دۇنيادىكى يۇقۇمچانلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئادەت، 99% ئادەم بۇ تىكوغا دەسسەپ كېتىدۇ
دۇنيادىكى يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىمەنە چاقچاقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ئەسنەش! بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ مەسىلىگە مەنمۇ ئانچە دىققەت قىلماپتىكەن، بۈگۈن بۇ يازمىغا رەسىم ئىزدەپ كېتىۋېتىپ ھېس قىلدىم. ئېتىراپ قىلىمەن، بىر توپ ئەسنەپ تۇرغان رەسىمگە قاراپ تۇرسىڭىز، ناۋادا نورمال ئادەم بولسا چوقۇم ئەسنەپ كېتىدىكەن. ئەسنىيەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئاغزىنى ئۆمەللەپ قالىدىكەن.
ماۋۇ فىلىمنى كۆرۈپ بولغىچىمۇ نەچچىنى ئەسنەپ بوپتىمەن، ناۋادا تولۇق كۆرۈپ تۈگىتىپ بولغۇچە يەنە ئەسنىمىسىڭىز، ئۇنداقتا بىر بولسا سىز ھېلىلا ئۇخلاپ ئويغاندىڭىز، يەنە بىر بولسا سىزنىڭ ئىممۇنېت كۈچىڭىز قالتىس يۇقىرىكەن!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئادەت، تۇرمۇش، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,430 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: roman-atwood-yawn.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يەنە بىر قېتىم «غەرىبكە ساياھەت» قىلىپ باقايلى[30 يىل بۇرۇن ئىشلەنگەن «غەرپكە ساياھەت» خاتېرىسى]
- كېيىنكى يازما > ئوماق بالىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن! بالىلىقتا بىزگە ھەمرا بولغان ئاشۇ كارتون فىلىملەر
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
راسكەن!
كۆرمەي تۇرۇپلا ئەسنەك تۇتىۋتىدۇ يا مېنى؟ توۋا…
ۋىروس بىكاركەن !
5 قېتىم ئەسنەپتىمەن !
سىزگە ئوڭچە قاپتۇدە…
ئۇنچىۋالا ئەمەسمۇ قانداق.. تۆتەيلەن قاراپ ئولتۇرۇپ بىرسىمىزمۇ ئەسنىمىدۇققۇ؟
نەچچىنى ئەسنەپ بولدۇم
بۇ تىمىنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋاقىتمۇ تازا توغرا كەلدىمۇ قانداق ، ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ ھارغان ۋاقتى ئەمەسمۇ .
ئاخشىمى كۆرسە بولغۇندەك دەرس ۋاقىتىدا كۆۈرۈپ قالماڭلار بولمىسا ……………………… ھى ھى ھى
ۋاي مەن ئەسنەپمۇ قويمۇدۇم ماڭا تەسىر قىلمىدىغۇ
مەن ئەسنەيدىغان يېرىدىن ئۆتۈپ كەتتىممۇ قانداق
راسكەن ،سىننى كۆرۈپ بولغۇچە تۆت قىتىم ئەسنىدىم ،قىززىق ئىش دېسە بۇ ؟!!
بۇ ھەقىقەن راس ، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بۇ توغۇرلۇق خەۋەرلەرنى كۆگەنتىم ، لىكىنغۇ سىنىپتا ھەرقانچە ئەسنەپمۇ بىرە قىتىم مالىمنى ئۇخلىتاممىغان :-D
مەن ئەسنىمىدىم. ئازىراق كەلدى بىراق ئۈمەللىگىدەك ئەمەس .
ۋاي نەدىكىنى ، مەن ئەسنەپمۇ قويمۇدۇم ، قارىغاندا ئىممۇنت كۈچۈم قالتىس يۇقىرى ئوخشايدۇ
ئادەم قېرىغاندا ئۇيقۇسى ئازلاپ قالىدىغان ئوخشايدۇ، ھېچ ئەسنەك تۇتمىدى مېنى.
بەشنى ئەسنىدىم ئەتتە كوچىدا بىرسىناپ باقايچۇ
ۋاي بولمايدىغان ئىشكەن بۇ ،ھەر ئەسنىسەم كۈزۈمدىن ياش قۇيۇلۇپ…. ئاران تۈگەتتىم بۇ سىننى….
ئەمدى قوپقان
راسلا ئەسنەك تۇتتىغۇ …… نەچچە قېتىم ئەسنىۋەتتىم
ۋاي راستتىنلا يۇقۇش نىسبىتى يۇقىرى ھەم تېز يۇقىدىكەن !!!
ئادەملەرگىلا ئەمەس ھايۋانلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن ئەمەسما بۇ !
ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مۇدىرىمىز ناھايتى قىززىقچى ئىدى. بىر قېتىم دەرسخانىدا ئەسنەپ سالساق مۇئەللىمىمىز كۆرۈپ قېلىپ، ماڭا قارا باللا ، ئەسنەشمۇ كۆچىدۇ. تولا ما سىنىپ ئىچىدە ئەسنەش رادىئاتسىيسى قويۇپ بېرىشمە !. قويۇپ بەسەڭمۇ رادىئاتسىينىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئېغىزىڭنى توسۇپ ئەسنەش، بوممىسا باشقىلامۇ ساڭا قاراپ رادىئاتسىيە قويۇپ بېرىپ سالىدۇ … دېگەندە ھەممە باللا كۈلۈشۈپ كەتكەن ئىدۇق…
كېيىن مۇشۇ توغرسىدا گەپ بولۇپ سىنىپتا ئولتۇرۇپ سىناپ باققان. ئەسنەش ھەقىقەتەن يۇقىدۇ… مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن.
ئەمما ھازىر ماۋۇ سىننى كۆرۈپ ماڭا ھېچقانداق ئەسنەك كەلمىدى… قارىغاندا ئىممۇنت كۈچۈم يۇقىرلاپ كەتكەن چېغى…
قارىغاندا مېنىڭ ئىممۇنىت كۈچۈم يۇقىرى ئوخشايدۇ. ئەسنەك كەلمەي كۈلكە كېلىۋاتىدۇ. يەنە ئەسنەيدىغاندەك ئەمەس.
مەن ئەسنىمىدىم. بەلكىم بەك چارچاپ كەتسىمۇ ئەسنەك تۇتمامدۇ نېمە ئادەمنى. سىرتتىن ئۆيگە ئاران كېلىپ ھاردۇقتا يانپاشلاپ يېتىپ كۆرگەنىدىم……
مەنمۇ ئەسنىمىدىم ئاخىرقى ئىتنىڭ قىززقكەن .
بىلىشىمچە باشقىكلارنىڭ ئەسىنىگىنىنى كۆرۈپ ئەسنىگەن كىشىلەر ئاساسەن ئۇچۇق مىجەز ۋە مۇڭداشقاق كىشىلەر توپىدىن بولىمىش . مەن يا مۇز چىراي بوپ كەتكىلى تۇدۇم يا ئىمۇنت ئىقتىدارىم بەك يۇقىرى ، گەرچە شۇنچە ئۇيقۇم كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا ئەسنىمىدىم .