نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > ھېسسىي دۇنيا > يازما مەزمۇنى

«تۈنۈگۈن»- ئۇ بىر تارىخ، «ئەتە»- ئۇ بىر سىر، ئەمما «بۈگۈن» نىڭ ئۆزى بىر سوۋغا

ئويلاپ بېقىڭ،مەلۇم بىر بانكا ھەركۈنى سەھەردە سىزنىڭ ئامانەت پۇل كارتىڭىزغا 86 مىڭ 400 دوللار سېلىپ قويدى دەيلۇق،ئەمما كەچ كىرگەندە سىز خەجلەپ بولالمىغان پۇللار ئۆزلىكىدىن يوقاپ كەتسە سىز قانداق قىلىسىز؟ سىز چوقۇم ئامال قىلىپ پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ بۇلۇشنى ئويلايسىز، ئەلۋەتتە!

ھەر بىر ئادەمدە مۇشۇنداق بانكا بار ئۇنىڭ ئىسمى«ۋاقىت».

ھەركۈنى سەھەردە ئۇ سىزنىڭ ئامانەت پۇل كارتىڭىزغا 86 مىڭ 400 سىكۇنتنى سېلىپ قويىدۇ، كەچ كىرگەندە ئۇنى بىراقلا يوق قىلىۋىتىدۇ. ئەگەر سىز مەبلەغ سالماي تۇرۇپ پايدىغا ئېرىشىمەن دېسىڭىز،ئۇ چاغدا پۈتۈنلەي زىيان تارتقان بولىسىز. ئارقىڭىزغا چېكىنىشكە يول يوق، ھەتتە ئەتىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئامالىڭىزمۇ يوق. سىز پەقەت بۈگۈنكى ئامانەت پۇلىڭىزغا تايىنىپلا ياشىيالايسىز.ئۇنداقتا:

«بىر يىل» نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئادەمدىن سوراڭ.

«بىر ئاي» نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، بالدۇر تۇغۇپ قويغان ئانىدىن سوراڭ.

«بىر ھەپتە» نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ھەپتىلىك گېزىت مۇھەرىرىدىن سوراڭ.

«بىر سائەت» نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مەشۇقىنى ساقلاۋاتقان يىگىتتىن سوراڭ.

«بىر مىنۇت» نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، پويىزغا ئۈلگۈرەلمىگەن يولۇچىدىن سوراڭ.

«بىر دەقىقە» نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەركەتچىدىن سوراڭ.

يىغىپ ئيتقاندا، ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق بولغان ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەڭ، سىز ئۆزىڭىز بىلەن بىللە ۋاقىتتىن ئورتاق بەھرىمان بولىدۇ، دەپ قارىغان ئادەم بىللە بولغاندا ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەڭ، ئېسىڭىزدە بولسۇن ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ.

«تۈنۈگۈن»- ئۇ بىر تارىخ، «ئەتە»- ئۇ بىر سىر، ئەمما «بۈگۈن» نىڭ ئۆزى بىر سوۋغا.



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 14 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. تارىخ 2011.07.11 , 21:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :wink: رىۋايەتتىكى دىۋان

  2. بەگزادە 2011.07.11 , 21:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تور خۇمارغا كىرىپ تۈنجى قىتىم تەخىتتە ئولتۇرۇشۇم جۇما بۇ.. شىمىشكە چاققاچ پەگادىكىلەر نى ساقلاي

    • 001 2011.07.11 , 21:29

      سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ توردىن قانچىلىك پايدا ئالدىغانلىقىڭىزنى بىلىۋالدىم، مۇنبەر قۇرغاندا سىزنى ئويلىشىپ باقسام بولغىدەك

    • ئاجايىپ 2011.07.12 , 20:26

      2-قەۋەتمۇ دىۋان ھېساپلىنامدا :mrgreen:

    • ئەلشات 2011.07.13 , 09:47

      سەل كىچىكىپ قالغاندەك تۇرامسىز، يا. ياكى ئۈستىدىكى تورداش پۇل بىرىپ ئىنكاسىنى ئۈستىگە چىقارغۇزدىمۇ؟ :mrgreen:

  3. ياسىن88 2011.07.11 , 23:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خۇش بوپ كەتسەم بىرسى چىقىۋاپتۇ ئەمەسما !

  4. ياۋايى 2011.07.12 , 00:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنى گۇمپىچى مۇشۇك ئىيىقنىڭ 1 جىسىدە تاشپاقا ئۇستاز دەيدىغۇ دەيمەن …

  5. بەگزادە 2011.07.12 , 00:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :oops: ئىنكاسنى قايدا تەھرىرلەيدا….

  6. ۋىروس 2011.07.12 , 11:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي…. مۇڭلۇق مۇزىكىدىن بىرسى بوپ كەتكەن بولسا تېخىمۇ مەززە قىلىپ ئوقۇيتۇق ئەمەسمۇ !

  7. تەنخا 2011.07.12 , 11:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنداق بۇرۇن ماڭا بىر كۇن ئەمەس بىر يىلمۇ قەدىر سىزدەك ئۆتۇپ كەتكەن ئېدى ،بۇيىل 35 ياشقا كىر دىم، ھازىر كۇنلەر مەن بىلەن قىرىشقاندەك ناھايىتى تىز -تىز ئوتۇپ كەتكەندەك ،مەن قىرىپ كىتىپ بار غاندەك ھىس قىل دىغان بوپ قالدىم . :sad:

  8. بۆرەيار 2011.07.13 , 02:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېتىملىق يازما، كونا پىكىرداشلار بىلەن چايخانىدا ئولتۇرغاندەك….

  9. ئەلشات 2011.07.13 , 09:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇنۇ تىمىنى ئوقۇپ، ھاياجاندىن يىغلىۋىتەي دىدىم. :cry:

  10. دۆت بالا 2011.07.13 , 14:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەگەر كومپيۇتېرنىڭ قانچىلىك زىيىنى ۋە پايدىسى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېر ئالدىدا ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىڭىزنى ئويلاڭ….. :mrgreen:

  11. روھچىن 2011.07.14 , 02:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باشقا بىر يەرە كۆرگەندەك قىلىۋىدىم . . . نۇر تورىدا ئەمەس

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif