بىر قىسىم ئۆزگىچە ئايرىلىپ كېتىش سەۋەپلىرى، بەزىلىرىنى كۆرۈپ قان تۈكۈرۈپ سالىسىز!!
ئەڭ تەسىرلىك ئايرىلىش سۆزى: بىزنىڭ ئۆيدىكى ئىت سىزنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ، سىلەرنىڭ ئۆيدىكى مۈشۈكمۇ مىنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ ، شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلمىساممۇ ، كىيىن ئاستا – ئاستا چۈشىنىپ قالىسىز…
ئەڭ ئادەتتىكى ئايرىلىش:
ئىستىقبالىڭىزغا تەسىر يەتكۈزۈشنى خالىمايمەن ، مەندىن ياخشىراق بىرەرسىنى تىپىۋالارسىز ….. سىزنىمۇ ئۆزۈمنىمۇ ئالداشنى خالىمايمەن، مېنى كەچۈرۈڭ !سىزگە مەڭگۈ بەخت تىلەيمەن.
ئەڭ كونىچە ئەدەبىي تۈس ئالغان ئايرىلىش:
مەن سىزنى بىر ئۆمۈر سۆيىدىغانلىقىمنى ئېيىتقان ، مۇشۇ مىنۇتتىمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، بىراق سىز بىلەن بىللە بولسام ، سىزنى ياخشى كۆرگىنىمدىن كۆڭلۈم تولىمۇ پاراكەندە بولىدۇ . ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشى بىلەن بىللە بولغاندا خوشال بولماسلىق زىددىيەتلىك ئىشمۇ قانداق ؟مەن مۇشۇ ھىسسىياتتا بولىۋاتىمەن!
« بىرىنى ياخشى كۆرۈش ئۇنىڭغا ئىرىشىش ئۈچۈن ئەمەس » دېگەن سۆزگە ئىشىنىمەن . شۇڭا سىزنىڭ ھەقىقى بەخىتكە ئىرىشىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمەن، ياخشىسى ئايرىلىپ كەتسەك بولغىدەك…….
ئەڭ يىڭىچە، ئەدەبىي تۈس ئالغان ئايرىلىش سۆزى:
ھاياتتا ھامان بىر ئايرىلىش بولىدۇ ، مەن پەقەت نەچچە ئون يىل بۇرۇن بۇ سۆزنى قىلىۋاتىمەن!
ھىچ قانداق مەسئۇلىيەتچانلىق بولمىغان ئايرىلىش سۆزى:
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى چۈش كۆرۈپ( پال سالغۇزۇپ ) ، كەلگۈسىدە سىز بىلەن تۇرمۇش قۇرالمايدىغانلىقىمنى بىلدىم ، سىزبىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنى خالىمىدىم ، ئايرىلىپ كېتەيلى.
تۈزەتكىلى بولمايدىغان ئايرىلىش سۆزى:
يىگىتلەر : مەن ئۆزەمنىڭ ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلدىم ، كەچۈرىڭ.
قىزلار : مەن ئۆزەمنىڭ قىزلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلدىم، كەچۈرىڭ.
ئەڭ زامانىۋى ئايرىلىش سۆزى:
ئىككىمىز بىر ئويۇن ئويناپ باقايلى بىر، ئىككى ، ئۈچ دەپ سانىغاندىن كىيىن بىر – بىرىمىزگە قارشى يۆلىنىشكە ماڭىمىز ، ئارقىغا قاراشقا بولمايدۇ ، نىسىپ بولسا ھەرقانچە يىراقتا بولساقمۇ ئۇچرىشالايمىز ، ئەگەر ئۈچ سائەت ئىچىدە كۆرىشەلمىسەك ، بىزگە كۆرۈشۈش نىسىپ بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ، ئۇ چاغدا ئايرىلىپ كېتىمىز…….
ئەڭ چىرايلىق ئايرىلىش سۆزى:
سىز مىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىسىز ، مىنىڭمۇ سىزدەك ياخشى كۆرىشىمنى تەلەپ قىلىسىز بىراق مەن ئۇنداق قىلالمىغۇدەك مەن. سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز ماڭا ئىغىر بىسىم بولدى ، مىنى قىينىماي قويىۋەتسىڭىز.
ئەڭ قەيسەرلىك بىلەن ئىيتىلغان ئايرىلىش سۆزى:
ئىلگىرى ، سىزگە ئايرىلىش تەلىپى قويىشىم ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك جاسارەت كېرەك دەپ ئويلايتىم ئەمىليەتتە سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈش ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جاسارەتلىك بولۇشۇم كىرەككەن.
