يەنە بىر قېتىم «غەرىبكە ساياھەت» قىلىپ باقايلى[30 يىل بۇرۇن ئىشلەنگەن «غەرپكە ساياھەت» خاتېرىسى]
بەلكىم دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن «غەرپكە ساياھەت» ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ھازىرمۇ ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك؟ بەزىلىرىمىزنىڭ بالىلىق ۋاقتىدا كۆرگەن تۇنجى فانتازىيەلىك فىلىمى بەلكىم مۇشۇ سۈن مايمۇننىڭ فىلىمى بولسا كېرەك(ئەمەلىيەتتە مەن كۆرگەن تۇنجى فانتازىيىلىك فىلىممۇ شۇ). تۆۋەندىكى فىلىمدە ئەينى ۋاقىتتا بىز ياقتۇرۇپ كۆرگەن، غەرپكە نوم ئەكەلگىلى ماڭغان «ئۇستاز-شاگىرتلار»نىڭ سەپەر جەريانىدىكى بىز كۆرمىگەن جاپا-مۇشەققەتلىرى خاتىرىلەنگەن.
ئىشىنىمەنكى، 10 مىنۇت ۋاقىت سەرىپ قىلىپ مەزكۇر فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن 30 يىل بۇرۇنقى فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ.
تەھرىردىن قوشۇمچە: كىرىشتۈرۈڭ دېسە مۇشۇنداقمۇ كىرىشتۈرىۋېتەمدۇ؟! 1:01 لىق يېرىدە يارقىن نۇقتا بار
تورداش مەنسۇرنىڭ تەۋسىيەسىگە كۆپ رەھمەت
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۆتمۈش، سەپەر، سىن، فانتازىيە، قىزىقارلىق، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 35,050 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ghepke-sayahet-fun-movie.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھوللىيۋود فىلىملىرىنىڭ سەۋىيەسىدە ئىشلەنگەن قىسقا CG فىلىم: شەپەرەڭ پالۋان – ئاركھامنىڭ پەيدا بولۇشى
- كېيىنكى يازما > دۇنيادىكى يۇقۇمچانلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئادەت، 99% ئادەم بۇ تىكوغا دەسسەپ كېتىدۇ
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
سەھەردە 7-قىتىملىق دىۋاندا ئولتۇرۇش پۇرسىتى。。。。。…
بوپتۇ بالام چىڭ ئوتتا دىۋاندا بەختىڭنى تاپاسەن، . قېرىلار كەلسىمۇ بوشاتما ئورنۇڭنى
پەگا
پەگامۇ ئاشمىغۇدەك، بولاپتۇ قېرىغاندا ئىشىك تۈۋىدە بوسىمۇ تۇراي، ھازىرقى باللا چوڭ دادىلاردىنمۇ تۆر تالىشىدىغان بولاپ كەتتى
مەنمۇ قېرىپ قالدىم، بۇ پىلىم دەسلەپ قويۇلغاندا مەھەللىدىكى ئۇششاق باللا قوشنىمىز قۇناخۇننىڭ ھويلىسىدا ئوتتۇراپ كۆرەپ كېتەتتى، بۇ قۇنەك شۇ چاغلاردا مۇشۇ كىنونىڭ بانىسدا لەڭپۇڭ سېتىپ خېلى ئوبدان پۇل تاپقان، ئىشقىلىپ ژىلدا تەتىلدە مۇشۇ كىنو باشلانسا قۇناخۇننىڭ ھويلىسى ئاۋاتلىشىپ پىت بېسىپ قالغان لەڭپۇڭلىرى بازا تېپىپ قالاتتى، شۇ ۋاقلىغا سېلىشتۇغاندا جىق ئۆزگىرىشلە بولاپتۇ، لېكىن ما قۇناخۇننىڭ تورغا چىقىشنى ئۆگىنىۋالغىنى ھېسابقا ئاممىغاندا ھېچ ئۆزگىرىش يوق بۇ مەخمەلۋاش ئوغرىدا قېرىماي شۇ پېتى تۇرىدۇ يانا تېخى تورغا چىقىپ نەۋرىسىدەك قىزۋاللا بىلەن قى قى دا پاراڭلىشىپ جۈرەمىش.
