نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > ھېسسىي دۇنيا > يازما كۆرۈش

Apple رىۋايىتىنىڭ گۇۋاھچىسى – Steve Jobs نىڭ ستەنفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

Apple رىۋايىتىنىڭ گۇۋاھچىسى - Steve Jobs نىڭ ستەنفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

مۇشۇ يازمىنى كۆرۈۋاتقانلار ئىچىدە Steve Jobs نى بىلىدىغانلار كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن ، لىكىن Apple ، iPhone لارنى بىلمەيدىغانلار ئاز بولسا كىرەك . Steve Jobs – كومپيۇتېر پەن تېخنىكا ساھەسىنىڭ باشچىلىرىدىن بىرى ، Apple شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى . ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھاياتى ، مۇۋەپىقىيىتى بىزگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ . ئەڭ مۇھىمى ئۇ قۇرۇق قولغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ ئۈلگىسى . بۇ ئۇنىڭ سىتەنفورد( Stanford) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2005-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتۇقى، كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر نۇتۇق يازمىچە بولۇپ، ناۋادا خەنچە ياكى ئېنگلىزچە سەۋىيەم ياخشى، Video غا قاراپ پۈتۈنلەي ھەزم قىلالايمەن دەپ قارىسىڭىز بىۋاستە بەتنىڭ ئەڭ ئاستىغا چۈشۈپ شۇ نۇتۇقنىڭ نەق مەيدان ئەھۋالىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ، نۆۋەتتە شارائىت تۈپەيلى مەزكۇر نۇتۇقنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ياكى خەتلىكىنى تەمىنلەشكە ئامالسىزمەن.

بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۈنۋېرسىتنىڭ بىرىدىن ئوقۇش پۈتتۇرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ھەرقايسىڭلار بىلەن بىرگە بولغىنىمدىن ئىنتايىن شەرەپلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. راستىنى ئېيتقاندا مەن ئالى مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرمىگەن. بۇ ماڭا نىسبەتەن ئالى مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئەڭ يىقىنلاشقان بىر دەقىقە. مەن بۈگۈن ھايات سەپىرىمدىكى ئۈچ ھېكايىنى سۆزلىمەكچى، جىق ئەمەس ئۈچلا.

بىرىنچى ھېكايە : كىچىك ئىشلارنى بىر-بىرىگە باغلاشتۇرۇش.

مەن (Reed college) ئۈنۋېرسىتىدا ئالتە ئاي ئوقۇشتىن توختىدىم. تاكى مەن ئوقۇشتىن چېكىنگۈچە بولغان ئارلىقتا 18 ئاي ئۆتتى. ئۇنداقتا مەن نىمىشقا ئوقۇشتىن چىكىندىم؟ بۇنى مىنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشىمدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. مېنىڭ ئۆز ئاپام ئەينى ۋاقىتتا تېخى توي قىلمىغان ئاسپىرانت ئىكەن. مىنى تۇغۇلۇشىمغىلا ئالى مەكتەپ سەۋىيسى بار بىرەرسىگە بېرىۋەتمەكچى بوپتۇ. بىر ئادۇۋكات ئەر ئايال بېقىۋېلىشنى ماقۇل كۆرۈپتۇ ، بىراق مەن تۇغۇلغاندا بولسا ئەسلى بىر قىز بوۋاق بېقىۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ يېنىۋاپتۇ . بالا بېقىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغان ھازىرقى ئاتا-ئانام يېرىم كېچىدە بىر تېلفۇن قۇبۇل قىپتۇ:«ئويلىمىغان يەردىن بىر ئوغۇل بالا چىقىپ قالدى، سىلەر بېقىۋېلىشنى خالامسىلەر؟». ئۇلار قۇشۇلۇپتۇ. كىيىن ئۆز ئاپام مىنىڭ ھازىرقى ئاپامنىڭ ئالى مەكتەپ سەۋىيەسى يوقلىقىنى ، ھازىرقى دادامنىڭ بولسا ھەتتا تۇلۇق ئوتتۇرىنىمۇ پۈتتۈرمىگەنلىكىنى بايقاپ رەسمىيەتلەرگە قول قۇيۇشنى رەت قىپتۇ. نەچچە ئايدىن كېيىن مېنىڭ ھازىرقى ئاتا-ئانام مېنى ئالى مەكتەپكىچە ئوقۇتىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئاندىن قۇشۇلۇپتۇ، مېنىڭ ھاياتىم مانا مۇشۇنداق باشلانغان .

17 يىلدىن كېيىن مەن ئالى مەكتەپكە كىردىم. ئەينى ۋاقىتتا بىلمەي قېلىپ ئوقۇش پۇلى Stanford ئۈنىۋېرسىتىتى بىلەن ئوخشاش قىممەتتىكى بىر ئالى مەكتەپنى تاللاپتىمەن. ئاتا-ئانامنىڭ يىغقان پۇلىنىڭ ھەممىسى ئوقۇش پۇلۇمغا كەتتى. 6 ئاي ئۆتۈپ كەتتى، مەن بۇنداق ئوقۇشنىڭ زادى قانداق ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلمىدىم. ئۇ چاغلاردا بۇ ئۆمرۈمدە نىمىشلارنى قىلىشنى، ئالى مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ بۇ سوئالىمغا قانچىلىك ياردىمى بارلىقىنى بىلمەيتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە مەن ئاتا-ئانامنىڭ بىر ئۆمۈر يىغقان پۇللىرىنى خەجلەۋاتاتتىم. شۇڭا مەن ئوقۇشتىن توختاشنى قارار قىلدىم. چۈنكى مەن «باشقا كەلگەندە باتۇر» بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. ئەينى ۋاقىتتا كىشىنى چۆچىتىدىغان بۇ قارار كىيىن قارىسام مەن چىقارغان توغرا قارارنىڭ بىرى بولۇپ چىقتى. ئوقۇش توختاتقاندىن كېيىن مىنى قىزىقتۇرالمايدىغان دەرىسلەردىن توختاپ، ۋاقتىمنى ئۆزەم قىزىقىدىغان دەرىسلەرنى ئاڭلاشقا سەرپ قىلدىم .

كۈنلىرىم ئۇنچىلىك رومانتىك ئەمەس ئىدى. مىنىڭ ياتىقىم يوق بولغاچقا دوسلىرىمنىڭ ئۆيىدە پولدىلا ئۇخلايتتىم. كولا قۇتىسىنى يىغىپ تاپقان بەش شىللىڭ پۇلغا يەيدىغان نەرسە ئېلىپ يەيتتىم. بىر ۋاق ياخشى تاماق يىيىش ئۈچۈن ھەر يەكشەنبە كەچ 7 ئىنگىلىز مىللى (تەخمىنەن 11 كېلومېتىر ) يىراقلىقتىكى ھىندىستاننىڭ Hare Krishna ئىبادەتخانىسىغا باراتتىم. ئۇ يەردىكى تاماقلارنى بەكمۇ ياقتۇراتتىم. ئۆزەمنىڭ قىزىقىشى ۋە بىۋاستە سىزىمىغا ئاساسەن ئىگىلىگەن نۇرغۇن نەرسىلىرىم كىيىنكى كۈنلەردە قىممەتلىك بايلىقىم بولۇپ قالدى.

مىسالغا ئالسام :
ئەينى چاغدا Reed ئۈنۋېرسىتىتى دۆلەت ئىچىدە ئەڭ ياخشى دىگۈدەك ئوقۇتۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيتتى. مەكتەپنىڭ ھەربىر پارچە تام گېزىتى، تارتمىلارنىڭ ئىزاھنامىسىدىمۇ چىرايلىق قول يازمىسىنى كۆرگىلى بولاتتى. مەن ئوقۇشتىن چىكىنگەنلىكتىن نورمال تەرتىپ بويىچە دەرىس ئوقۇمىساممۇ بولىدىغان بولغاچقا، خەتتاتلىقنى ئۆگۈنۈشكە كىرىشتىم. مەن serif ۋە san serif خەت نۇسخىسىنى، باسمىچىلىق سەنئىتىنى سەرخىللاشتۇرغان ئوخشىمىغان ھەرپ بىرىكمىسىنىڭ ئارلىقىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگەندىم. مەن ئۇنىڭدىن پەن ئارقىلىق ھېس قىلغىلى بولمايدىغاب تارىخىي، بەدىئىي گۈزەللىكنىڭ كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم .

بۇ ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ تۇرمۇشۇمدا قانداق ئەمىلى ئىشلىتىلىشچانلىقى بارلىقىنى بىلمەيتتىم. بىراق 10 يىلدىن كىيىن، مەن تۇنجى Macintosh كومپىيوتېرنى لاھىيلەۋاتقاندا ئۆگەنگەنلىرىمنى ئىسىمگە ئېلىپ ئىشلەتتىم. شۇڭا Macintoshچىرايلىق نەرسىلەرنى بېسىپ چىقىرالايدىغان تۇنجى كومپىيوتېر بۇلۇپ قالدى. ئەگەر مەن خەتتاتلىق دەرىسىگە كىرىشىپ قالمىغان بولسام ، Mac مۇ ھەرخىل خەت نۇسخىسى ۋە نىسبەت بويىچە ئۆزگەرتىلگەن خەت شەكلىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان بولاتتى. ئەگەر Windows بۇنى Mac دىن كۆچۈرۈپ ئىشلەتمىگەن بولسا، مەن مەكتەپتىن چىكىنىپ خەتتاتلىق دەرىسىنى ئۆگەنمىگەن بولسام ئېھتىمال شەخسى كومپىيوتېرنىڭ ھىچقايسىسىدا ھازىرقىدەك ھەرخىل چىرايلىق خەت نۇسخىسى بولمىغان بولاتتى. ئەلۋەتتە مەن ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا بۇلارنى بىر بىرىگە باغلاشتۇرۇپ ئالدىن مۆلچەرلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 10 يىلدىن كىيىنكى ئەمىلىيەت بۇنى ئېنىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ .

دېمەك، سىز ھاياتىڭىزدىكى ھەربىر كىچىك نوقتىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلىيەلمەيسىز. پەقەت ئۆتمۈشىڭىزگە قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگىنى بايقايسىز. شۇڭا ئىشىنىڭكى سىز ئۆگەنگەن ئۇششاق –چۇششەك ئىشلار ھاياتىڭىزدا بىر-بىرىگە باغلانغان بولىدۇ. ئازدۇر-كۆپتۇر بىرەر نەرسىگە ئىشىنىڭ، مەيلى بىۋاستە سىزىم، تەغدىر ياكى ھاياتلىق دېگەندەك. بۇ گەرچە سىزنى داغدام يولدىن مەھرۇم قىلغان تەقدىردىمۇ ھىچ بولمىسا ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ، يولىڭىز ماڭغانسىرى ئېچىلىدۇ. بۇنداق قىلىش مىنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگىچە مەناغا ئىگە قىلىپ كەلدى .

مىنىڭ ئىككىنچى ھېكايەم : ياخشى كۆرۈش ۋە يۈتتۈرۈش

ئۆزەمنىڭ نېىمىنى ياخشى كۆرۈپ قىلىدىغانلىقىمنى بالدۇر بايقىغىنىمدىن ئامەتلىك دەپ چاغلايمەن. 20 ياش ۋاقتىمدا ماشىنا ئىسكىلاتىدا Woz بىلەن بىرلىكتە Apple كومپىيوتېرىنىڭ ئىشلىرىنى باشلىغان ئىدۇق. جاپالىق ئەمگىكىمىز بەدىلىگە 10 يىلنىڭ ئىچىدە Apple ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئىش باشلىغان ئىككى ئادەمدىن چوڭىيىپ 2 مېليون دوللار ئىقتىسادى قىممىتى ۋە 4000 خىزمەتچىسى بار بىر چوڭ شىركەتكە ئايلاندى .

بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن بىزنىڭ ئەڭ ئىسىل مەھسۇلاتىمىز Macintosh نى بازارغا سالدۇق. مىنىڭ يېشىممۇ 30 غا بېرىپ قالغانىدى. ئاندىن مەن ئىشتىن بوشىتىلدىم. ئۆزى قۇرغان شىركەتتىن ئىشتىن بوشىتىلغان نەدە بار؟ ئەسلى، Apple چوڭايغاندىن كىيىن مەن ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان بىرىنى بىز بىلەن بىرگە شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئىشلەتتۇق. باشتىكى بىر نەچچە يىلدا ئۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىدى. كىيىن كەلگۈسى تەرەققىيات ھەققىدە پىكىرىمىز بىر يەردىن چىقماي قېلىپ، ھەرقايسىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭماقچى بولدۇق. ئويلىمىغان يەردىن باشقۇرۇش ھەيئىتىدىكىلەر ئۇنىڭ پىكىرىنى قوللىغاچقا مەن ئىلاجىسىز چىكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم. 30 ياش ۋاقتىم ئىدى. ياشلىقىمنى سەرپ قىلىپ تىكلىگەن ئىگىلىگىم مۇشۇنداقلا يوق بولدى. نىمە قىلىشنى بىلمەيلا قالدىم.

مۇشۇ تەرىقىدە بىر نەچچە ئايمۇ ئۆتۈپ سودا ساھەسىدىكى ئۇستازلىرىمنىڭ مەندىن كۈتكەن يېرىدىن چىقالماي، ئۇلارنى ئۈمىتسىزلەندۈردۈم. HP نىڭ قۇرغۇچىسى David Packard بىلەن Intel نىڭ قۇرغۇچىسى Bob Noycنى ئىزدەپ، ئىشلارنى بۇزۇپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلاردىن ئەپۇ سورىدىم. مەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى مەغلۇبىيەتچىنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ قالغانىدىم. بېشىمنى ئېلىپ چىقىپ كېتەي دەپمۇ ئويلىدىم. بىراق مەن يەنىلا بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. Apple دىكى مەغلۇبىيىتىممۇ بۇ ياقتۇرىشىمنى قىلچە ئۆزگەرتەلمىگەن ئىدى. گەرچە مەن ئىنكار قىلىنغان بولساممۇ يەنىلا شۇ ئىشلارنى ياخشى كۆرەتتىم. شۇڭا ھەممىنى باشتىن باشلاشنى قارار قىلدىم.
ئەينى ۋاقىتتا بايقىماپتىكەنمەن، بىراق كىيىن بىلدىمكى Apple دىن چىكىنىپ چىققىنىم مەن بېشىمدىن كەچۈرگەن ئەڭ ياخشى ئىش ئىكەن. ھىچقانداق ئىشنى جەزىملەشتۈرمەي تۇرۇپ ھەممە ئىشنى يېڭىدىن باشلاش جاپا مۇشاقەتتە قالغان غەلبە قازانغۇچى بۇلۇشقا قارىغاندا ئاسان تۇيۇلدى، ئەركىن ھالدا ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئىجادىي مەزگىللىگە قەدەم قويدۇم. كىيىنكى 5 يىلدا مەن ئارقا-ئارقىدىن NeXT ۋە Pixar شىركىتىنى ئاچتىم، ھازىرقى ئايالىم Laurene بىلەن تۇنۇشتۇم. دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم كومپىيوتېردىلا ئىشلەنگەن كارتون فىلىمى Toy Storyنى ئىشلەپ چىقىلدى. ئۇ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كارتون فىلىمى ئىشلەش مەركىزى بۇلۇپ قالدى . كېيىن Apple شىركىتى NeXT نى سېتىۋالدى، مەنمۇ Apple غا قايتتىم. بىز NeXT تا تەرەققى قىلدۇرغان تېخنىكا Apple نىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىدىكى يادرو بولۇپ قالدى. كىيىن ھازىرقى ئايالىم بىلەن بىزنىڭ بەخىتلىك ئائىلىمىزنى قۇردۇق.

جەزىملەشتۈرىمەنكى، ئەگەر Apple دىن چىقىرىۋېتىلمىگەن بولسام بۇ ياخشى ئىشلارنىڭ ھىچقايسىسى يۈز بەرمىگەن بولاتتى. خۇددى كېسەلگە پايدا قىلىدىغان ئاچچىق دورىغا ئوخشاش. تۇرمۇشتا بەزىدە كۈتۈلمىگەن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن. ئىشەنچىڭىزنى يوقاتماڭ. قىلىۋاتقان ئىشىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىم مىنىڭ ئالغا بېسىشىمغا تۈرتكە بولىۋاتقان بىردىن بىر نەرسە. سىز چۇقۇم ئۆزىڭىزنىڭ نىمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى تېپىپ چىقىشىڭىز كېرەك، خۇددى سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بىرىنى تاپقاندەك چىن بولسۇن. سىز قىلىدىغان خىزمەت ھاياتىڭىزنىڭ بىر چوڭ بۆلىكى بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىڭىز مەمنۇن بولغۇدەك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى سىز ئۇلۇغ دەپ بىلگەن ئىشنى قىلىش. شۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى سىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش. ئەگەر ئۇنداق ئىشلارنى تېخى بايقىمىغان بولسىڭىز داۋاملىق ئىزدەڭ، بوشىشىپ قالماڭ. ۋۇجۇدىڭىز بىلەن كىرىشىپ ئىزدىسىڭىز چۇقۇم تاپالايسىز. ئاندىن خۇددى باشقا مۇناسىۋەتلەرگە ئوخشاش، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بارا-بارا ياخشىلىنىپ كىتىدۇ. شۇڭا بوشاشماي ئىزدەڭ، توختاپ قالماڭ.