ئەڭ شەپقەتسىز يىگىتنىڭ ئايرىلىش سۆزى:
تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىڭ: سىز مىنى كۆرگەندە خوشال بولامسىز، ھاياجانلىنامسىز ؟مەن بىلەن كۆرۈشكەندەماڭا يىقىنلاشقۇڭىز كىلەمدۇ ؟ھەر ۋاقىت مىنى كۆرگىڭىز كىلەمدۇ ؟ ماڭا ئىيىتماقچى بولغان نۇرغۇن گەپ – سۆزلىرىڭىز بولسىمۇ ، مىنى كۆرگەندىن كىيىن نىمە دىيىشىڭىزنى بىلەلمەي قالامسىز ؟مەن سىزگە ناخشا چولپانلىرىغا ھەۋەس قىلغاندەك ھەۋەس قىلىمەن ،بىراق ياخشى كۆرمەيمەن . ئويلاپ بىقىڭ ، ناخشا چولپانلىرىنىڭ مەن بىلەن بىللە بولىشى مۈمكىن ئەمەسقۇ ؟ بۇمۇ ئىككىمىز بىر يەرگە كىلەلمىگەنگە ئوخشاش ئىش.
ئەڭ تەسىرلىك ئايرىلىش سۆزى:
بىزنىڭ ئۆيدىكى ئىت سىزنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ سىلەرنىڭ ئۆيدىكى مۈشۈكمۇ مىنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ ، شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلمىساممۇ ، كىيىن ئاستا – ئاستا چۈشىنىپ قالىسىز.
ئەڭ ئاق، ئەڭ پاكلىق بىلەن ئېيىتىدىغان ئايرىلىش سۆزى :
ماڭا ئازار بەرمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن شۇڭا ئۆزەمىنىڭ سىزگە ئازار بىرىپ قويىشىمدىن ئەنسىرەيمەن.
ئەڭ قوپاللىق بىلەن ئېيىتىقاندائايرىلىش سۆزى:
سىز گە ئايرىلىپ كىتەيلى دىيىشىمنىڭ سەۋەبىنى ئىيتىپ قويىشىمنىڭ ئورنى يوق ، سىزگە ھىچ قانداق كۆڭلۈم قالمىدى.
ئەڭ ئىچىنىشلىق ئايرىلىش سۆزى:
مەن ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالدىم ……ساناقلىقلا كۈنۈم قالدى ….. بەختىڭىزگە ئولتۇرۇشنى خالمايمەن…… بىز ئايرىلىپ كىتەيلى
رىشتىسى ئۈزۈلمەي يېزىلىغان ئايرلىش خېتى :
سىز مىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىسىز!مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن …… ئەمىليەتتە مەنمۇ مۇھەببىتىمىزنىڭ ئايغى چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم ….. بىراق ….يول ئەگرى توقاي بولغاچقا، مىڭىش قىيىنىغا توختايدىغان ئوخشايدۇ …… سىز ماڭا ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلاتتىڭىز….. مەن سىزگە شۇنىڭىغا لايىق جاۋاپ قايتۇرالمىدىم ….. مەن راستىنلا سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن…. ئايغى چىقمايدىغان مۇھەببەت تولىمۇ ئازاپلىق …… مەن ھازىر راستىنلا.ئازابلىنىۋاتمەن …. مۇھەببىتىمىزنىڭ راستىنلا ئايغى چىقماسمۇ ؟مەن ئىنتايىن قورقىۋاتىمەن …. سىز نىمىشقا ماڭا مۇشۇنداق قىزغىن مۇئامىلە قىلىغانتىڭىز ؟ مەن ھەقىقەتەن سىز بىلەن توي قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن … بۇنىڭىغا سىز نىمە دەيسىز ؟ئەسلىدە مۇھەببىتىمىزنىڭ ئايغى چىقىشى كىرەك ئىدى ، ئىلگىرى بىللە ئۉۆتكەن كۈنلىرىمىز كۆڭۈللۈك بولغانمۇ؟ ئەمدى نىمە بولدى ؟ مۇناسىۋىتىمىز بارغانچە يىراقلاپ كىتىۋاتىدۇ ، بۇنى پىشانىمىزدىن كۆرسەك بولغىدەك .