ۋوي بۇ ھېلىقى ئىزدىنىشتىكى لەڭپۇڭچى قۇناخۇن گىپىما ؟
قۇنەككامنىڭ لەڭپۇڭى بەك ئوخشايتى ئەمما ، قۇناكامنىڭ ھويلىسىغا ۋۇكۇڭنى كۆرگىلى چىگەنلىنىڭ ئارىسىدا مەنمۇ باتىم ، بىژ قېتىم لوبو تۈگەپ كىتىپ تاۋۇزنىڭ شاپىقىنى قىرىپ لوبو مۇشۇ دەپ لەڭپۇڭغا سېپ بەسە يەپتىكەنمىز
شۇ، شۇ ئوغىرىنىڭ گېپى بولمامدۇ بالام، ئۇ چاغلىدا كىچىكتىڭ، ئاچىماق ئىشتان كىيىپ ئويناپ جۈرۈيتۈڭ مانا ئەمدى تورغا چىققۇدەك بوپسەن،
ھە بالام راسىت ئا مەخمەلۋاش ئوغىرىنى كۆرەپ قاساڭ دەپ قويغىن مەھەلىگە يېنىپ كېلىپ قىزىنى ئەگە بەسۇن، بىلىسەن ھېلىقى بى قىزى با خېرىدارغا لەڭپۇڭنى ئاپىرىپ بوغىچە سۈيىنى ئىچىۋالىدىغان، بى چاغلىدا دادىسىغا ئەگىشىپ ئۈرۈمچىگە چىقىپ ناۋامۇ چاۋامۇ بى بىجنىمىگە قاتنىشىپ ئالا تاغىل تولاپ جۈگەن، شۇ قىزىغا يېقىندا ئەلچى كەپتىكەن، بىز مەلە كوي سۈرۈشتۈسەك ئۇ بالا ئانارخان پىلىمىگە رولغا چىققانمىش، ما دادىسى قۇنەك يوق، سۈرۈشتۈسەم ئىزدىنىش دەمدۇ بى توربەتكە چىرىپ تورخۇمار بولاپ ئۇنى بۇنى يېزىپ توردىكى قىزۋاللىغا باكاغا لەڭپۇڭ سەپ بېرىپ جۈرۈپتۇدەك
ماۋۇ گەپلەر بەك كەپتۇ جۇما…. چوڭ دادىمىز گەپكە خېلى ئۇستىكەن جۇما…
ۋاي، ۋاي… ئاستىدىكىنى كۆرۈپ سەت كۈلۈپ كەتتىم … بەك ماسلاشتۇرۋېتىپتۇ جۇمۇ…
شۇنى دەيمە بەك كەلتۈرۋىتىپتۇ جۇمۇ
ئاستىدىكى سەت كەپكىتىپتۇ ھە ، ھىلىقى بىر چاغدا قىزىل خورغا جىكسون قارىنىڭكىنى كىرىشتۇرۇپ قويغىنى يادىمغا كەپ قالدى
غەرىپكە ساياھەتنىڭ رومانىنى قايسىڭلا ئوقۇپ باقتىڭلا ؟؟ بۇ روماندا تەسۋىرلەنگەن جىن ئالۋاستىلار دەل بىز ئويغۇرلار ! تاڭسىڭ چاڭئەندىن يولغا چىقىپ كەڭسۇ (ھازىرقى گەنسۇ) ، قۇمۇل ، تۇرپان ، كورلا ، ئاقسۇ ، ئاخىرىدا قەشقەردىن كەشمىرگە چىقىپ ئاندىن ھىندىستانغا بارىدۇ ! روماننىڭ تۇنجى نەشرىدىن 5- نەشرىگىچە تېپىلىپ قالسا ئوقۇپ باقاسىلە ! بەزى جايلىرى قان قۇستۇرىدۇ ئادەمنى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇر زىمىنى شىنجاڭ ، گەنسۇ قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى ، ھازىرقى دۇنخۇاڭ مىڭ ئۆيلىرىنى شۇ زاماندا ئۇيغۇرلار ياسىغان …..
روماندا يۇقارقى گەپ سۆزلەر ئۇچۇق چىقمايدۇ ، لىكىن قۇغۇن ماكانى ، يالقۇنتاغ ، جەنۇپقا كۆچكەن ياۋايىلار دېگەندەك سەپەر يۆنىلىشى قاتارلىق بىر قىسىم ئۇچۇرلار چىقىدۇ ، تاڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتىكەن ، سەئىدىيە خانلىقى زامانىسىغا توغرا كېلىدۇ ، قاراخانىيلار سۇلالىسى زامانىسىدا ئىسلام دىنىغا كىرگەن ….
ئاۋۇ سەئىدىيە خانلىقى دېگىنىم خاتا بولۇپ قاپتۇ ! ئۇيقۇچىلىقتا خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن ، سەئىدىيە خانلىقى 1500-يىللار ئالدى كەينىدە قۇرۇلغان بولۇپ ، مىڭ سۇلالىسى بىلەن دەۋىرداش ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن دەۋىرداش بولغىنى تۇرپاندا قۇرۇلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ……
بىر چاغلادا كۈلۈپ تىلقىپ قالغان بىر نەرسە باتى سىلەمۇ كۆرەپ بىقىڭلا
http://www.56.com/flashApp/out.13.05.20.d.swf?player_key=v&from=out&vid=NTQxMjA0NDY&ref=&swfhost=www.56.com&loading_deco_version=off
ۋاي بالام نېمىكى دەپتىمە، سەن قالدۇرغان ئادىرىستىكى قىزىل ئارمىيە سىنىنى نەۋرەم تەدبىركار ئاكاڭ بۇنىڭدىن ئۇزۇن ژىللار ئىلگىرى مۇشۇ تورىغا يوللاپ بولغان ئىدى، سەن يەنە يوللاپسەن، قېرىغاندا ئىدەمنى تولا يول ماڭدۇرمىساڭ بولمامدۇ بالاموي، ئاھــــــــــاي ….
