولتۇراتتى
5-قەۋەتتە، نەنسىي يېڭى ئوغۇل دوستى بىلەن ئايرىلىپ كېتىمەن دەپ غەلۋە قىلىۋاتقان ئىدى
4-قەۋەتتىكى جون تاغا يەنە ھەر كۈنىدىكىدەك، بىرەيلەننىڭ ئۆزىنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قاراپ تۇراتتى
3- قەۋەتتە، لىلى تېخىچە ئۆزىنىڭ توي قىلىپ يېرىم يىلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقالغان يولدىشىنىڭ رەسىمىگە قاراپ تۇراتتى
ئۆگزىدىن سەكرەشتىن بۇرۇن، مەن ئۆزەمنى بۇدۇنيادىكى ئەڭ نەس باسقان ئادەم دەپ ئويلايتىم…
ھازىر مەن ھەر بىر ئادەمنىڭ باشقىلار بىلمەيدىغان بىر قىيىنچىلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدىم…
ئۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن ئەمەلىيەتتە ئۆزەمنىڭ ئۇلاردىن ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم…
باياتىن مەن كۆرگەن ھەممەيلەن، ئەمدى ماڭا قاراپ تۇراتتى…
مېنىڭچە، ئۇلار مېنى كۆرگەندىن كېيىن چوقۇم ئۆزىنى مېنىڭدىن ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىمىز دەپ قارايدۇ، بىراق بۇ چاغدا مەن بىر جۈپ كۆزۈمنى مەڭگۈلۈك يۇمغان ئىدىم…
…………………………..
ئەمەلىيەتتە، ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ئوخشاش، ئۆزىڭىزنى بەختسىز ھېسابلىغان چېغىڭىزدا، بەلكىم باشقىلار سىزدىنمۇ بەتتەر تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا قانائەتلىنىشنى ۋە قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. سۆزۈمگە ئىشىنىپ، ھازىرقى بەختىيار مىنۇتلىرىڭىزنى ياخشى قەدىرلەڭ، ھەرگىز ئۆتكەن كۈنلەر ئۈچۈن ئارتۇقچە قايغۇرۇپ يۈرمەڭ. تۇرمۇش – ئەمەلىيەتتە بەك گۈزەل نەرسە!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش,ھاياتلىق,ھېسىيات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 971 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: jumped-from-11th-floor.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Windows 8 نىڭ ئەڭ يېڭى ئاشكارىلانغان نۇسخىسى ۋە قىسقىچە تەسىرات
- كېيىنكى يازما > مارىيو تاغا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى مۇردىلارغا يولۇققاندا…
ھەقىقەتەن ياخشى بىر ماقالىكەن~! بىزنىڭ ئوتتىرا مەكتەپ دەرىسلىكىمىزگە نىمىشقا مۇشۇنداق ماقلىلەرنى ‹ئوقۇشلۇق› قىلىپ كىرگۈزمەيدۇ؟
ناھايىتى توغرا ئېيتىسىز، ئەمەلىيەتتە دەرسلىك كىتاپلاردا ئىرادىلىك ياشلاردىن بولايلى دېگەندەك شوئارلارنى كۆپ توۋلايدۇ، بۇ ئەسەردەك ئەمەلىي مىساللارنى ئاز سۆزلەيدۇ، مېنىڭچە ئەمەلىي مىسالدىن ئېرىشكەن يەكۈننىڭ ئۈنۈمى شۇئارنىڭ كۆرسەتكەن ئۈنۈمىدىن كۆپ يوقۇرى بولىدۇ.
ھەي… بىچارە… دەتكە چىدىمىغانلار بىر كۆرسە بولدىغان يازمىكەن بۇ، كېيىنچە دەت كەلگىدەك بولسا مەنمۇ بېرىپ باشقىلارنىڭ دەرىزىسىدىن ماراپ باقسام بولغىدەك…
مەن بۇرۇن بۇنى كۆرگەن ئىدىم ھەم ماڭا ئۇ ئىش بەك تەسىر قىلغان! لىكىن كىيىن تاپالماي يۈرەتتىم بۇ يەردىن ئۇچرىتىپ قالدىم! لىكىن ئاشۇ ۋاقىتتا كۆرگىنىمگە تازا ئوخشىمايدىكەن ئاشۇ ۋاقىتتا كۆرگىنىمدىكىدەك ياخشى ئەمەسكەن
پاراشوت بىلەن سەكرىمىگەندۇ ھە ، ھەر بىر قەۋەتتىكى ئىشنى كۆرۈپ ئۈلگۈرۈپتۇ … شۇڭا دەيمەن …
ئۆرۈك مېغىزىنىڭ تاتلىقى ياخشى يىمىش ، ئاچچىغى ياخشى دورۇلۇق .
3- قەۋەتتە، لىلى تېخىچە ئۆزىنىڭ توي قىلىپ يېرىم يىلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقالغان يولدىشىنىڭ رەسىمىگە قاراپ تۇراتتى
ماۋۇ سۆزدىكى يېرىم يىلدىن كىيىن ئىز-دېرەكسىز يوقالغان يولدىشى دىگەن گەپ تازا قاملاشمىدىمۇ نېمە ؟
خۇددى ئەتە چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىگە بارغان دىگەندەكلا …
مەن خاتا ئوقۇۋاپتىمەن جۇمۇ
ھەر بىر ئىنساننىڭ بىشىغا كىلىدىغان ئىش ، ئوقۇشقا تىگىشلىك يازما …
قاقشىغانغا شۇنداق ئۆچمەن . لىكىن مۇشۇ قىزلار ياتىقىمغا قاقشاپ كىرىشتىن باشىقىنى ئۇقمايدۇ ،خۇددى جاھاندا مەنلا ھىجاراپ ياخشى ياشاپ كېتىپ بارغاندەك . ئەمدى شۇنداق قىلسا گەپ سۆزقىلمايلا تورخۇماردىكى ماۋۇ تېمىنى ئېچىپ كۆرسىتىپ قويۇپ تىكىۋەتمىسەم
ئىم… مەن گەپ قىلماي، قۇتياردا يازاي قالدى-قاتتى گەپنى
ئۆلۈپ بولغان ئادەمنىڭ ھىكايىسى…؟
بولىدۇ سەھرالىق ، مەن قۇتياردا ھەركۈنى بار جۇمۇ .
ھايات مەنىسىز تۇيۇلغاندا ياشىغۇسى كەلمەيدىكەن كىشىنىڭ، مەسىلە« توققۇزىڭىز تەل»لىككە ئەمەس، بۇ ھاياتىڭىز مەنىلىكمۇ ياكى ئەمەستە؟ بىراق بىنادىن سەكرەش بەك قورقۇنۇشلۇق، ئېگىزلىكتىن قورقىمەن، ئۆلۈۋالغۇم كەلسە، ھەرگىزمۇ بىنادىن سەكرىمەسمىنا!
نەفىسە : سېز قانداق قىلاتتېڭېز
بۇ توغرىسىدا مەنمۇ ھازىرغىچە ئويلىشىۋاتىمەن دەڭا، مۇۋاپىق ئۇسۇل تاپسام، سىزگە دەپ قويۇپ سىناپ باقىمەن….