ئاشۇ يۈرۈش تۇرۇشىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان، تەققى تۇرقى كېلىشكەن سىتيۋ جوبز(Steve Jobs)
«iPad 2 نى ئېلان قىلىش يىغىنى»دا، جوبز گەرچە شۇنچە روھلۇق ۋە تېتىك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاشۇ بارغانسىرى ئورۇقلاپ ۋە ئاجىزلاپ كېتىۋاتقان تېنىگە قاراپ، بۇ تېخى يېقىندا 56 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق يېڭىلىق يارىتىش باشلامچىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ يەنىلا ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقاش تەس ئەمەس. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى جوبزنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى تاشقى قىياپىتىدە ئۆزگىرىش ئانچە چوڭ ئەمەس، يەنىلا شۇ بومبا ساقال، پاينەكباش، قارا مايكا ۋە پادىچىلار ئىشتىنى. بىراق، كۆپ قىسىم جوبزنىڭ مەستانىلىرى بەلكىم ياش ۋاقتىدىكى جوبزنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش كېلىشكەن ۋە چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان IT جەزبىدارى ئىكەنلىگىنى بىلمىسە كېرەك؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، Jobs، Mac
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,583 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: cool-steve-jobs.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سىز ئادەممۇ؟ ئەگەر ئادەم بولسىڭىز ئادەملىك ئىسپاتى كۆرسىتىڭ!
- كېيىنكى يازما > مەكتەپ چەكلىگەن بىر قانچە ئىشلار، سىز قايسىلىرىنى قىلىپ باققان؟
- Steve Jobs نىڭ جۇڭگودا مەۋجۇد بولۇپ تۇرالماسلىقىدىكى 6 چوڭ سەۋەپ
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- «جوبىسنىڭ ھاياتى» دېگەن كىنودىن تەسىرات
- Apple ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 10 كىچىك ئىش
- 13 يىلدىن بېرى، Apple تۇنجى قېتىم كوكا-كولادىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماركىغا ئايلاندى
- ئالمىنىڭ تىجارەت تاكتىكىسى – iPhone 5C ھەرگىزمۇ ئەرزان باھالىق ئايفون ئەمەس
- سىز كۆرۈۋاتقان iOS 7 تېخى پۈتمىگەن بىر چالا مەھسۇلات | iOS 7 يوقاتقان شۇ نەرسىلەر ھەققىدە بىر قىسىم كۆز قاراشلار
- پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن iOS 7 Beta نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
قول قويىمەن مۇشۇ ئادەمگە ،پۇتۇن ئېدىيەسى يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن تولغان كىشى بۇ~!
چەستەي بالاڭىزىكەنغۇ، ھەي مەن راستىنلا قول قويدۇم،،،،
كېسىلىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم سەل يېرىم بولدى.
ئۇنىڭغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
راست ھۆرمەتكە سازاۋەركەن ،توۋا ياش دىگەن ئادەمگە باقمايدۇ ھە!،شۇنچە كىلىشكەن يىگىت مانا بۈگۈن كېسەلچان بوۋاي . ئۆمرىنى بەرسۇن مۇشۇنداق تۆھپىكارلارنىڭ.
شەخىسلەر كومپيۇتېرىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە، بولۇپمۇ ئادەتتىكى كىشىلەر ئىشلىتەلەيدىغان كومپيۇتېرنىڭ، ئېكرانلىق كومپيۇتېرنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ئىنتايىن زور رول ئوينىغان، بۇ ئاداش.
ۋاقىت دېگەن رەھىمسىز ھە!
ماۋۇ گەپ تازا قاملاشمىدى جۇمۇ بالاڭزا !
ۋاقىت (زامان) نى تىللىغانلىق، اللە نى تىللىغانلىق بىلەن باراۋەر دەپ كۆرگەندەك ئېسىمدە !
بۇكىشىنى ھەر كۆرسەم تەدبىركارغا ئوخشىتىپ قالىمەن.
دولقۇنجــــــــــــــــــــــون، ماختىماڭلا…ئىشىۋالىدۇ باكا
مەنمۇ دەل مۇشۇنداق تېملار غا قىزقىمەن ،
رەھمەت تەدبىركار ئەوەندى
توۋۋا، بۇ ئادەمگە قايىل بولماي چىدىغىلى زادى بولمايدۇ……
رەھمەتلىك خىلى ئىسىل بالىتى…
رەھمىتى ئېسىل بىر ئادەمتى ،مەن بەك قايىل بۇ كىشىگە
قالتىس