ئەڭ چۈشۈنىكىسىز ئايرىلىش سۆزى:
سەن بولمىغان تۇرمۇشقىمۇ ئادەتلىنەلەيمەن ، چۈنكى بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈشىنى ئادەت قىلىۋالغۇلۇق ئەمەس،سەن بولمىساڭمۇ ئۆز ئادىتىم بويىچە ياشاۋىرىمەن، چۈنكى مەن ئەزەلدىن سەن بىلەن ياشاپ ئادەتلەنمىگەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، مۇھەببەت، ھېسىيات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,435 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 07-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: funny-break-up-excuses.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «تۈنۈگۈن»- ئۇ بىر تارىخ، «ئەتە»- ئۇ بىر سىر، ئەمما «بۈگۈن» نىڭ ئۆزى بىر سوۋغا
- كېيىنكى يازما > ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئەرلەرگە تۆۋەندىكى ئالتە ئېغىز سۆزنى ئالدىراپ دەپ سالماڭ!
- ھوللىۋود سەھىيسىدىكى قىسقا فىلىم – ئانا مۇھەببىتىنىڭ قۇدرىتى
- سەھنە تۇيغۇسى ئاجايىپ كۈچلۈك چولپان بوۋاق
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
قانغۇ تۈكۈرمۈدۈم، ئەمما ئاران ئوقۇپ تۈگەتتىم
مەنمۇ سىناپ باقايمۇ يا
ۋايجان! بۇنداق سۆزلەرنى ئەمەلى تۇرمۇشۇمدا ئاڭلاپ قىلىشتىن خۇدايىم ساقلىغاي.
ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئادەتتىكى گەپلەغۇ بۇ !!!
ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان ئايرىلىش سۈزى: سەن بىلەن نىمە دەپ توي قىلىپ قالغاندىمەن ؟ كۈزۈم نەدە قالغان بولغىيدى ؟
ئىككىمىز بىر ئويۇن ئويناپ باقايلى بىر، ئىككى ، ئۈچ دەپ سانىغاندىن كىيىن بىر – بىرىمىزگە قارشى يۆلىنىشكە ماڭىمىز ، ئارقىغا قاراشقا بولمايدۇ ، نىسىپ بولسا ھەرقانچە يىراقتا بولساقمۇ ئۇچرىشالايمىز ، ئەگەر ئۈچ سائەت ئىچىدە كۆرىشەلمىسەك ، بىزگە كۆرۈشۈش نىسىپ بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ، ئۇ چاغدا ئايرىلىپ كېتىمىز……
ماۋۇ بەلەنكەن
يوۋۋ….. بىر قىيىنچىلىقىمنى يەڭگىللىۋەتتىڭىز جۇمۇ! بۇنىڭ ئارىسىدا ئىككى ئۈچىنى ئىشلىتىپ باقماپتىكەنمە… بۇلانى دەپباقاي كارغا كەپقالسا ئەقەپ ئەمەس
ۋويييو ما گەپلەنى …سىناپ باقامدۇق نىمە بىرەرنى …
سىنايمىز دەپ ‹قىز دوس›7.0 نى ‹خۇتۇن›1.0گە ئۇپدات قىلامماي قالماڭلا يەنە…
تۈنۈگۈن ھەممىسىنى سىناپ ھەممىسى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنتىم بۈگۈن تورخۇمارغا چىقىپ بوپتۇ دىسە.
ھەي ئىشلا ئالدىراش بوپ قېلىپ تورخۇمارنى ئۈچۈرۋىتىدىغان بولدۇمدە…. مانا بۇ ئازاپلىق ئايرىلىش
بىرىنجى قېتىم ياخشى كۆرگەن قىز: مەن ساڭا ماس كەلمەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېنى ياخشى كۆرمەيمەن دەپ رەت قىلدى، نەچچە يىللاردىن كىيىن ئۇ قىز كېلىپ يۈرۈپ قالايلى دېدى، ئەپسۇس، مەن ئۇ قىزنى ئاللىغاچان ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغان ئىدىم، سېنى بۇرۇن ياخشى كۆرگەن… دەپ ئۇزىتىپ قويدۇم، ۇ قىز يىغلاپ كەتتى، ئۇ قىزنىڭ يىغىسى ماڭا ھېچقانداق تەسىر قىلمىدى.
ئىككىنجى قېتىم ياخشى كۆرگەن قىز: سىزنىڭ ماڭا كۆڭلىڭىز قالمىدى، قانچە زورلىساممۇ سىز مەندىن قۇتۇلۇشۇنىڭ كويىدا، سىزنى ئازاپلاۋەرمەي دەپ باشقا بىر بالا بىلەن كېتىپ قالدى. شۇ چاغدا ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بايقىدىم، ئەپسۇس، ئۇ ئاللىقاچان كېتىپ قالدى. نەچچە يىللاردىن كىيىن ئۇ قىز كېلىپ قايتا ىمكانىيەت بارمۇ دېدى، بۇ قىزغا نىسبەتەن بەك چوڭقۇر ئازابلار قەلبىمدە يوشۇرۇنغان ئىدى، ئازابتىن باشقىسىنى تاپالمىدىم، ئازابلار ياخشى كۆرۈشنى ئىگىلەپ كەتكەن ئىدى، مېنىڭ ھېچنىمىنى ئويلىغىم يوق دەپ ئۇ قىزنى ئۇزىتىپ قويدۇم.