ئۈچىنچى ھېكايەم : ئۆلۈم

17 ياش ۋاقتىمدا مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئوقۇغان ئىدىم :« ھەربىر كۈنىڭىزنى خۇددى ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدەك ئۆتكۈزسىڭىز، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىڭىزنىڭ توغرا قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقايسىز.» بۇ سۆز ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغانىدى. شۇنىڭدىن 33 يىل مابەينىدە، ھەركۈنى ئەتىگەندە ئەينەككە قاراپ ئۆزۈمدىن مۇنداق سورايتتىم : « ئەگەر بۈگۈن ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولغان بولسا، يەنە بۈگۈن قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلارمىدىم؟ » ئەگەر ئۇدا بىر نەچچە كۈن ياق دەپ جاۋاپ بەرگەن بولسام، ئېنىقكى تۇرمۇشۇمغا چۇقۇم ئۆزگەرتىش ئېلىپ بىرىشىم كېرەك.

ئۆزەمگە ئۆلۈمنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش چوڭ تاللاشلارنى قارار قىلىشىمدىكى مۇھىم قۇرال بۇلۇپ كەلدى. ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا پەقەت ھەقىقى نەرسىلا ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ قالايدۇ. تاشقى دۇنيادىن كۈتكەن تەلەپ، نام ئاتاق، ئوڭايسىزلىنىشتىن ياكى مەغلۇپ بۇلۇشتىن قورقۇش دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى يوق بولىدۇ. دائىم ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرۇش بىرەر نەرسىنى يۈتتۈرۈپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەشتىن خالى بۇلۇشنىڭ مەن بىلىدىغان ياخشى چارىسى. بىز بۇ دۇنياغا يالغۇز كەلگەن، ھەم ھىچنىمىنى بىرگە ئېلىپ كېتەلمەيمىز. يۈرىكىڭىزنىڭ خىتابىغا قۇلاق سالماسلىققا ھىچقانداق سەۋەبىڭىز يوق.

بىر يىل ئىلگىرى دوختۇرلار ماڭا راك كىسىلى دەپ دىئاگنوز قويدى. ئەتىگەن سائەت 30 : 7 دىكى سىكانىرلاش نەتىجىسى ئاشقازان ئاستى بېزىدە ئۆسمە بارلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم. دوختۇر ماڭا بۇنىڭ داۋالىغىلى بولمايدىغان راك ئىكەنلىگىنى، مىنىڭ يانا 3 ئايدىن 6 ئايغىچە ئۆمرۈمنىڭ قالغانلىقىنى، ئۆيگە قايتىپ ئىشلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئېيتتى. بۇ دوختۇرلارنىڭ مەندەك بىمارغا بېرىدىغان ئۆلچەملىك جاۋابى ئىدى. بۇ دىگەنلىك سىز كىيىنكى 10 يىل ئىچىدە بالىلىرىڭىزغا ئېيتماقچى بولغانلىرىڭىزنى قالغان مۇشۇ بىرنەچچە ئايدا دەپ بولىشىڭىز، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ئىمكانقەدەر ئاسان بولىشى ئۈچۈن ھەممە ئىشلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىشىڭىز، ئاندىن ئۇلار بىلەن خوشلىشىشىڭىز كېرەك. ھەر كۈنى بۇ دىئاگنوز كاللامغا كىرىۋالدى. كىيىن بىر كۈنى كەچتە تىرىك تۇقۇلما تەكشۈرتكۈزدۈم. بىر دانە ئىچىدىن كۆزىتىش ئەينىكىنى كانىيىمدىن سېلىپ ئاشقىزان ئارقىلىق ئۈچەيگە كىرگۈزدى. بىر دانە يىڭنىنى ئاشقازان ئاستى بېزىگە چۇقۇپ ئۆسمىدىن ئازراق ھۈجەيرە ئالدى. ماڭا تىنىچلاندۇرۇش ئۇكۇلى بىرىپتۇ. كىيىن ئايالىم ماڭا دوختۇرلار ئۆسمە ھۈجەيرلىرىنى مىكروسكوپتا تەكشۈرگەندە خوشاللىقىدىن ۋارقىرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. چۈنكى بۇ بىر ئوپراتىسىيە بىلەنلا ساقىيىدىغان ئادەتتىكى ئۆسمە ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئوپراتىسىيە قىلدۇردۇم. مانا ھازىر ساپساق تۇرۇپتىمەن.

ئۇ چاغدا ئۆلۈم ماڭا يىقىنلاپلا كەلگەنىدى. ئۇ قېتىمقىسىنى كىيىنكى نەچچە ئون يىلنىڭ ئىچىدىكى ئۆلۈمگە ئەڭ يىقىنلاشقان بىر دەقىقە بۇلۇپ قالسىكەن دەيمەن. بۇ ئىشتىن بۇرۇن ئۆلۈمنى پەقەت بىر مەۋھۇم ئۇقۇم دەپ قارايتتىم. ھازىر جەزىملەشتۈرۈپ ئېيتالايمەنكى : ھىچكىمنىڭ ئۆلۈپ كەتكۈسى يوق، ھەتتاكى جەننەتنى خىيال قىلغان كىشىلەرمۇ ئۇ يەرگە ئۆلۈپ كىرگۈسى يوق. بىراق ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بارار جايى، ھىچكىم قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس. چۈنكى ئۈلۈم ھاياتلىق ياراتقان ئەڭ ياخشى كەشپىيات. قېرىلارنى ئۇزىتىپ قۇيۇپ، يېڭىلارنى كۈتىۋالىدۇ. ھازىر سىلەر تېخى ياش، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي يىللار سىلەرنىمۇ قېرىتىپ، ئۇزىتىپ قويىدۇ. كەچۈرۈڭلار، دىراممىلاردىكى سەھنە سۆزىدەك سۆزلەپ قويدۇم، بىراق بۇ ئەمىلىيەت.

ۋاقتىڭىز ئىنتايىن چەكلىك، شۇڭا ۋاقتىڭىزنى باشقىلار بەلگىلەپ بەرگەن تۇرمۇشنى كەچۈرىمەن دەپ ئىسراپ قىلماڭ. بەزەنبىر بىمەنە كۆز قاراشلاردىن قايمۇقۇپ قېلىش باشقىلارنىڭ تەپەككۈر نەتىجىسىنى ئۆلچەم قىلىپ ياشاشتىن باشقا ئىش ئەمەس. باشقىلارنىڭ پىكىرى ئۆز يۈرىكىڭىزنىڭ خىتابىنى يۈتىۋەتمىسۇن. ھەممىدىن مۇھىمى ئۆزىڭىزنىڭ بىۋاستە سىزىمىڭىزگە، يۈرىكىڭىزنىڭ خىتابىغا قۇلاق سېلىشقا جۈرئىتىڭىز بولىشى كېرەك. پەقەت شۇلارلا سىزنىڭ زادى قانداق ئادەم بولغىڭىز بارلىغىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىسى ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ.

