نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > رەقەملىك دۇنيا, كىنو-فىلىملەر > يازما كۆرۈش

ئاغرىقچان جوبز iPad2 نى ئاخىرى ئېلان قىلدى! iPad 2 نى تارقىتىش مۇراسىمى (HDTV) نۇسخىسى

ئامېرىكا ۋاقتى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر سائەت 2 دە) سان-فرانسېسكودا Apple شىركىتى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى iPad 2 نى ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. يىغىندىكى تەپسىلاتلارغا ئاساسلانغاندا، iPad 2 نىڭ قاتتىق دېتال شارائىتى، نۆۋەتتىكى ئوخشاش ئۈسكۈنىلەر ئىچىدە، ئەڭ يۇقىرى بىر پەللىگە چىققان بولۇپ، ھەقىقەتەن قالتىس دېيىشكە بولىدۇ!

بۇ يەردە كۆپچىلىككە 2011-يىللىق «iPad 2 نى ئېلان قىلىش يىغىنى»نىڭ Video سىنى قالدۇرۇپ قوياي، iPad, iPhone ۋە شۇنىڭدەك ئالما ھەۋەسكارلىرى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

توردىن كۆرۈش

PS: سىننىڭ ئومۇمىي سىغىمى 846MB بولۇپ، ئەسلى ئېنگلىزچە ئاۋازدىكى يېزىقسىز سۈزۈك نۇسخىسى. ئېگلىزچىسى ياخشىلار ياكى ئېنگلىز تىلى ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئاڭلاپ چۈشىنىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىشىغا تېخىمۇ پايدىسى تېگىدۇ. ئاڭلاپ چۈشەنمەسلىكتىن بەك ئەنسىرەپ كەتمىسەڭلارمۇ بولىدۇ، ئۇزۇنغا قالماي، بەلكىم خەنچە يېزىق ھۆججىتىنى قوشۇپ قويۇشۇم مۇمكىن. سىننىڭ فورماتى m4v بولۇپ، 迅雷看看 ياكى QQ影音 قاتارلىقلاردا قويۇشقا بولىدۇ.

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

iPad 2 نى ئېلان قىلىش يىغىنى |    مەنبە: torhumar.com

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 11 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. قەيسەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يا ئاللا، بۇنەرسىنىڭ ئاخىرى چىقماسمۇزادى، بۇگۈن بىرسى چىقىپتۇ دەپ بولغۇچە، ئەتىسى بىرسى چىققان، تېخى ما بىزنىڭ خوشنا يولداشلا چۇ، يالغىنىنى ياساپ چىقىپ 1000 يۈەن نىڭ ئالدى كەينىدە سېتىۋاتقان………

  2. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پۇل تاپقاننىڭ ئەتىسى ئالسا بولىدىغان نەرسىكەن بۇ!

  3. كومپاس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    iPad 2 چىقىتى ، iPad 3قاچانلىققا چىقار ئەمدى …. :grin:
    فىلىمىنى چۈشۈرىۋىلىپ كۆرەيچۇ ….. :idea:

  4. كەمەك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئېلان قېلىدىكەن.

  5. ۋىروس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھېلىقى تورداشلارنىڭ پەرىزى خاتا چىقىپ قاپتىمۇ نېمە ! ھەي بۇلارنىڭ بەيگىسى بىزگە ياخشى نىمىلەرنى تەمىنلەۋاتىدۇ دىگەن بىلەن !

  6. لازا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ !! :twisted:
    ھىلىباكا قەرىز قىلىپ بىر ئىلىۋىتىمەن !1

  7. تاشۋاي : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ تىرشۋاتىمەن !

  8. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادەمنىڭ ئاغنىسىنى ھەجەپ كەلتۇدى … يا ئالاي دىسە ئۆيدىكىلەر ئۇنىمىغان …

  9. كەمەك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن كونىسىنى سىتىپ يېڭىسىنى ئالىدىغانغا تەييار بولۇپ بولدۇم.

  10. مستھاھ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ipad2nhiنىڭ جۇڭگۇ دىكى باھاسى قانچىدۇ؟؟؟؟
    بىلدىغان لا 8 مۇ يە؟؟؟؟؟؟؟

  11. مۇستافا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ipad2 جۇڭگۇغا كىردىمۇ؟؟؟
    كىرگەن بۇلسا باھاسى قانچىكىنە؟؟؟؟؟

 汗