ئۈچىنجى قېتىم ياخشى كۆرگەن قىز: ئىنتايىن تۇيۇقسىز ئايرىلىپ كېتەيلى دېدى، سەۋەبىنىمۇ دېمىدى، ئەپسۇس، راستىنلا سەۋەبىنى كىيىن ئۇقتۇم ، ئۇ باشقا بىرى بىلەن يۈرۈۋاپتىكەن. مەن ئۇ ئىككىسىنى قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن ئايرىۋەتتىم، ئۆزەمنىڭ شۇنچە قەبىھ شەخسىيەتچىلىكىمىنى بايقىدىم. ئۇ قىزنى ھازىرمۇ ياخشى كۆرىمەن، ئۇ قىز ھازىرغىچە مەن بىلەن ئالاقە قىلىشىدۇ، ئەپسۇس، مەن بۇ چاغدا ئاللىقاچان باشقا بىرى بىلەن توي قىلىپ بالام بولاي دېدى. تۇرمۇش شۇنداق ئىكەن.
مەن نېمە دېيىشىمنى ئۇقماي قالدىم.
كىرىمەن دەيمەن .كىرەلمەيمەن.بىر ئىغىز بۇلىسمۇ باھا يۇللايمەن.قاچانمۇ ياز مىلانى تۇلۇق ئۇقۇپ تۇگىتشكە نىسپ بولا…
بەك ئېلمى گەپلەركەنغۇ بۇ ،ئايرىلىدىغان چاغدا ئادەمنىڭ كالىسىغا كىلەمدۇ بۇ گەپلەر
تەدبىركار ئەپەندى بىر ئوبدان شەخىسى تور خاتىر(بلۇگ) نى تور سودا ئېلانلىرى بىلەن بېزىۋېتىپىسغۇ؟
ئەمدى ئۇنچىلىك قويۇپ قويسا ھىچنىمە بولمايدۇ دەيمەن، مۇشۇنچىلىك بىر بلوگنى ماڭدۇرۇشقا خىلى كۈچ كىتىدۇ، ئىشۇ چىكىلگەن ئىلاندىن ئازراق كۆڭۈل خوش بولۇپ قالىدۇ شۇ، بىزمۇ ئىرىنمەي چىكىپ قويساق بولىدۇ.
ۋاۇ خۇدا مۇشۇ بىر ئايرىلىش باھانىسى بولدى ئەمدى نىمىدىگەن ئىلمى ھە ،
مىنى ئۆلتۇرۋىتىمەن ئايرىلمىساڭ دىسىمۇ ھەرگىز ئايرىلمايمەن.
مۇھەببەت قارىشى سۇس بولسا نىمە ئامال يەنە كىلىپ …….
مەن ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالدىم ……ساناقلىقلا كۈنۈم قالدى ….. بەختىڭىزگە ئولتۇرۇشنى خالمايمەن…… بىز ئايرىلىپ كىتەيلى. مانا ماۋۇ ھەققىقى كەسكىن ئايرىلىش ئۇسۇلىدە
يەنە ، مەن يېقىندا تەشكۇرتۇپ ئەيدىس بوپ قاپتىمەن ، سىزگە يۇز كىلەلمەيمەن . ئىككىمىز ئايرىلىپ كەتكىنىمىز تۇزۇك
يەنە ، مەن يېقىندا تەشكۇرۇشتە ئەيدىس بوپ قاپتىمەن ، سىزگە يۇز كېلەلمەيمەن . ئىككىمىز ئايرىلىپ كەتكىنىمىز تۇزۇك
مەن بىر سىنى شۈنداق بىر گەپ قىلىپ رەت قىلىۋەتكەنتىم ،ھازىرغىچە كۆرۈشسەكمۇ چىرايىمغا قارىمايدۇ ….
مەن بىر سىنى شۈنداق بىر گەپ قىلىپ رەت قىلىۋەتكەنتىم ،ھازىرغىچە كۆرۈشسەكمۇ چىرايىمغا قارىمايدۇ ….
دىۋانغۇ بۇ….
پەگا
پەگا كەنگۇ
مەنمۇ سىناپ باقمىسام ھا ھا ھا ھا