ياش ۋاقتىمدا ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان The Whole Earth Catalog دەيدىغان بىر ژورنال بار ئىدى. بۇ يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان Menlo Park دېگەن يەردىكى Stewart Brand ژورنالنى شېئىرى تۈسكە ئىگە قىلىپ چىقىراتتى. 1960– يىللارنىڭ ئاخىرى شەخسىي كومپيوتېر ياكى خاتىرە كومپيوتىر بولمىغاچقا، خەت ئۇرۇش ماشىنىسى، قايچا ۋە Polaroid فوتو ئاپراتى قاتارلىقلارنى ئىشلىتەتتى. ژورنالنىڭ مەزمۇنى قەغەزگە بېسىلغان Google غا ئوخشاش بۇلۇپ، Google بارلىققا كىلىشتىن 35 يىل بۇرۇن غايىۋى، ئىلغار ئاڭ ۋە يېڭىلىق تارقىتىشتىكى ئىسىل قۇرال ئىدى. بۇ ژورنالدىن بىر نەچچە سان نەشىر قىلىنىپلا توختاپ قالدى. ئۇ 1970- يىللار نىڭ ئوتتۇرىلىرى بۇلۇپ، مەن سىلەر دىمەتلىك ئىدىم. ئاخىرقى سانىنىڭ كىيىنكى مۇقاۋىسىدا بىر پارچە سەھرا يولىنىڭ ئەتىگەندە تارتىلغان سۆرىتى بار ئىدى. بۇنداق يولنى سىز خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ تاققا ياماشقىنىڭىزدا ئۇچرىتىشىڭىز مۇمكىن. رەسىمنىڭ ئاستىدا مۇنى خەتلەر بار ئىدى : « بىلىمگە ئىنتىل ، كەمتەر ياشا » . بۇ ئۇلارنىڭ ئېيتماقچى بولغان ئاخىرقى سۆزلىرى ئىدى. شۇنچە يىللاردىن بۇيان بۇنى ئۆزەمدىن تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ھازىر سىلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يېڭى بىر باشلىنىشتا تۇرىۋاتىسىلەر، ئەمدى بۇنى سىلەرگە قالدۇرماقچى مەن .
« بىلىمگە ئىنتىل ، كەمتەر ياشا »



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 10 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    1 ھەپتىنىڭ ئالدىدا youku دىكى بوشلۇقۇمغا يوللاپ قويغان، يانا مۇشنىڭدەك ئىسىل نۇتۇقتىن 2 بار.

  2. خەزىنە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېسىل

  3. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    فىلىمنى چۈشۈرەي دىسەم،ئۇلىنىشدا خاتالىق كۆرۈلدى :cry: :cry: :cry:

  4. FinalFantasy : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەقىل:

    17 ياش ۋاقتىمدا مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئوقۇغان ئىدىم :« ھەربىر كۈنىڭىزنى خۇددى ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدەك ئۆتكۈزسىڭىز، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىڭىزنىڭ توغرا قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقايسىز.»

    بۇ جۈملە سۆزنىڭ ئەسلىسى:
    ”If you live each day as if it was your last, someday you’ll most certainly be right.“
    يەنى «ئەگەر ھەر بىر كۈنىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈنى دەپ ئۆتكۈزسىڭىز، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇنداق ئويلىغىنىڭىز ئاساسەن توغرا بولۇپ چىقىدۇ». بۇ جۈملىنىڭ ئىككى خىل مەناسى بار: بىرى بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى (يەنى ھاياتلىقنى، ۋاقىتنى قەدىرلەش)؛ يەنە بىرى، Steve Jobs نىڭ ھەر بىر كۈنىنى مۇشۇنداق ئويلاپ ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى راستىنلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى (يەنى، ئۇيغۇرچىدىكى «تىلىسەڭ تاپارسەن» دېگەن مەنا). ئەلۋەتتە، ئىككىچنى مەنانى Steve Jobs قىزىقچىلىق قىلىپ دەپ قويغان گەپ.

    • torhumar :

      چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. بىكار بولساملا مۇشۇ نۇتۇقنى تىڭشايدىغان، قايتا-قايتا ئوقۇيدىغان بولۇپ قالدىم، بولۇپمۇ جوبسنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىش ھەققىدىكى بايانلىرى بەك تەسىر قىلىپتىكەن، ياخشى نۇتۇقلار بولسا سىزمۇ بىرەر ئىككىنى سۇنمامسىز بۇرادەر؟ :oops:

  5. munglan : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادەتتىكى PC غا MAC OS X قاچىلاپ كۆرۈپ باققۇسى بارلار بولسا ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ باققايسىلەر http://qutyar.net/mb/read-munber-tid-476.html
    :grin:

  6. ئىستەمى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت .

  7. كەمەك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    « بىلىمگە ئىنتىل ، كەمتەر ياشا »
    تەرجىمە ياخشى چۈشۈپتۇ لىكىن ئەسلى نۇتۇقتىكى مەنىسى : ئاشقالغانسى دۆتلىشىدۇ.

 汗