دەپتۇغۇ ئاينا بى چاغلاردە دەپ قوشۇپ قويۇپتۇ. قېرىغاندىزە، پۇتاقچى بوپقالىدۇ دىسە ئىشەنمەپتىكەنمە، ئەمدى ئىشەنمەي ئامالىم نە چارىدۇر ….
شۇنى دەيمە ، بىز چوڭ دەپ كچىكلەرنى ئۇنداقمۇ خىجىل قىماڭ ئەي
ۋاي ما ئىككىنچىسى كىرىشتۈرگەن سىنمۇ يا شۇ مۇزىكىنىڭ ئۆزىنى ئورۇنلىغانمۇ؟
(2_سىن)قىزىل ئارمىيە ھەرگىز تىز پۈكمەيدۇ. كۆرگەنسىلەر ئەمدى قىزىل ئارمىيىنىڭ قايتۇرما زەربىگە ئۆتكىنىنى…..
مەن بىرمىنۇتلۇق يىرىدىن ھىچقانداق ئالاھىدىلىك تاپالمىدىمغۇ…
مەن بىرمىنۇتلۇق يىرىدىن ھىچقانداق ئۆزگىچىلىكنى بايقىمىدىمغۇ…
بالام، ئاشۇ بىژ مىنۇتلۇق يېرىدىن ئازىراق ئۆتەپ بوغاندا قايلىساڭ ئا دېرىجور ژىتىمنىڭ چۈشكۈگىسى كېلىپ تاس قاغان پوتلىسى چۇۋۇلۇپ كەتكىلى، ئەپلەپ ئۆتەپ كەتتى ئۇ يېرىدىن بىژ مىنۇتلۇق يېرى دەپ شۇۋەنى دېدىمىكى دەيمەنغۇ
پاھ پاھ كىرىشتۇرە مۇشۇنداق كىرىشتۇرە كىيىنكى سىننى ‹ سۇنۋىكىڭنىڭ يارۇپادىكى چۇشى › ماۋزۇ قۇياپ مەركىزى ئىستانسىدا قۇيسا چانمىغۇدەك ھە خۇماداشلار
ماۋۇ بوۋاش ( بوۋا+ش، چوڭ دادا دىمەكچى، داداش دىگەندەكچۇ :lol) قاچاننىڭ ياقى پەيدا بولدى ماۋۇ يەرگە. چەتنىڭ رادىيوسىدەك ھەممىنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تىپىپلا كەۋاتىدۇيا …:
كونا تورخۇماردىن بىرەرسى قىززىقچىلىق قىلىۋاتسا كېرەك
ئەركە بالام ھەممە گەپكە ئارلاشسام، ئەركىن ئازادە ئەكىلىيەلمەي قاغان ئوخشىمامسە، ئەكىلەپ جۈرىۋەمە بويۇڭغا يېتىپ قالدىڭ
ئىزدىنىش ئېچىلماي بەك بىئارام قىلدى ھە باللا.
ئېچىلدىغۇ ، تۆنۈگۈن ئاچسام ساپساقلىغۇ ئىزدىنىش
ئۆزىنى قېرى چاغلايدىغان ياشتىن بىرەرسى قىزىقچىلىق قىلۋېتىپتۇدە ئاۋۇ ئىككىنچى سىندىكىدەك……
ياپياش تۇرۇپ رۇھىي جەھەتتىن تۈگۈشۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ
ۋاي بالام نىمە دەپ جۈرۈيدىغانسە مايماق بالام، روھىم خېلى ساغلام مېنىڭ، كۆڭلۈڭنى بۇزما بالام، مايماق تۇغۇلۇپ قېلىشىڭ سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس.
ئاستىدىكى سېننىڭ بىشىدا چىقىدىغان ماۋزۇسىنى (مۇزىكىنىڭ ئىسمىنى) گوگىلغا تەرجىمە قىلدۇرسام «غەرىپكە ساياھەت»دەپ تەرجىمە قىلىپ بەردى خەنزۇچىغا .گىرمان يېزىقىكەن .
دېمەك بۇ كىرىشتۈرگەن مۇزىكا ئەمەس ، نەقمەيدان ئورۇندىغان مۇزىكا …
خاتالىشىپتىمەن ،ئىنكاسىم ئۆچۈرۈلسۇن …
چاپا تاتقانغا چۈشلۈق يەنىلا كونىسى ياخشى چىقىپتۇ.
راس كونىسى ياخشىكەن ھازىرقىنى بولسا كومپىيوتىردىلا كىرىش تۇرۋېتىدىكەن ئەمەس مۇ
يەنىلا كونىسىغا يەتمەيدۇ! تېخنىكا يۇقۇرى بولغان بىلەن چىنلىق يوقتۇر.